ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
داغلاپ پىشۇرۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-16كۆرۈلىشى : قېتىم
   پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى ھەم يىيىشلىك كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن خىل تەييارلاش ئۇسۇلى بار؛ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن تېتىپ باققان داغلاپ پىشۇرۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

كىتەرلىك ماتىريال
   پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، كۆكمۇچ، غولپىياز مايسىسى
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
   يىمەكلىك مېيى، تۇز، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
ئاۋال پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى بىر قول كەڭلىكى قېلىنلىقتا، تۆت چاسا شەكىلدە توغرايمىز.

Step 2
   قازانغا كۆپرەك ماي قۇيۇپ، ماي 8-7 ئۈلۈش قىزىغان ۋاقىتتا، توغراپ تەييار قىلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سېلىپ، ئىككى يۈزى سارغايغىچىلىك كىچىك ئوتتا ئاستاغىنە داغلايمىز؛

Step 3
   پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى داغلاپ بولغاندىن كىيىن، قازاندىن ئارتۇق ماينى ياندۇرۇپ ئېلىۋىلىپ، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، يېرىم چىنە سۇ، بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ، چوڭ ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ھال ئوتقا ئەكىلىپ تەڭشەپ قويىمىز.

Step 4
   قازاندىكى سۇ قايناپ يېرىمدىن ئازراقى قالغان ۋاقىتتا، يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە ئۇششاق توغرالغان قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچنى سېلىپ، ئۈستىگە ئازراق توخۇ تەم جەۋھىرى قوشىۋىتىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ نەچچە رەت ئۆرۈپ-چۆرۈپ قورىيمىز.

Step 5
   ئاخىرىدا ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسىنى ئۈستىگە سېپىۋىتىپ قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق، بۈگۈنكى داغلاپ پىشۇرۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەييار بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号