ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ياشانغانلار ساقلىقى
ياشانغانلار ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئۇششاق يىمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-11كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئادەم ياشقا چوڭايغاندا، سالامەتلىك مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈن ئوقۇرمەن دوستلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە ياشانغانلار ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان ئۇششاق يىمەكلىكلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
خاسىڭ
ئۈنۈمى: تىز سۈرئەتتە قان تولۇقلاش.
     خاسىڭنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ، يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىز سۈرئەتتە قان تولۇقلايدۇ؛ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك قان تولۇقلاش ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدا خاسىڭ تەركىبى بار.
قېتىق
ئۈنۈمى: زىيانلىق باكتىرىيەلەرنى توسۇش.
     قېتىقنىڭ تەركىبىدە سۈت كىسلاتاسى باكتىرىيىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچەي يولى باكتىرىيە توپىنىڭ ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، بىئولوگىيىلىك توسۇق شەكىللەندۈرۈپ زىيانلىق باكتىرىيەلەرنىڭ ئۈچەي يوللىرىغا كىرىۋىلىشىنى توسۇش رولى بار.
دېڭىز قوغىسى(海苔)
ئۈنۈمى: زەھەرنى ھەيدەپ ئۇرۇقلىتىش.
   دېڭىز قوغىسى تەركىبىدە تالا ماددىسى ئىنتايىن مول؛ ئۇ ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي يوللىرى دىۋارلىرىغا چاپلىشىۋالغان زەھەرلىك ماددا ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلاپ ۋاقىتدا سىرتقا چىقىرۋىتەلەيدۇ. بۇندىن باشقا دېڭىز قوغىسىنىڭ باشقىلار ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدىغان يەنە بىر ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئو بولسىمۇ چاچ ئۆستۈرۈش ئۈنىمىدۇر؛ ئۇنىڭ چاچ يىلتىزىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىپ، چاچنى پاقىراق قىلىش رولى بار.
ياڭاق
ئۈنۈمى: ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇنتۇغاقلىقنى ياخشىلاش.
     ياڭاقنىڭ ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇنتۇغاقلىقنى داۋالاش ئۈنۈمى بار بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار. مەسىلەن يۇتقۇنچاق، ئاشقازان، بۇرۇن، ئۆپكە، لىمبا قاتارلىق ئەزالاردىكى ئۆسمىلەرگە قارىتا بەلگىلىك توسۇش ئۈنۈمى بار. بۇندىن باشقا ياڭاقنىڭ بىمارلارغا نىسبەتەن، ئاغرىقنى پەسەيتىش، ئاق قان دانىچىلىرىنى كۆپەيتىش ۋە جىگەرنى ئاسراش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
يىشىل چاي
ئۈنۈمى: كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش
    داۋاملىق يىشىل چاي ئىچىپ بەرگەندە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە تىرىنىڭ قىچىشىشىنى توختىتىش رولىمۇ بار بولۇپ، تىرە ياللۇغى، تەمرەتكە قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان قىچىشىشنى پەسەيتىش ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولىدۇ.
قۇرۇق ئۈزۈم
ئۈنۈمى: قورۇقنى يوقىتىپ قېرىشقا قارشى تۇرۇش
    قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول ، نۇرغۇن ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئۈزۈمنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، دائىم قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرگەندە، قان ئازلىقنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ يەنە قورۇق يوقىتىپ قېرىشقا قارشى تۇرۇش، پۇت-قوللىرى مۇزلاشنى ياخشىلاش، بەل-پۇت ئاغرىشنى پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار.
مالىنا(蓝莓)
ئۈنۈمى: ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
     مالىنا يەپ بەرگەندە، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يەنە مىڭە نىرىپلىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىش، ئادەم بەدىنى ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
پىستە بادام
ئۈنۈمى: ئارتىريە قېتىشىشنى ياخشىلاش
   ئۇزۇن مەزگىللىك بېسىم ھالىتىدە تۇرۇش، خامۇشلۇشۇش، ئۈمىدسىزلىككە تولۇپ تۇرمۇشتىن زىرىكىش قاتارلىق كەيپىياتلارنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پىستە بادامنى داۋاملىق يەپ بەرگەندە بۇ خىلدىكى كەيپىياتلارنىڭ ياخشىلىنىپ كۆڭۈلنىڭ ئازادە بولۇشىغا پايدىلىق؛ بۇندىن باشقا دائىم پىستە بادام يەپ بەرگەندە، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، ئارتىريە قېتىشىۋىلىشنى ياخشىلايدۇ.
قىزىل ھاراق
ئۈنۈمى: بۆرەكنى ئاسراش
     مۇۋاپىق مىقداردا قىزىل ھاراق ئىستىمال قىلىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ ھەمدە سۈيدۈك ئاقسىلىنى تۆۋەنلىتىپ بۆرەكنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
گۈلە(杏干)
ئۈنۈمى: قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش
    گۈلىنىڭ تەركىبىدىكى كالىي ئىلمىنتىنىڭ مىقدارى باناننىڭ 3 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ، كالىي ئىلمىنتىنىڭ بولسا ناھايىتى ياخشى قان بېسىم تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئامرىكا كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كالىينىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرلۈش مىقدارى ناترىينىڭ سۈمۈرلۈش مىقدارىدىن چوڭ بولسا، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • نىكاھتا باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك يەتتە باسقۇچ

    نىكاھتا باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك يەتتە باسقۇچ

    نىكاھ  كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى، نىكاھتىن كىيىن ئىككى ئادەملىك قاراش تىكلەشنى بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك؛ ئادەتتە "مەن" دىگەن سۆزنى ئازراق ئويلاپ، "بىز" دىگەن

  • خاسىڭ مېيى(花生油)

    خاسىڭ مېيى(花生油)

    خاسىڭ مېيىنىڭ ياغ كىسلاتاسى تۈزۈلۈشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىگە ئاسان بولىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكى ماتىرياللاردا تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە،

  • ئەنگىلىيىدىكى بىرىنچى چوڭ ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى!

    ئەنگىلىيىدىكى بىرىنچى چوڭ ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى!

    نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەنگىلىيىلىك "دەرىجىدىن تاشقىرى ئانا" سۇۋ.رادفورد، خان جەمەتى رانكىست كۈتۈنۈش ساناتورىيىسىدە يىگىرمە بىرىنچى بالىسىنى تۇغدى؛

  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ پايدىسى

    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ پايدىسى

    ئۇنىڭ دىيىشىچە، غاز تۇخۇمى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ياىشى تۇلۇقلىيالايدىغان بولۇپ، قورساقتىكى بالىغا ۋە ھامىلدار ئايالغا پايد

  • تارو(芋头)

    تارو(芋头)

    بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغىنىمىز كىچىك كالكوز بېشى(يەنە شىياۋ يۈ توۋ 小芋头) بولۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ يىيىشكە ياكى دۈملەپ، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشكىمۇ ماس كىلىدۇ.

  • مەسەل—كالا نىمە ئۈچۈن ئۆلدى؟

    مەسەل—كالا نىمە ئۈچۈن ئۆلدى؟

    ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن نەرسىگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ! بولمىغاندا سىز خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويىشىڭىز مۇمكىن.

  • ئۈچىنچى شەخىستە ھەقىقى مۇھەببەت بولامدۇ؟

    ئۈچىنچى شەخىستە ھەقىقى مۇھەببەت بولامدۇ؟

    ھەر نىمە دىگەن بىلەن، ئۈچىنچى شەخىسمۇ بىر ئايال كىشى، ئۇلارنىڭمۇ مۇھەببىتى ۋە ھەقىقى ھىسياتلىرى بولىدۇ، ئۇلار پەقەت خاتا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىپ قالغان خالاس.

  • تۇغۇلۇپلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بوۋاق

    تۇغۇلۇپلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بوۋاق

    شىۋىتسىيىلىك بوۋاق سوفىيە، ئۆزىنىڭ كەم تېپىلغۇسىز ئوماق ھەم گۈزەل چىرايى بىلەن، تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولمايلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ بوۋاقنىڭ ھازىر تو

  • دانلىق زىرائەتلەر ۋە تىرە كىسەللىكى

    دانلىق زىرائەتلەر ۋە تىرە كىسەللىكى

    دانلىق زىرائەتلەر گەرچە ئۈچەي يوللىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما تىرە ساغلاملىقىغا بەزى بىر تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  • نىكاھتىكى بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر

    نىكاھتىكى بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر

    تۆۋەندە بىز سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر نىكاھىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ دەرھال ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، سىزدە بولۇپ قالسا

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号