ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
بۇ قورۇما كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالمايدۇ، ئەمما پۇخادىن چىقىرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-29كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ھەمىشە يەيدىغان تاماق ئۈچۈن بېشىم قاتىدۇ؛ ئەلۋەتتە، بۇنداق بولۇشى يەيدىغان نەرسە يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى نىمە يىيىشنى بىلەلمەي ئويلىنىپ قېلىشتىندۇر. خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن، كەچتە ئۆيگە قايتىپ تاماق تەييارلىغاندا، ئاددى، تەملىك، ئۇزۇقلۇقى مول بولۇش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىش كىرەك؛ چۈنكى، بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، يەنە بىر ۋاخ ھەشەمەتلىك نازۇ-نىمەتلەرنى تەييارلاش ئەمىلىيەتكە تازا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، ناھايىتى تىزلا تەييارلاشقا بولىدىغان تەملىك ئۆي تائامى، ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
   بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلەنمەكچى بولغان بۇ قورۇما، موگونى ئاساسلىق ماتىريال قىلىدىغان بولۇپ، قازانغا سېلىپ ئاددىيلا نەچچە مالتىلاپ قورىسىڭىز ئىش پۈتىدۇ. بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇزۇقلۇقى مول، تەملىك بولغان، مىفەن ۋە موما بىلەن قوشۇپ يىيىشكە ئوخشاشلا ماس كىلدىغان ئاددى بىر قورۇما تەييار بولىدۇ. ۋاقتىڭىزنى تىجەپ كەچلىك ئارام ئېلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئېغىز خۇمارىڭىزنى بېسىپ سىزنى پۇخادىن چىقىرىدۇ ۋە ھارغىنلىقىڭىزنى تۈگىتىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: موگو، كۆكمۇچ، غولپىياز مايسىسى، سامساق، قاقمۇچ، تۇز، ئاق كۈنجۈت، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەم: موگونى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ياپراقچە شەكلىدە توغرىۋالىمىز؛ كۆكمۇچنى قىر چىقىرىپ توغرايمىز؛ غولپىياز مايسىسى ۋە سامساقنى ئۇششقا توغراپ تەييارلايمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ ئالتە ئۈلۈش قىزىتقاندىن كىيىن، غولپىياز مايسىسى، سامساق، قاقمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن موگونى سېلىپ، چوڭ ئوتتا بىر مىنۇت قورۇيمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، موگونىڭ پۈتكۈل يۈز قىسمىغا ماي سىڭىشىپ كىرگەندىن كىيىن، قازانغا يېرىم چىنە سۇ قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ 2مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئىككى مىنۇتتىن كىيىن كۆكمۇچنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   تۆتىنچى قەدەم، ئاخىرىدا ئۇسۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن، ئازراق ئاق كۈنجۈت، تۇز ۋە يېرىم قۇشۇق كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن، تەكشى ئارىلاشتۇرۋىتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق، بۈگۈنكى موگو كۆكمۇچ قورىمىسى تەييار بولىدۇ.
   موگونىڭ خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ تەمىنى سۈمۈرۈشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى قاتارلىق خۇرۇچ ماتىرياللىرى، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاسانلا تەم كىرگۈزەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号