ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » كۆكتاتلار
ئاڭلاپ باقمىغان بۇ كۆكتاتنى ياراتماي قالماڭ، پايدىسى كۆپ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-20كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇرمۇشتا، گۈزەل مەنزىرە بىلەن مەززىلىك تائامنى ئۆتكۈزىۋىتىپ قېلىشقا بولمايدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقىدىن سۇغۇق سەي تەييارلاشنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، تاتلىق ياڭيۇنى ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، خەلق ئارىسىدا "تاتلىق ياڭيۇنىڭ پايدىسى ئادەمگىياھقا يىتىشىپ قالىدۇ"دىگەن قاراش بار؛ بىراق سىزنىڭ بىلمەيدىغىنىڭىز، تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقىنىڭمۇ ئادەتتە ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاشلا يۇقىرى بولۇپ، ئىستىمال قىلىشقا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.
   ئۈستىدىكى بۇ رەسىم، دەل تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقى بولۇپ، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مىۋىسىنىڭ (تاتلىق ياڭيۇنىڭ) ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يۇپۇرمىقىنىڭمۇ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى؛ تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، يىيىشلىك، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئاددى. شۇڭا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقىدىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   ئادەتتە، تاتلىق ياڭيۇغا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش كەتمەيدۇ؛ ھازىر، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش كەتمەيدىغان يىمەكلىكلەردىن پەقەت ياڭيۇ بىلەن تاتلىق ياڭيۇلا قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاتلىق ياڭيۇ ۋە تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقى، تەبىئى يىشىل يىمەكلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
   ئالدى بىلەن، تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقىنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلايمىز؛ قازاندا سۇ قاينىتىپ، تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقىنى سېلىپ ئىككى مىنۇت قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىۋالىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، سۈيىنى سىقىۋەتكەندىن كىيىن، بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەخسىگە ئالىمىز؛ ئۈستىگە كۈنجۈت مېيى، تۇز، قىزىلمۇچ مېيى ۋە سامساق چانالمىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرساق، تەملىك بولغان تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقى سۇغۇق سېيى تەييار بولىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەردە، كۈز كىرگەندىن كىيىن ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا، كۈز پەسلىدە ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، كۈندە بىر تال تاتلىق ياڭيۇ يەپ بەرسىڭىز، ياكى تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقىدا سۇغۇق سەي تەييارلاپ يەپ بەرسىڭىز، ئاشقازاننى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز. بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، تاتلىق ياڭيۇنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندە ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىدۇ؛ بۇندىن باشقا، كۈزنىڭ كۈنلىرى شورپا ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بىرىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号