ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ياشانغانلار ساقلىقى
كۆكتات بازىرىغا يۇشۇرۇنغان تەبىئى دورىلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-27كۆرۈلىشى : قېتىم

    كونىلاردا، دورا ئۈچ ئۈلۈش زەھەر بولىدۇ دىگەن گەپ بار. بۇ سەۋەپلىك مەن تەبىئى ساپ بولغان رىتسىپلار ئۈستىدە ئىزدەندىم ھەمدە مۇھىم بولغان بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم؛ تۆۋەندىكىلەر دەل مەن بۇ قېتىم بىلىۋالغان ئۇچۇرلار بولۇپ، سالامەت ياشاي دىسىڭىز، سىزمۇ كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ!

 

 تەبىئى بۆرەك قۇۋۋەت دورىسى—پىچەكگۈل

1.jpg

    پىچەكگۈلنىڭ " ئاق رەڭلىك ئادەمگىياھ" دىگەن نامى بار بولۇپ، باشقا دورا ماتىرياللىرى ئۇنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. جوڭگۇ تىبابىتىدە، پىچەكگۈلنى ئاشقازان-ئۈچەي، ئۆپكە ۋە ئۆتنى ياخشىلاپ ، باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا دەپ تەرىپلەيدۇ.

    پىچەكگۈلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تەمى تاتلىق كىلىدۇ. پىچەكگۈلنى ئەڭ ياخشى يىيىش ئۇسۇلى دۈملەپ يىيىش، بۇنىڭدا ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئېقىپ كىتىشى ئەڭ ئاز بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، شورپا قاينىتىپ ياكى قورۇپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ.

 

تەبىئى ئۇيقۇ دورىسى—بانان

2.gif

    بانان تەركىبىدە مول بولغان كالىي ۋە ماگنىي ئىلمىنتى بار بولۇپ، كالىي قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشى ۋە مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ماگنىينىڭ بولسا، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرىنى بوشىتپ، ئۈمىتسىز ۋە تىرىكىش كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ؛ باناننىڭ بۇندىن باشقا يەنە ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىمۇ بار.

 

تەبىئى زوكام دورىسى—لىمون

3.jpg

     لىمون تەركىبىدىكى ۋىتامىن س نىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يىڭى لىموننى نىپىز قىلىپ پارچىلاپ، يەنە ئازراق تۇز سېپىۋىتىپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچسەك بولىدۇ؛ جۇڭگۇ تىبابىتىدە بۇنداق ئىسسىق ھەم تۇزلۇق بولغان لىمون چېيى تەبىئى زوكام دورىسى دەپ قارىلىدۇ.

 

تەبىئى ئاشقازان دورىسى—كاللەكبەسەي

4.jpg

    كاللەكبەسەينىڭ تەركىبىدە يىمەكلىك تالاسى ناھايىتى مول بولۇپ، ئاشخانىدىكى تەبىئى ئاشقازان دورىسى ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاشقازان-ئۈچەي چاپلاشقاق پەردىلىرىنى قوغدايدىغان ماددىلار بار بولۇپ، باشقا يىمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاشقازاننىڭ بىئارام بولۇشىدىن ساقلايدۇ؛ ئۇزۇن مەزگىل ئاشقازان-ئۈچەي يارىسى كىسەللىكى ئازابىنى تارتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىدۇر.

 

تەبىئى ئاغرىق توختىتىش دورىسى—زەنجىۋىل

5.jpg

    دۆلىتىمىزدە قەدىمدىن تارتىپ " زەنجىۋىل يۈز خىل كىسەلنى داۋالايدۇ" دىگەن گەپ بار؛  زەنجىۋىل ئاشخانىدىكى مۇھىم بولغان تېتىتقۇ ماتىريالى بولۇپلا قالماي، يەنە جوڭگۇ تىبابەتچىلىكىدىكى ئاساسلىق دورا ماتىرياللىرىنىڭ بىرى. زەنجىۋىل بىر خىل تەبىئى ئاغرىق توختىتىش دورىسى بولۇپ، ئۇ ئاغرىق ئۇچۇرلىرىنىڭ مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىغا يىتىپ بېرىشىنى توسۇپ، ئاغرىق ھىس قىلىشنى پەسلىتىدۇ.

 

تەبىئى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى—كەرەپشە

6.jpg

     كەرەپشە، سۇ كەرەپشىسى، قۇرۇغلۇق كەرەپشىسى، ياۋروپا كەرەپشىسى دەپ ئۈچ خىلغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، تەمى ياخشى يىيىشلىك بولغاندىن باشقا يەنە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتەك دورىلىق ئۈنۈمىمۇ بار. ئۇنىڭ بىر خىل ئىشقارلىق تەركىبىنىڭ تىنچلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارغا قارىتا داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. كەرەپشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى كۆپىنچە كۆكتات قولاقچىلىرىدا بولۇپ، غولىنىلا يەپ، قۇلاقلىرىنى تاشلىۋەتمەسلىگىڭىز لازىم.

 

تەبىئى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى—ھەسەل

7.jpg

   سۈپەتلىك ھەسەل، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرىسى ھالىتىدە نەچچە يىل قويۇپ قويسىمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سېسىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. تەجىربىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، ھەسەلنىڭ زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيە قاتارلىقلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان چەكلەش رولى بار. بۇندىن باشقا جاراھەت ئېغىزىغا ھەسەل سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىپ، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.

 

قېرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەبىئى دورا—ئۈزۈم

8.jpg

     ئەڭ ساغلام بولغان ئۈزۈم يىيىش ئۇسۇلى—پوستى بىلەن قوشۇپ يىيىشتۇر. ئۈزۈم پوستى تەركىبىدىكى ئاق لويلا ئالكوگولىنىڭ ئادەم بەدىنىگە ياردەملىشىپ، قاندىكى ماي تەركىبىنى چۈشۈرۈپ، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۈزۈم تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى رىئاكسىيە خاەكتىرلىك ئەكىس تەسىر بىرىشكە قارشى تۇرالايدىغان بولۇپ، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتش ئۈنۈمى بار، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن %85تىن ئارتۇقى ئادەم بەدىنى تەرپىدىن قوبۇل قىلىنالايدۇ.

 

راكقا قارشى تۇرغۇچى تەبىئى دورا—سامساق

9.jpg

     سامساق تەركىبىدىكى گىرمانىي ۋە سېلىن ماددىسى، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى توسىدۇ. تەجىربىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، راك پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان كىشىلەر توپى، قان تەركىبىدە سېلىن ماددىسى تەركىبى ئەڭ كۆپ بولغان كىشىلەر توپىدۇر.

 

تەبىئى ئاقارتىش دورىسى—ئاق تۇرۇپ

10.jpg

     جۇڭگۇ تىبابىتى ئاق تۇرۇپنى، "بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ، ئادەمنى تىرىسىنى ئاقارتىدۇ " دەپ قارايدۇ. ئاق تۇرۇپنىڭ بۇنداق ئۈنۈمى بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى ۋىتامىن س ، قارا رەڭ ماددىسىنىڭ بىرىكىشنى چەكلەپ، قارا داغلارنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ، تىرىنىڭ ئاقلىقىنى ساقلايدۇ.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号