ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك قورىمىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك قورىمىلار » توخو گوشى قورىمىلار
ئەڭ يىيىشلىك توخۇ قورىمىسىنى ئاخىرى تېپىۋالدىم!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-26كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز كۆرنىشى رەڭگارەڭ، قارىماققىلا ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ ئەكىلىدىغان پەمىدۇر شەربەتلىك توخۇ قورىمىسى. كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، ئەگەردە ياقتۇرۇپ قالسىڭىز ماختاشنى ئۇنۇتماڭ!
كىتەرلىك ماتىريال
    قۇرۇق موگو، كۆك ۋە قىزىلمۇچ، ئۇششاق پەمىدۇر، زەنجىۋىل، توخۇ گۆشى
تەم خۇرۇچلىرى
    ئاق ھاراق، چانالغان مۇچ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، يىمەكلىك ماي

تەييارلاش ئۇسۇلى

-Step 1-
قۇرۇق موگونى پاكىزە يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، 20 مىنۇت ئەتراپىدا سۇغا چىلاپ قويىمىز.

كۆك ۋە قىزىل مۇچنى چەمبەر شەكىلدە توغرايمىز.

ئۇششاق پەمىدۇرنى ئوتتۇردىن ئىككى پارچە قىلىپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ھازىرلاپ قويىمىز.


-Step 2-
قازانغا ماي قۇيۇپ، قىزىغاندىن كىيىن زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.

كەينىدىن توغرالغان توخۇ گۆشىنى سالىمىز.

ئوتتورا دەرىجىلىك ئوتتا سىرتقى يۈزلىرى سارغايغىچىلىك قورۇيمىز.


-Step 3-
توخۇ گۆشى تەكشى سارغايغاندىن كىيىن، ئىككى قوشۇق يۇقىرى گىرادوسلۇق ئاق ھاراق قۇيىمىز.

كەينىدىنلا قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ 10 سىكونت دۈملەپ، توخۇ گۆشىنىڭ تەمىنى چىقىرىمىز.

-Step 4-
    كەينىدىن داۋاملىق قورۇپ نەچچە ئۆرىگەندىن كىيىن، توخۇ گۆشىنى يانغا يېغىۋىتىپ، 20 گىرام ئەتراپىدا چانالغان مۇچ سېلىپ، كىچىك ئوتتا قىزىل ماي چىققۇچىلىك قورۇيمىز.
بۇنىڭغا ئۇلاپلا توخۇ گۆشى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز، بۇنىڭدا توخۇ گۆشى مۇچنىڭ تەمىنى سۈمۈرىدۇ.

كەينىدىن ئۇششاق پەمىدۇرنى سېلىپ، ئىككى قوشۇق شېڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشىمىز.
تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.

-Step 5-
بۇ ۋاقىتتا موگو ۋە موگو چىلىغان سۇنى قازانغا قۇيىمىز.

قازان قاينىغاندىن كىيىن، ئوتتورا دەرىجىلىك ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا، تۇۋاق يېپىق ھالەتتە قاينىتىپ، سۈيىنىڭ رەڭگى قېنىق ھەم قويۇق ھالەتكە ئەكىلىمىز.

كەينىدىن يېرىم قوشۇق تۇز ۋە كۆك، قىزىل مۇچلارنى سالىمىز.

چۆمۈچتە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ نەچچە ئۆرىگەندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىق ھالەتتە يەنە 3 مىنۇت دۈملەيمىز.

3 مىنۇت دۈملەپ بولغاندىن كىيىن، بۈگۈنكى پەمىدۇر شەربەتلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى تەييار بولغان بولىدۇ.


-Step 6-
   بۇ قورۇمىنى تەييارلاشتا ئەڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش، دەسلەپتە توخۇ گۆشىنى قورىغان ۋاقىتتا، چوقۇم ئۇنىڭ سۇ تەركىبى يوقالغۇچە قورۇش كىرەك، شۇندىلا توخۇ گۆشى تەملىك چىقىدۇ؛ قورىمىنىڭ پەمىدۇر ۋە مۇچ قوشۇلغان شەربىتى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号