ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك سوغوق سەيلەر

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك سوغوق سەيلەر » چىلانغان سوغاق سەيلەر
چىلىغان كۆكتاتنى بىر كۇندە تەييارلىيالايسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-16كۆرۈلىشى : قېتىم

   چىلىغان كۆكتات ئۆزى تەملىك، ماينى باسىدىغان بولۇپ، تاماققا قوشۇپ يىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ خىلدىكى ئارلاشقا چىلىغان كۆكتاتنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ، بىر ئاخشام چىلاپ قويساقلا يىيىشكە بولىدۇ؛ تەمى يىڭى، ئىشتىھانى ئاچىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

2.jpg

تەييارلاش ئۇسۇلى:

   1. ماتىريال تەييارلاش. كاللەك سەي، كەرەپشە، سەۋزە، ئاق تۇرۇپ، زەنجىۋىل، كىچىك قىزىل مۇچ.

3.jpg

   2. بارلىق ماتىرياللارنى يۇيۇپ پاكىزلاپ سۈيى قۇرىغاندىن كىيىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ماي يۇقى بولمىغان داسقا سالىمىز.

4.jpg

   3. داسقا ئىككى قوشۇق تۇز سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن، بىر سائەت ئەتراپىدا قويۇپ تۇزلايمىز.

5.jpg

   4. چوڭراق چىنىدىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ قوشۇق تۇز، ئىككى قوشۇق ئاق شىكەر، تۆت قوشۇق ئاق سىركە، 2 قوشۇق مۇچ سۈيى، يېرىم چىنە سوۋىتىلغان قايناقسۇ قويۇپ، قوچۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، بۇ ۋاقىتتا كۆكتاپ چىلايدىغان سۇ تەييار بولغان بولىدۇ.

6.jpg

    5. كۆكتاتلارنى تۇزلاپ بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن سۇ يېغىلىپ قالىدۇ؛ رەسىمىدىكىگە ئوخشاش يېغىلىپ قالغان سۇلارنى تۆكىۋىتىمىز.

7.jpg

   6. تەييارلىغان بارلىق كۆكتاتلارنى ۋە كۆكتات چىلاش سۈيىنى بىر يىڭى ساقلايدىغان تاماق قاچىسىغا سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، قاچىنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر ئاخشام قويۇپ قويساقلا يىيىشكە بولىدۇ.

8.jpg

    7. يىگەن ۋاقىتتا ئازراق قىزىلمۇچ مېيى سېپىۋەتسەك تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

9.jpg

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号