ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
ئارىلاشما پۇرچاق ئومىچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : نۇرىمانگۇل ۋاقتى : 2017-02-04كۆرۈلىشى : قېتىم

 كېتەرلىك ماتېرىياللار :ئۈچ قوشۇق قارا پۇرچاق ،ئۈچ قوشۇق قىزىل پۇرچاق، ئۈچ قوشۇق قارا گۈرۈچ، بەش قوشۇق ئاق گۈرۈچ، يەنى ئادەتتىكى گۈرۈچ،ئىككى  قوشۇق قارا شېكەر،كىچىك بىرقوشۇق تۇز.

001.jpg
تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقارقى ئىككى خىل پۇرچاق بىلەن قارا گۈرۈچنى، پاكىز يۇيۇپ، ئىسسىق سۇغا چىلىۋالىمىز، تەخمىنەن ئۈچ—تۆت سائەتلەر ئەتراپىدا تۇرسا بولىدۇ.سىرلىق كورلىغا ئۈچ چىنە ئەتراپىدا سوغۇق سۇ قۇيىۋالىمىز،
002.jpg
ئاندىن چىلاپ قويۇلغان پۇرچاقلارنى سۈيى بىلەن بىللىلا كورىغا سالىمىز.يۇيۇپ تەييارلىۋالغان ئاق گۈرۈچنىمۇ بىللە سالىمىز،كورا قايناپ بولغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، پەس ئوتتا تەخمىنەن بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە ئەتراپتا قاينىتىمىز،ياكى پۇرچاقلار ئېزىلىپ يۇمشاق ھالەتكە كەلگۈچە قايناتساق بولىدۇ.قاينىتىش جەريانىدا پات -پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز،پىشىپ بولغانلىقىغا كۆزىمىز يەتكەندە قارا شېكەرنى سېلىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرىمىز، ئازراق تۇز سالىمىز،تۇزىنى تېتىتىۋەتمەيمىز، ئازلا سالساق كۇپايە.شۇنىڭ بىلەن مېزىلىك ھەم قۇۋۋەتلىك بولغان ناشتىلىقىمىز تەييارلانغان بولىدۇ.
003.jpg
بۇ ناشتىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى: يۇقىرىقى خۇرۇچلارنىڭ، ئېنېرگىيە مىقدارى مول، تالا ماددىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قان ئاز، كالتسىي كام، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈتى كەم بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.چوڭ-كىچىك قېرى -ياش ھەر قانداق ئادەملەرگە ماس كېلىدۇ.ئىزچىل ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سۆڭەك بوشاپ كېتىش، تۆمۈر كاملىقتىن بولغان قان ئازلىق، سەمرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号