ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
سىز بەرەڭگە قەلەمچىسىدە قىلىنغان قاتلىمىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-17كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، قۇرۇتۇپ پىشىرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى قاتلىمىسى، بۇ خىل "قاتلىما" تىز تاماقخانىلاردا ساتىدىغان بەرەڭگە قەلەمچىلىرىدىنمۇ تەملىك بولۇپ، بالىڭىز چوقۇم ياقتۇرۇپ يەيدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
    بەرەڭگە 200گىرام، غول پىياز
تېتىتقۇ خۇرۇچى:
    تۇز، قارىمۇچ

 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
 
-Step 1-
بەرەڭگىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ ئىنچىكە قىلىپ توغرايمىز.

توغراپ تەييار قىلغان بەرەڭگە قەلەمچىسىگە بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
-Step 2-
قازانغا ئىككى چۈمۈچ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، بەرەڭگە قەلەمچىسىنى سالىمىز.
چۈمۈچتە بەرەڭگە قەلەمچىسىنى تەكشى يېيىلتىپ، كىچىك ئوتتا ئاستاغىنا داغلايمىز.
    بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ تىگى سېرىق رەڭدە، ئەتراپلىرىدا بولسا كۆيۈك رەڭلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا، ئۇنى ئۆرۈپ ئۈستى يۈزىنى تۆۋەنگە ئالماشتۇرساق بولىدۇ.
-Step 3-
ئىككىنچى يۈزىنى 5مىنۇت ئەتراپىدا داغلىساق بولىدۇ.
   ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇش ئەھۋالىغا قاراپ، يۈزىگە ئازراق قارىمۇچ، قىزىل مۇچ سوقمىسى، غول پىياز چانالمىسى قاتارلىقلارنى سېپىۋەتسەك، بۈگۈنكى قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى قاتلىمىسى تەييار بولغان بولىدۇ.
-Step 4-
   بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدە ئەسلىدىلا كىراخمال كۆپ بولغاچقا، داغلاپ پىشۇرغاندىن كىيىنمۇ چاپلىشىپ "قاتلىمىغا" ئوخشاش تۇرىدۇ؛ بەرەڭگە قەلەمچىسىنى قانچە ئىنچىكە توغرىساق، داغلىماق شۇنچە ئاسان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号