ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار » كالا گۆشى قورىمىلار
بۇ قورىمىنى ئۈچ كۈن بولدى ئۇدا يەۋاتىمەن، بەك تەملىك ئىكەن!!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-20كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تەملىكلىكىدىن، ئاخىرىدا ئازراق سۈيىمۇ ئېشىپ قالمايدىغان، پەمىدۇر كالا گۆشى دۈملىمىسى تۇنۇشتۇرىمىز؛ ئارتۇق گەپ بىھاجەت، ئۆزىڭىز يەپ سىناپ بېقىڭ!
كىتەرلىك ماتىريال
   كالا پەش گۆش، پەمىدۇر
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   ناۋات، تۇز، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، قارىمۇچ، پەمىدۇر قىيامى، قوۋزاق دارچىن، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل، سامساق، غولپىياز مايسىسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
    كالا گۆشىنى توغراپ سۇغۇق سۇ قۇيۇلغان قازانغا سالىمىز؛
    ئۈستىگە ئازراق تېتىتقۇ ھارىقى، زەنجىۋىل قوشۇپ، غەلىتە تەمنى يوقىتىمىز؛
    سۇ قاينىغاندىن كىيىن، موزىلىرىنى سۈزىۋىتىپ، گۆشنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز؛
-2-
    قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا قىزىتقاندىن كىيىن، ئازراق ناۋات سېلىپ، ناۋات ئىرىگۈچە قورۇيمىز؛
    ئۈستىگە كالا گۆشىنى سېلىپ، رەڭگى ئۆزگەرگۈچە قورۇيمىز، كەينىدىن قوۋزاق دارچىن، زەنجىۋىل، سامساق، شاكال بەدىيانلارنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
    رەڭ ئۆزگەرگەندىن كىيىن، ئۈستىگە كالا گۆشى چۆكۈشكۈچىلىك ھالدا قايناقسۇ قۇيىمىز؛
    20گىرام شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، 10گىرام تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا يۆتكەپ بىر سائەت دۈملەيمىز.
-3-
    بۇ ۋاقىتتا پەمىدۇرنى بىتەرەپ قىلىمىز؛ پەمىدۇرنى پاكىزە يۇيغاندىن كىيىن، يۈزىنى قوشۇش شەكلىدە تىلىۋىتىپ، بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا بىردەم چىلاپ قويىمىز.

    قاچىدىن سۈزۈپ ئېلىپ، پوستىنى سويىۋىتىپ توغراپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛
-4-
    كالا گۆشىنى دۈملەپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستىگە توغرالغان پەمىدۇرنى قوشىمىز؛
    ئازراق پەمىدۇر قىيامى، تۇز، قارىمۇچ قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، يەنە 20مىنۇت قاينىتىمىز؛
    ئاخىرىدا، ئۈستىگە ئۇششاق چاناپ توغرالغان غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتسەك ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ؛
    تەييارلىغان كالا گۆشى يۇمشاق ھەم تەملىك، سۈيى تېتىملىق چىقىدۇ؛ ئازراق چۆپ سېلىپ، ئۈستىگە بۇ قورىمىنى ئېلىپ يىسىڭىز، سىزمۇ ماڭا ئوخشاش نەچچە كۈن ئۇدا يەيدىغان بولۇپ قالىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号