ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار »  گوشسىز قورىمىلار
ئاچچىق-چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-23كۆرۈلىشى : قېتىم
    توڭلاتقۇنى ئېچىپ قارىسام، پەقەت ياڭيۇلا بار ئىكەن؛ بىراق ھېچۋەقەسى يوق، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر نەچچە خىل خۇرۇچلار بار بولسىلا، بۈگۈنكى ئاچچىق-چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسى قورۇمىسىنى تەييارلاشقا بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
     ياڭيۇ، قىزىلمۇچ، غولپىياز، يىمەكلىك مېيى
خۇرۇچ ماتىريالى
    ئاق ئاچچىقسۇ، شىكەر، تۇز



تەييارلاش ئۇسۇلى

Step 1
    قىزىلمۇچنى ئۈچ بۇرجەك پارچە ھالىتىدە، غولپىيازنى بۆلەك ھالىتە توغرىۋالىمىز.
Step 2
    ياڭيۇنىڭ پوستىنى ئاقلىۋىتىپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
Step 3
    توغرالغان ياڭيۇ قەلەمچىسىنى داستىكى سۇغا سېلىپ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن، 10مىنۇت چىلاپ قويىمىز.
Step 4
    ئون مىنۇتتىن كىيىن، داستىكى سۇنى ئالماشتۇرۇپ، يەنە ئون مىنۇت چىلىغاندىن كىيىن، ياڭيۇ قەلەمچىسىنى سۈزۈپ ئېلىپ قويىمىز.
Step 5
    قازانغا ماي قۇيۇپ، ئوتتۇراھال كىچىك ئوتتا قىزىتىپ، قىزىلمۇچ بىلەن غولپىيازنىڭ تەمىنى چىقىرىمىز.
Step 6
     ياڭيۇ قەلەمچىسى بىلەن توز قوشۇپ، ئوتنى ئوتتۇراھال ئوتقا تەڭشەپ، ياڭيۇ قەلەمچىسى پىشقۇچىلىك قورۇيمىز.
Step 7
    ئاخىرىدا، ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ ۋە شىكەر قوشۇپ، نەچچە مالتىلاپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号