ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
سۈت رەڭلىك بېلىق شورپىسىنىڭ تەمى ياخشى ھەم ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-21كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئوتخور بېلىق، گۆشى تەملىك، ئەمما ئۆز ئەرزان؛ بۈگۈن كۆپچىلىككە ئوتخور بېلىقنى سۇدا قاينىتىپ شورپا تەييارلاپ ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    ئوتخور بېلىق، ئۇچلۇق كۆكمۇچ، غول پىياز، زەنجىۋىل
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    يىمەكلىك مېيى، تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    بېلىقنى ئادالاپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، تۇمۇشقىدىكى ئۈزگۈچىسىنى كىسىپ ئېلىۋىتىمىز.
    ئوتتۇردىن ئىككى ياتا قىلىۋالغاندىن كىيىن، بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.

Step 2
   توغراپ تەييارلىغان بېلىقنى تۇزلاش ئۈچۈن، ئىككى قوشۇق تۇز قوشىمىز.
   بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى قوشىمىز.
   غولپىياز مايسىسىنى توغراپ بېلىقنىڭ ئۈستىگە قوشىمىز.
   قولىمىز بىلەن تەكشى مىجىپ، 20مىنۇت ئەتراپىدا تۇزلايمىز.

Step 3
   ئۇچلۇق كۆكمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە توغراپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛

Step 4
    قازانغا ئۈچ چۆمۈچ ياغ قۇيۇپ، تازا قىزىغاندىن كىيىن، تۇزلاپ تەييار قىلغان بېلىقنى تىرىسى تەرەپنى ئاستىغا قىلىپ قازانغا سېلىپ، كىچىك ئوتتا داغلايمىز.
    بېلىقنىڭ تىرىسى ئالتۇن سېرىق رەڭگە ئايلانغاندىن كىيىن يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ، يەنە ئىككى مىنۇت داغلايمىز. بېلىقنى بۇنداق داغلىۋەتسەك، شورپا قايناتقاندا ئۇۋۇلۇپ كەتمەيدۇ.
    داغلاپ بولغاندىن كىيىن، قازانغا بېلىق گۆشى چۆكۈشكىچىلىك قايناقسۇ قۇيىمىز.
    پارچە ھالەتتە توغرالغان زەنجىۋىلنى سالىمىز.
    تۇۋاقنى يېپىپ، چوڭ ئوتتا 8 مىنۇت قاينىتىمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، چوقۇم قايناقسۇ ئىشلىتىڭ.

Step 5
    8مىنۇتتىن كىيىن تۇۋاقنى ئاچساق، بۇ ۋاقىتتا بېلىق شورپىسى سۈتتەك ئاق كەلگەن بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا قازانغا 2 قوشۇق تۇز قوشىمىز.
    توغرالغان كۆكمۇچنى سالىمىز.
    تۇۋاقنى يېپىپ يەنە ئىككى مىنۇت قاينىتىپ، بېلىق گۆشىگە تەم كىرگۈزىمىز.
    2مىنۇت توشقاندىن كىيىن تۇۋاقنى ئېچىپ، شورپىنى قاچىغا ئۇسساق بولىدۇ.

Step 6
    بېلىق شورپىسىنىڭ بۇنداق سۈتتەك ئاق بولۇشىدىكى سىر، قوشقان قايناقسۇ بىلەن چوڭ ئوتتا قاينىتىش ئۇسۇلىمىزدا؛ بۇ خىل شورپىغا، بۇندىن باشقا يەنە دۇفۇ، تۇرۇپ قاتارلىقلارنى قوشساقمۇ بولىدۇ؛ تەمى ئازراق ئاچچىق، ئەمما ئىشتىھانى ئاچىدىغان ھەم ئۇزۇقلۇق يەتكۈزىدىغان كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号