ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » گۇرۇچ تائاملار
قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : ئېلى ئەركىن ۋاقتى : 2016-09-28كۆرۈلىشى : قېتىم
خام ماتېرىيالى : گۈرۈچ ،سېرىق سەۋزە 1.2كىلو،قىزىل سەۋزە800 گىرام،لوق گۆش بىر 1.5 كىلو،قوينىڭ سوڭىكى 2 كىلو،ياغ 300 گىرام،كالا سوڭىكى بىر دانە ئارقا پۇت سوڭىكى(شورپا)،پىياز ئىككى باش،غولپىياز،ئىككى تال،قۇرۇق ئۈزۈم گىرام،ئانار20 گىرام،
002.jpg
001.jpg
004.jpg
005.jpg
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ئۇچ قوشۇق ، شېكەر ئىككى قوشۇق 
_N0A5892.jpg
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن كالا سوڭىكى بىلەن قوي سوڭىكىنى پارچىلاپ 600 گىرام ياغ بىلەن قۇرۇپ ئارقىدىن باش پىياز سېلىپ سوڭەكلەر قارىداپ قۇرۇلغاندا غولپىياز سېلىپ مەزلىك پۇراق چىقىپ رەڭگى قىزغۇچ قارا رەڭگە كەلگەندە ئىككى كىلو ئەتراپىدا شورپا قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن سۆڭەك پىيازلارنى سۇزۋېتىمىز.بوش ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىىپ قارا پولۇ شورپىسى تەييارلىۋالىمىز.
گۈرۇچنى ئۇچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە يۇيۇپ ئىلمان سۇغا  يېرىم سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قۇيىمىز. لوق گوشنى قەنت شەكلىدە توغرىۋالىمىز،سەۋزىلەرنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،يېرىم باش باش پىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،قۇرۇق ئۇزۇمنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.
ئېتىش ئۇسۇلى:قازانغا 250 گىرام ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ سارغايغۇچە قورۇپ كەينىدىن باش پىيازنى سېلىپ قورۇپ كەينىدىن سەۋزىلەرنى سېلىپ سەۋزە يۇمشىغىچە قۇرۇپ تەييارلىۋالغان قارا پولۇ شورپىسىدىن  بەش چۇمۇچ قۇيۇپ 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ 3 قوشۇق تۇز سېلىپ تۇزنى تېتىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى قوشۇق شېكەر سېلىپ  شورپىسىدىن 3 چۇمۇچ بىر قاچىغا ئېلۋېلىپ تەييارلىۋالغان گۈرۇچنى سېلىپ 7 مىنۇت ئەتراپىدا ھوردا دۇملەيمىز.ئاندىن ئېلىۋالغان ئۇچ چۆمۈچ شورپىنى گۈرۈچ ئۇستىدىن تەكشى قۇيۇپ يەنە 5 مىنۇت ئەتراپىدا سۇس ئوتتا دۇملەپ ئۈستىگە قۇرۇق ئۇزۇمنى سېلىپ قاينىتىمىز.ئاندىن كىيىن گۇرۇچنى بىر ئۇرۇپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۋالىمىز .پولۇ پىشقاندىن كىيىن تەخسىلەرگە ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ .
c9703bc79f3df8dc3cbda65ccc11728b451028be.jpg
ئەسكەرتىش: يۇقىرى قان بېسىمى كىشىلەر ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى ياكى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • تاسمىبىلىق(带鱼)

    تاسمىبىلىق(带鱼)

    تاسمىبىلىق ئۇكۇنسىمانلار ئەترىتى تاسمىبىلىق ئائىلىسىدىكى بىلىق بولۇپ، ئاساسلىقى تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانغا تارالغان. دۆلىتىمىزنىمۇ بوخەي، خۇاڭخەي، دوڭخەي دې

  • تۇغۇلغان كۈنىڭىزدىن قانچىلىك بايلىقىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز

    تۇغۇلغان كۈنىڭىزدىن قانچىلىك بايلىقىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز

    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كىلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بىز تۇغۇلغان كۈنىمىزنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسىگە ئاساسەن، ئۆزىمىزنىڭ بايلىق جەھە

  • تۆت مىلياردقا يېقىن ئەركىشى ئارىسىدا ئەڭ ئۆزگىچە بولغان سەككىز ئەر

    تۆت مىلياردقا يېقىن ئەركىشى ئارىسىدا ئەڭ ئۆزگىچە بولغان سەككىز ئەر

    دوختۇرلار ئۇنىڭ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن باش سۆڭىكىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، ئەسلىدىكى مىڭىسىنىڭ ئاران يېرىمى قالغان ئىلۋىس، ھازىرغىچە سالامەت ياشاپ كەلمەكتە.

  • بالا تەربىيىلەشتىكى توغرا ئۇسۇللار

    بالا تەربىيىلەشتىكى توغرا ئۇسۇللار

    سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ ئاڭلاشنى خالىغان ۋاقتىڭىزدا، بالا ئاندىن سەۋەپبى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ، چوڭلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىشلەيدىغان تەربىيىسىمۇ تېخىمۇ ئەم

  • قىچا كۆكى(芥兰)

    قىچا كۆكى(芥兰)

    قىچا كۆكى كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ غولى ۋە يۇمران يۇپۇرماقلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

  • ھەقىقى مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟

    ھەقىقى مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟

    ئەگەر ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت ھىسياتلىرى تۇغۇلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە باي-نامراتلىق پەرقىگە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ.

  • ئاياللارنىڭ ئەڭ كىيىنكى تۇغۇت يېشى نەچچە ياش؟

    ئاياللارنىڭ ئەڭ كىيىنكى تۇغۇت يېشى نەچچە ياش؟

    ھەممە ئايال كىشى ئانا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىكىدۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بارلىق قىيىنچىلىق ۋە ب

  •  قىزلارنى قانۇنلۇق ئېلىپ ساتقىلى بولىدىغان دۆلەت

    قىزلارنى قانۇنلۇق ئېلىپ ساتقىلى بولىدىغان دۆلەت

    بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر جاي بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قىزلارنى ئېلىپ-سېتىش قانۇنلۇق قىلمىش ھىسابلىنىدىغان جايدۇر؛

  • غاز گۆشى(鹅肉)

    غاز گۆشى(鹅肉)

    غاز گۆشى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ يىتىلىشىگە زۈرۈر بولغان ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار بولۇپ، ئامىنو كىسلاتارلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بو

  • ھەر كۈنى ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرىدىغان قىزچاق

    ھەر كۈنى ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرىدىغان قىزچاق

    ئامىرىكا تىنىسسىي شىتاتىدىكى 7 ياشلىق بىر قىز بالا، ئۇيقۇخۇمارلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان؛ يېقىندا ئۇ 15 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 98 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغ

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号