ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » رەسىملىك تائاملار » ئۇن تائاملىرى
ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-17كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەندىن كېيىن، بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋالسىڭىز، پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ئىسسىق بېسىپ، ھاردۇقىڭىز چىقىپ قالىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن، قوي جىگىرى، لوق گۆش، سەۋزە، ياڭيۇ، تۇرۇپ، چامغۇر، تۇخۇم، شوخلا، قىزىل، پالەك، سەۋزە، پىياز، سامساق، تۇز، ئاقمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئۇنغا تۇخۇمدىن ئىككىنى چىقىپ ۋە مۇۋاپىق تۇز قۇيۇپ، خېمىرنى چىڭ يۇغۇپ تىندۇرىمىز.
   2. قوي جىگىرى بىلەن لوق گۆشنى نىپىز يالپاقلاپ توغراپ، چانالغان پىياز، تۇز ۋە ئاقمۇچلارنى سېلىپ، مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز. سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپ، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى نىپىز توغراپ، شورپىغا سېلىپ قاينىتىمىز.
   3. خېمىرنى تەڭ تۆت بەش بۆلەككە بۆلۈپ، نىپىز يېيىپ شامالدىتىپ قويىمىز. شورپا تولۇق پىشقاندا، يايمىنى ئۆلچەملىك ئۈگرىدەك كېسىپ، قايناۋاتقان شورپىغا سېلىپ، پىشقاندا توغرالغان شوخلا، پالەك، پىياز، سامساق، قىزىلمۇچ، تۇز، ئاقمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ، تۇزىنى تەڭشەپ قاچىغا ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号