ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ياشانغانلار ساقلىقى
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەسكى يانفونىڭىزنى چۆرىۋىتىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-20كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاتالمىش ئاتا-بالىلىق ۋە ئانا-بالىلىق، پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىلەرنى بارغانسىرى يېراقلاپ كىتىپ بارغان جىسمىغا قاراپ قېلىشىلا بولىدۇ خالاس. ئاتا-ئانا يولنىڭ بۇ ئۇچىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولنىڭ ئەگىلىدىغان قىسمىدا پەرزەنتنىڭ تەدرىجى غايىپ بولۇشىغا قاراپ تۇرىدىغان بولۇپ، پەرزەنت بولسا ئۇلارنىڭ دۈمچىسى ئارقىلىق سىزگە "قوغلاپ كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ" دىگەننى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
                                                                                                                                                        ---لۇڭ يىڭتەي
-1-
      دوستۇم شىياۋ يۈەن ماڭ مۇنداق بىر ھىكايە سۆزلەپ بەردى:
     ھەپتە ئاخىرىدا، ئۇلار ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكا نەچچەيلەن ھەممىسى ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چوڭ ئۆيىگە يېغىلغان ئىدى؛ بۇ يىل ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئانا سەكتە بولۇپ قالغانلىق سەۋەپلىك چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى.
     ئۇلار يېغىلغاندىن كىيىن، چوڭ ئاچىسى رېستورانغا بېرىپ تاماق يىيىش تەكلىپىنى بەردى، بۇنىڭدا ھېچكىم ئالدىراش بولۇپ كەتمەيتتى ھەم بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقىلى پۇرسەت چىقاتتى. ئەمما ئانىسى توختىماي بېشىنى چايقاپ، رېستورانغا بارماي ئۆيدە ئىتىپ يەيلى دەپ تۇرۋالدى.
     چوڭ ئاچىسى شىياۋ يۈەننى بېرىپ، ئانىسىغا نەسىھەت قىلىشقا ئىشارەت قىلدى، چۈنكى شىياۋ يۈەن ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئەڭ ئامراق ئىدى؛ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئانىسىنى چوقۇم شىياۋ يۈەننىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ دەپ قاراپ، ھەممىسى ياغلىق ۋە سومكىلىرىنى ئېلىپ تەييار بولۇشتى.
     ئەمما شىياۋ يۈەن "يەنىلا ئۆيدە يەيلى، ئانام ئۆيدە تاماق قىلىپ يىسەك بەخىتلىك تۇيغۇسى بار بولىدۇ دەيدۇ" دىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يا ھازىر قولىغا خېنە ياققان ياكى قول چاپلىقى چاپلىغان بولۇپ، شىياۋ يۈەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ گەرچە خوش ياقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى شۇ بولغاندىكىن، ئامالسىز تاماققا تۇتۇش قىلىشتى.
    ئۇلار بىرسى كۆكتات يۇيسا، بىرسى گۆش پارچىلىدى، بىرسى بىلىق تازىلاپ، ھەممىسى ئالدىراش بولۇپ كەتتى؛ ئانا بولسا مىھمانخانىدا ئولتۇرماي، ئاشخانىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولارنىڭ تاماق تەييار قىلىشىغا قاراپ ئولتۇردى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئانىسىنى ئۇ يەردە ئولتۇرۋىلىپ ئىش قىلىشقا دەخلى قىلدى دەپ ئاغرىندى، ئەمما ئانا ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.
     تاماق يىگەن ۋاقىتتا ھەممەيلەن رومكىسىنى تەڭ كۆتۈردى؛ ئانا بولسا "بالىلىرىم، سىلەرنىڭ مىنى مېيىپ دىمەي كىلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت! سىلەرنىڭ ئۆز قولۇڭلار بىلەن ماڭا تاماق قىلىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت" دىدى.
     شىياۋ يۈەننىڭ بۇ ۋاقىتتا كۆزلىرى نەملىشىپ كەتكەن ئىدى.
     ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئىلگىرى ئۇلار ئۆيگە قايتقان ۋاقىتتا، مەيلى بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسۇن ياكى تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بولسۇن، ئۇلار ھەممىسى ھويلىدا يانفوننى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ يا باشقىلار بىلەن يانفوندا پاراڭلىشىدىكەن يا بولمىسا ئويۇن ئوينايدىكەن؛ ئۇۋاقىتتكى ئانا پۇت قولىغا تەگمەي ئالدىراش بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ، شىياۋ يۈەن ئۇلار ھەتتە ئازاراق ھەمدەمدە بولۇشنىمۇ ئويلاشمايدىكەن.
     ئەمما ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئانا مېيىپ بولۇپ مىردىرلىيالماس بولۇپ قالغانلىقتىن، ئامالسىز چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىراشلىقىغا قاراپ ئولتۇرغان. بەلكىم ئۇنىڭ كۆڭلى تەسەللى تاپقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ شىياۋ يۈەن ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆكۈنۈش، خىجالەتچىلىك ئىدى.
     ئۇلار ئانىسى ئۈچۈن بىر قېتىم تاماق ئىتىپ بەرگەندە، ئانىسى ئۇلارغا رەھمەتلەرنى ئېيتىپ كەتكەن، ئەمما ئانا ئۆرە بولالماس بولۇپ قالغانغا قەدەر ئۇلارغا بىر ئۆمۈر تاماق ئىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار بىر قېتىممۇ رەھمەت دەپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نەچچەيلەن بۇندىن كىيىن چوڭ ئۆيگە كەلگەندە ھېچكىم يانفون تۇتماسلىق، نۆۋەتلىشىپ ئاتا-ئانىسىغا تاماق ئىتىپ بىرىش توغرىسىدا كىلىشتى.
-2-
     يازغۇچى مويىڭنىڭ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر پارچە نەسىرى بار، نەسىرنىڭ تېمىسى"ئانامنىڭ قېشىدا ياتسام".
    نەسىر ئىچىدىكى "مەن"، دوختۇرخانىدا كىسەل بولۇپ ياتقان ئانىسىغا قاراشقا تۇرغان بولۇپ، ئانىنىڭ بۇ كىسىلى دەل ئاپتۇرنى تۇغقان ۋاقىتتا قېپ قالغان بولۇپ، كىيىنكى مەزگىللەردىكى ھېرىپ-چارچاشلار سەۋەبىدىن ئېغىرلاپ كەتكەن ئىدى. ئانا ئۇزۇن مەزگىل كىسەل ئازابىنى تارتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزى بەك ۋايساپ كەتمىگەچكە، باشقىلارمۇ بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمىگەن، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭدىن ئاغرىنغان؛ بۇ ۋاقىتتا ئانا خۇددى ئۆزى راستىنلا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك، نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدىكەن.
كىيىنچە دوختۇرخانىنىڭ كىسەل ئۆيىدە ياتقان ۋاقىتتىمۇ، ئۆزىنىڭ ئامراق قىزى يېنىدا تۇرسىمۇ، ئەمما پەقەت كىسەلخانىنىڭ تۇرۇسىغا قاراپ ئولتۇرۇشقىلا مەجبۇر بولغان؛ ئۇ تۇيۇقسىزلا قىزىدىن نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ.
     قىزى پەرۋاسىز ھالدا "پاراڭلىشىۋاتىمەن" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ؛
     "كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن" ئانا تازا چۈشىنەلمەي سوراپتۇ؛
     قىزى "توردىشىم بىلەن" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ؛
     "تۇنۇشمىساڭ قانداقسىگە پاراڭلىشالايسەن؟" ئانا ھەقىقەتەن ئاڭقىرالماي قېلىپتۇ؛
     قىزى "بەرىبىر قىلغىلى ئىش بولمىغاندىكىن، تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشمامدۇق" دەپ جاۋاپ قىلىپتۇ.
     ئانا ناھايىتى ھارغىن چىراي "ھە!" دەپ قويۇپ، ئورنىدا يەنە قايتىدىن تۇرۇسقا قاراپ يېتىپتۇ. قىزى چاي قۇيۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان ۋاقتىدا، ئانىسىنىڭ كۆز ئىپادىلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى جىغغىدە قىلىپتۇ؛ نامدا ئۆزى ئانىسىغا ھەمرا بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ ئانىسى ئۈچۈن تاماق سۇنۇپ،چاي قۇيۇپ بەرگەندىن باشقا يەن نىمە قىلىپ بەردى؟
      ئۇ شۇ ھامان ئانىسىنىڭ قېشىدا يېتىپ، ئانىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئېيتىپ بىرىشىنى سورىدى.
    پەرزەنت توپى ئىچىدە، "گالۋاڭ" كەلگەنلەر بەك كۆپ بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يالغاندىن مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلىرىنى ئۇقالمايدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ غېرىپلىقىنى بولسا تېخىمۇ سىزەلمەيدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردىكى ئۆيگە قايتىش شەكىل ئۈچۈنلا بولۇپ، ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا، تۇنۇشىدىغانلارغا ھەم تۇنۇشمايدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ئەمما پەقەت ئۆزىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-ئانىسىنىلا ئۇنتۇپ قالىدۇ.
-3-
     "قەدىرلىكلىرىم" ناملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرىدا مۇنداق بىر كۆرنۈش بار:
    سۇڭ دەندەن رول ئالغان بويتاق ئانا خۇا ۋېي يېشى بىر يەرگە بارغان ۋاقتىدا ئىككىنچى مەزگىللىك راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى ھايات بار، قىزى تېخى ياتلىق بولمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېخى نۇرغۇن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى بار ئىدى.
     ھاياتلىقىنى ئىمكان قەدەر ئۇزارتىش ئۈچۈن ئۇ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنى تاللايدۇ؛ ئوپراتسىيە ۋاقتىنى بىكىتىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ قىزىغا تېلفون قىلىپ، ئىككەيلەن بىللە چىقىپ ئايلىنىپ كىلىشنى ئېيتىدۇ.
    بۇ ۋاقىتتا قىز ئانىسىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ بولغان بولۇپ، ئانسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بىلەسكە سېلىۋالغانىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ تېلفونىنى ئېلىپ ناھايىتى تىزلا ماقۇل بولدى ھەمدە "ئەتە چىقايلى" دىدى. ئانىسى بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى، چۈنكى ئادەتتە قىزى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ۋاقتى چىققانلىقىدىن خوشال بولغان ئىدى.
      بىر كۈن ۋاقىت ئىچىدە، قىزى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك مۇلايىم بولدى، ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ ھەرخىل پاراڭلارنى سېلىشتى، كىچىك ۋاقىتلىرىنى ئەسلەشتى، بالىلار ناخشىسىنى ئوقىدى، دادىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى سۆزلەشتى...
     بۇ خىل ئىللىقلىق تۇيغۇسىدا ئانىسى ئۆزىنى تۇتالماي "ھەقىقەتەن ياخشى بولدى!" دەپ خوشال بولۇپ كەتتى. قىزى بولسا نىمىشقىلىقىنى چۈشىنەلمەي، ئانىسىدىن سورىدى؛ ئانىسى ئۇنىڭغا "ئىلگىرى ھەر قېتىم سىنى ئىزلىگەن ۋاقتىمدا، سەن دائىم ۋاقتىم يوقلا دەيتتىڭ، منىڭ قېشىمغا كەلگەندىمۇ يا تېلفون قىلاتتىڭ ياكى تېلفوندا ئويۇن ئوينايتتىڭ، ئەمما بۈگۈن بىر كۈن يانفونۇڭنى تۇتۇپمۇ سالمىدىڭ" دەپ جاۋاپ قىلدى.
      بۇ بىر ئېغىز سۆزنى ئاڭلاپ، قىزى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالدى، ئۇ ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقىشنى باھانە قىلىپ، ھاجەتخانىدا ئۆزىنى نەچچە شاپىلاق ئۇردى...
     تىلىۋىزىيە تىياتىرىدا، سىنارىستىلارنىڭ ماھىرلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، قىزى ئەس-ھوشىنى تېپىپ، ئانىسى تەسەللى تاپتى؛ ئەمما رىئال تۇرمۇشىمىزدىچۇ؟ كىم بىز ئۈچۈن بۇنداق سىنارىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ؟ پەرزەنت بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز ئاتا-ئانىڭىزنى خىيالىنى بىلىپ يىتەلىدىڭىزمۇ؟
-4-
    ياشقا چوڭىيىپ قالغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇنياسى كىچىكلەپ كىتىدۇ، كىچىكلىكىدىن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت پەرزەنتلىرىلا بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە پۈتكۈل دۇنيا قاچىلانغان؛ ھەر قېتىم ئاتا-ئانىلار سىزدىن سوراشقا ئۇرۇنغاندا، قانچىلىغان پەرزەنتلەر يانفونىنىڭ ئىكرانىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ، "دىگەن بىلەنمۇ سەن چۈشەنمەيسەن" دەپ جاۋاپ قىلىدۇ.
     ئىراق ۋەزىيىتى، ئامىرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى قاتارلىقلار سىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىزمۇ ئېلىپ بېرىلىۋىرىدۇ، يېراقتىكى تورداشلىرىڭىز، سىز بىلەن پاراڭلاشمىسا، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئادەم ھامىنى چىقىدۇ، ئەمما ئاتا-ئانىڭىزغا نىسبەتەن پەقەت سىزلا بار.
     ئۆيگە قايتقىنىڭىزدا يانفونىڭىزنى يېغىشتۇرۋىتىڭ! ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز نەزىرىڭىزدىكى دۇنيانى ئۇلارغا سۆزلەپ بىرىڭ، كەينىدىن ئاشخانىغا كىرىپ، ئۆزىڭىز ياخشى قىلالايدىغان تاماقلارنى تەييارلاپ، ئۇلارنى بىرەر ۋاخ بولسىمۇ كۈتۈۋىلىڭ.
    ئاتا-ئانىمىز بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن، ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىتلىرىنى سەرپ قىلىۋەتتى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، سىز بىزنىڭمۇ باشقىلارنى سۆيەلەيدىغان ئىقتىدارىمىز بار بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىڭىزنىڭمۇ مۇھەببەتكە ئىھتىياجلىق بولىدىغىنىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
     سىز بىر يانفوندا پۈتكۈل دۇنيادىن خەۋەر تېپىپ تۇرىسىز، ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى پۈتكۈل دۇنياسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! بىپەرۋا پەرزەنت، سىز ھەم بىز، ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزغا بىر بۆلەك مۇكەممەل كەلگەن ھەمراھ بولۇش ۋاقىتلىرىغا قەرزدار!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号