ياز كۈنلىرىدە، تاماق يىگەندە يىڭىچە تەمدىكى چىلىغان كۆكتات قوشۇپ يىسىڭىز، سىزگە باشقىچە تېتىشلىق تۇيىلىدۇ. تۆۋەندە بىز تەييارلىنىشى ئاددى ئەمما تەمى ياخشى كەلگەن بىر خىل چىلىغان كۆكتات تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
كىتەرلىك ماتىريال:
ھېسىۋىلەك، سامساق، يىڭى سوڭپىياز، تۇرۇپ، تۇز زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاق شىكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ھېسىۋىلەكنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ، توغراپ ئارلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان داسقا سالىمىز. كەينىدىن ئۈستىگە ئىككى قوشۇق تۇز تۆكۈپ، قولىمىزغا پىلاستىر پەلەي كىيىپ تۇرۇپ، تۇزنى ھېسىۋىلەك ئۈستىدە يىنىك بېسىپ بىرىمىز. داسقا ھېسىۋىلەك پۈتۈنلەي چۆكەشكىچىلىك سۇ قۇيىمىز؛ ( ھېسىۋىلەكنىڭ ئۈستىگە تەخسىدىن بىر نى قويۇپ بېسىپ بىرىشىمىز كىرەك) ؛ مۇشۇ ھالەتتە 3 سائەتتىن ئارتۇق قويىمىز، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاخشام قويۇپ قويۇش كىرەك؛ بۇ جەرياندا بەسەينى ئىككى ئۈچ قېتىم ئۆرپ مالتىلاپ بىرىش كىرەك.
2. تۇزلاپ تەييار قىلغان ھېسىۋىلەكنى ئۆتكۈزگۈچكە سېلىپ، سۇدا چايقايمىز؛ چايقاپ بولغاندىن كىيىن، ئۆتكۈزگۈچ تورى بىلەن ھېسىۋىلەكنى ئېلىپ بىر ياندا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قۇرىتىمىز.
3. پىيالىگە شىكەر ۋە قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ، ئۇنىڭغا بىر قۇشۇق سۇ قۇيۇپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلگىچىلىك قوچۇيمىز؛ يەنە بىر چىنە تەييارلاپ، ئىككى ئىستاكان سۇ ۋە بىر قوشۇق تۇزنى تەڭشەپ، ئېشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويىمىز.
4. تۇرۇپ، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىكتە توغراپ، ھېسىۋىلەك بىلەن بىللە، ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان داسقا سېلىپ، ئالدىدا تەييار قىلىۋالغان قىيامنى ئۈستىگە قۇيىمىز. ھەمدە قىيامنى كۆكتاتلارنىڭ يۈزىگە تەكشى سۇۋايمىز
5. تەييار بولغان چىلانغان كۆكتاتنى باشقا قاچىغا سېلىپ، 3- باسقۇچتا تەييار قىلغان تۇز سۈيىنى ئۈستىگە قۇيىمىز ھەمدە قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، سىرتتا كۈن نۇرۇ چۈشىدىغان جايدا بىۋاستە 24 سائەت ئاپتاپقا سالىمىز؛ 24 سائەتتىن كىيىن قاچىنىڭ ئېغىزىنى ئاچساق، ئازراق پۇراپ قالغاندەك پۇراق چىقسا، كۆكتاتنى توڭلاتقۇغا يۆتكەپ، يەيدىغان ۋاقىتتا توڭلاتقۇدىن ئېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ساغلام يىم
كونىلاردا، "بىر ئاقلىق، باشقا ھەممە ئىۋەنلەرنى يېپىپ كىتەلەيدۇ" دىگەن گەپ بار. نۇرغۇن كىشىلەر تىرىسنىڭ تېخىمۇ ئاق ھەم يۇمران بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بولۇپمۇ گۈزەل
ھازىر مۇھەببەت ئەركىنلىكى دەۋرى، مەيلى ئەر-ئايال ياكى قېرى-ياش بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى قوشلىشىش ھوقۇقى بار؛ يېشى چوڭىيىپ بىريەرگە بېرىپ قالغان تەقدىرد
توي تۇرمۇشىدا، بىر ئادەم سىزگە ھەرقانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ساداقەتسىزلىك قىلسا، ئۇنى ئاساسى جەھەتتىن بىر بىلەت ئارقىلىق ئىنك
ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ھەرقانداق بىر خىل ئەخلەپ يىمەكلىكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا كۆ
كەپسىز بالىلارنىڭ قىلمىشى گەرچە ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارىغاندا ئادەمنى تېخىمۇ ئاچچىقلاندۇرىدىغىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ پوزۇتسىيىسىدۇر.
ئىجتىمائى ئالاقە سەھنىلىرىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، پەقەت بەلگىلىك مىقداردىكى قوغلاشقۇچىلارغا ئىگە بولسىلا ھەمدە بەزىبىر ئېلان سودىگەرلىرى ياردەملىشىپ ئۇچۇر تارقى
سۈت پاراشوكى ئىچكىلى ئۇنىمايدىغان بوۋاقلارنىڭ بەختى! بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، ھېچقانداق قوشۇلما ماددىلىرى بولمىغان ئۇششاق يىمەكلىك بولۇپ، چوڭلارمۇ ئۆزىن
تۇغۇت، ئاياللارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىش؛ ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇغقان بالىسىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇلار تارتقان جاپاسىنىڭ ۋە ئاغرىقىنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ.
مۇھەببەت جەريانىدا، ئىرىشىش ياكى يوقىتىشتىن ئەنسىرەش، كۈنلەش قاتارلىق بۇ خىل تۇيغۇ، پەقەت مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن بار بولىدۇ.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1 新公网安备 65010202000516号