ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ياشانغانلار ساقلىقى
ئۇنتۇغاق بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھەرىكەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-25كۆرۈلىشى : قېتىم

    نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە بەزىدە مۇنداق ئەھۋاللار كۆرلۈپ قالىدۇ: بىرە گەپنى قىلماقچى بولۇپ، ئېغىزىنى ئېچىپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ؛ مېڭىپ ئوتتۇرا يولغا كەلگەندە، نىمە ئىشقا ماڭغىنىنى بىلەلمەيدۇ؛ ھازىر قويۇپ قويغان نەرسىسىنى، بىردەمدىن كىيىن قەيەردە قويغىنىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ....

     ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىدا چىكىنىش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك سەۋەب: ئۆي ئىچى ئوكسىگىن مىقدارى تۆۋەن، ھەرىكەت مىقدارى يىتەرلىك بولماسلىق، قان ئايلىنشنىڭ راۋان بولماسلىقى ۋە مىڭىگە قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش قېيىش ۋە ئىسىلىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىق سىزىملەرنى پەيدا قىلىدۇ.

     ئەمىلىيەتتە بىر نەچچە خىل ئاددى ھەرىكەتلەرنى دائىم ئىشلەپ بەرسەك، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىمىزنى ياخشىلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق. سىزمۇ كىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ!

 

1. پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈش

1.jpg

     ئىككى پۇتىڭىزنى ئۈستەلگە ياكى ئورۇندۇققا ئېلىپ نەچچە مىنۇت تۇرۇپ بىرىش كىرەك؛ پۇتنى كۆتۈرگەندە چوقۇم يۈرەكتىن ئىگىز ئاشۇرۇپ كۆتۈرۈش كىرەك.

    بىر ئادەم پۇتلىرىنى يۈرەك ئورنىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ بەرگەندە، پۇتلىرىدىكى قان ئۆپكە ۋە يۈرەك قىسىمغا قايتىپ كىلىپ،  پۇت قىسىمدىكى ۋىنا تومۇرلىرىنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىپلا قالماي، باش قىسىمغا قان يەتكۈزۈشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، سىزنى تېخىمۇ تىتىكلەشتۈرۈپ، روھىڭىزنى ئورغىتىدۇ.

 

2. باشنى چايقاپ بىرىش

2.gif

    بويۇن ئارتىرىيە قان تومۇرلىرى مىڭىگە قان يەتكۈزىدىغان "يول" بولۇپ، باشنى چايقاش بۇ ئورگانىزىملارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مىڭىگە قان يەتكۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ياغلارنىڭ بويۇن ئارتىرىيە قان تومۇرلىرىدا يېغىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە بويۇن ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

3. كىرىلىپ بىرىش

3.gif

    ئۇزۇن مەزگىل بىر خىل ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا، يۇقارقى مۈچە ئورگانىزىملىرىدىكى ئاخىرقى ئۇچ قان تومۇرلىرىدا قانلار يېغىلىپ قالىدۇ؛ كىرىلىش بولسا مۇسكۇللارنىڭ يېغىلىش ۋە قويۇپ بىرىش جەريانى بولۇپ، يېغىلىپ قالغان قانلار يۈرەككە قايتۇرۇلىدۇ؛ يۈرەككە يېغىلغان قان كۆپ بولسا، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزۈلىدىغان قان مىقدارىمۇ كۆپىيىدىغان بولۇپ ، مىڭىمۇ بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.

 

4. چاچنى تاراپ بىرىش

4.jpg

     يېنىڭىزدا تاغاق ئېلىۋالسىڭىز ياكى بارماقلىرىڭىز بىلەن چاچلىرىڭىزنى تاراپ بەرسىڭىز، باش تىرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

    كونتكىرتنى ئۇسۇلى بولسا، ئىككى قولىڭىزنىڭ بارماقلىرىنى ئازراق كېرىپ، چاچلىرىڭىزنى ئالدىدىن كەينىگە، ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ تاراپ بەرسىڭىز بولىدۇ؛ ھەر قىتىمدا 5-3 مىنۇتقىچە ، بىر كۈندە 4-3 قېتىم داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز، ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئادەمنى تىتىكلەشتۈرۈپ  مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە نىرۋىسى ئاجىز بىمارلارغا پايدىسى بار.

 

5. چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىش

5.gif

    ئادەم چىشلىرىنى چىشلىگەن ۋاقتىدا، شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرش ئاشىدۇ؛ شۆلگەي تەركىبىدە پاروتىن بار بولۇپ، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش رولى بار. بۇندىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن بويانقى  بەزى تەتقىقاتلاردا، شۆلگەينىڭ  راكقا قارشى تۇرۇش تەركىبى بار بولۇپ، ھەزىم قىلىش يوللىرىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

 

6. بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش

6.jpg

     قولنىڭ بارماقلىرى ئادەمنىڭ ئىككىنچى مىڭىسى، قول بارماقلىرىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، مىڭىنى غىدىقلاپ، مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

    بارماقلىرىمىزنى سوزۇپ بەرسەك ياكى ئىككى قولىمىزنى كىرىشتۈرۈپ، بارماقلارنى ئۇۋۇلاپ بەرسەك ، ئىككى ساغلاملىق شارىنى قوللىرىمىزدا ئايلاندۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ؛ ياكى گۈرۈچ بىلەن قارا پۇرچاقنى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇلارنى قايتا ئايرىپ چىقساق بولىدۇ. يۇقارقى بۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، ئىككى قولىمىزنىڭ بارماقلىرىنى چېنىقتۇرۇپ، چوڭ مىڭە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى ياكى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

 

7. پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە كۆپ سۇ ئىچىش

7.jpg

    ھەرىكەتلىنىش چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاپ، مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئاستا يۈگرەش ياكى تىز مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش، كۈرنۈشتە ئاددى بولسىمۇ ، ئەمما ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

    سۇ تەركىبى چوڭ مىڭىنىڭ %50نى ئىگەللىگەن بولۇپ، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىپلا قالماي، يەنە چوڭ مىڭىگىمۇ پايدىلىق.  سۇ ئىچكەندە، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىچىپ بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇسسىغاندا قايتا ئىچىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号