ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » پىشۇرۇقلار
ئالمۇتا گۈل قىيىقچا
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-08-17كۆرۈلىشى : قېتىم

خام ماتىرياللار: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە،  شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
1.    ئالدىبىلەن بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن ئۇنغا ئاز - ئازدىن تۆكۈپباشقا ھېچقانداق نەرسە ئارلاشتۇرماستىن نۇرمال چىڭلىقتا خېمىر يۇغۇرىمىز، 10 - 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن ياڭاق چوڭلۇقىدا ئۇششاق زۇۋۇلا ئۈزۈپ بىردىن - بىردىن تەكشى ھەم نېپىز يايىمىز، 
2.     چوقۇم يۇمۇلاق چىقسۇن. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەتراپىنى چوڭراق چىشلىق غالتەكسىمان كەسكۈچ بىلەن گۈل چىقىرىپ كېسىۋالساق كۆركەم چىقىشقا پايدىسى بار. قازانغا ماي قۇيۇپ ياخشى داغلاپ تىمپۇراتۇرىسىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن يېيىپ تەييارلىغان خېمىرنى تەكشى قىلىپ ھەر بىر كىسىش
ئارلىقىنى 1سانتىمىتىر قىلىپ تەكشى كىسىۋالىمىز

3.     كىسىپ تەييار بولغان خىمىرنى ئىككى يۈزىنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ تەييارلاپ. جۈپلىگەن تەرەپتىن ئىككى يەردىن ئەگمە شەكىلگە كەلتۈرۈپ يىپىشتۇرپ قىززىغان سۇمايغا ئاستا-ئاستا سىلىپ پۇشۇرۇپ تەييارلايمىز
4.     پۇشۇرۇپ تەييار بولغان قىيقچا ساڭزىنى ئەگمە ھالىتى بىلەن تەكشى قىلىپ يۇمىلاق تەخسىگە تەكشى تىززىپ مۇنار شەكىلگە كەلتۈرۋالىمىز.
5.     تىززىپ بولغان قىيىقچا سەڭزا ئۈستىگە ئاپئاق شىكەر ئۇنىنى تەكشى چىچىپ تەييارلاپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
6.     ئەسكەرتىش: قېيىقچا قازاندا قېتىۋالسا ياكى ئالغاندىن كېيىن قۇرۇپ قالسا قاتلاش يۇمىلاق قىلىپ تىززىش قىيىن بولىدۇ، شۇڭا مايغا سالغاندىن كېيىنلا دەرھال سۈزىۋىلىپ 2ۋە3مىنۇتلام تۇرغۇزۇپ تىزىۋالىمىز. پىشماي قېلىشتىن ئەنسىرىمەڭ، چۈنكى جىلىتنى ھەم تەكشى ھەم نېپىز ئېچىۋالىسىز.

ئالاھىدىلىكى: 
 تەمى تاتلىق، چۈرۈك، رەڭگى ئاق، شەكلى كۆركەم بولۇپ ھېيتلىق داستۇرخىنىڭىزنىڭ سەرخىلى بولالايدۇ.
پۇشۇرۇق ساھەسىدە تىخنىك خادىمغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز.ياكى پۇشۇرۇق سەھەسىدە ئۇچۇرغان قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلماقچى بولسئىڭىز پۇشۇرۇق ساھەسىدىن .مەسلىھەت سورىماقچى ۋە ياكى پىشرۇق ساھەسىدىن باشقۇرۇش.يىڭىلىق يارتىش. كەسىپ ئىگەللەش.يىڭى تۈر ئۇگۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئىھتىياجىڭىز بولسا ئاشپەز تور بىكىتىمىز  بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号