ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار » بېلىق گۆشى قورىمىلار
قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق + پۇرچاق ئۇيۇتمىسى = ئىسىل تەم!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-22كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قوشۇپ تەييارلانغان قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەمىگە گەپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭلاشقا بىزمۇ ئارتۇق ماختاپ ئولتۇرماي بىۋاستە كونكىرتنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى!
كىتەرلىك ماتىريال
   تاپان بىلىق(鲫鱼)، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(豆腐)، سوڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساق
كىتەرلىك تەم خۇرۇچلىرى
   يىمەكلىك مېيى، تۇز، تېتىتقۇ ھاراق(料酒)، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، سۇلۇق كىراخمال، ئاق شىكەر، پۇرچاق قىيامى(豆瓣酱)

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
تاپان بىلىقنى پاكىزلەپ بولغاندىن كىيىن، يۈز قىسمىدا بىر نەچچە يەرنى كىسىپ قويىمىز؛ بۇنىڭدا تەم كىرمىكى ئاسان بولىدۇ.

ئۈستىگە بىرقەۋەت تۇز سېپىمىز.

ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى تۆكىمىز.

ئاخىرىدا قەلەمچە قىلىپ توغرالغان زەنجىۋىلنى ئۈستىگە سېپىپ، 20 مىنۇت قويۇپ تۇزلايمىز.

-Step 2-
قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، تۇزلاپ تەييار قىلغان تاپان بىلىقنى سالىمىز.
كىچىك ئوتتا ئاستاغىنا داغلايمىز؛ ھەر ئىككى يۈزىنى سارغايتىپ داغلاپ بولغاندىن كىيىن، قازاندىن ئېلىپ كىيىن ئىشلىتىشكە تەييار قىلىپ قويىمىز.

-Step 3-
يەنە بىر قازان ئېسىپ، ماي قۇيۇپ ماي قىزىغاندىن كىيىن، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل، پىياز ۋە سامساقلارنى سېلىپ تەمىنى چىقىرىمىز。
بىر قوشۇپ پۇرچاق قىيامى سېلىپ، قورۇپ قىزىل ماي چىقىرىمىز.

داغلاپ تەييار قىلىنغان تاپان بىلىق ۋە پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى قازانغا سالىمىز.

قازانغا، بىلىقنى پۈتۈنلەي يۆگىگىلى ئاز قالغانغىچىلىك قايناقسۇ قۇيىمىز.

ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز ۋە چوڭ توغرالغان بىر پارچە سوڭپىياز سالىمىز.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىپ، بىلىققا تۇلۇق تەم كىرگۈزۈمىز.

-Step 4-
ئارلىقتا بىلىقنى ئۆرۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم.

سۈيى قايناپ يېرىمدىن ئازراق قالغاندا سوڭپىيازنى سۈزۈۋالىمىز.

بىر قۇشۇق تۇز، يېرىم قۇشۇق ئاق شىكەر قوشىمىز.

ئىككى قوشۇق سۇلۇق كىراخمال قوشۇپ، سۈيىنى قويۇلدۇرىمىز.

ئاخىرىدا سوڭپىياز كۆكىدىن ئازراق توغراپ ئۈستىگە سېپىۋىتىپ قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

-Step 5-
   بىلىقنى داغلىغاندا ئەڭ ياخشىسى چاپلاشماس قازان ئىشلىتىش كىرەك، ئەگەر تۆمۈر قازان ئىشلەتسەك، داغلاشنىڭ ئالدىدا قازاننىڭ تىگىگە تۇز سېپىۋەتسەك، بۇنىڭدا قازانغا چاپلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号