ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ياشانغانلار ساقلىقى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-16كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئۆمرىمىزنىڭ ئۇزۇن قىسقا بولۇشى، تۇرمۇشىمىزدىكى بەزىبىر ئادەتلىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆۋەندە بىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قانداق ئورتاق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. يىمەك-ئىچمىكى تەڭپۇڭ كىلىدۇ
    ساغلام تۇرمۇشقا ئىرىشىمىز دىسەك، كۈندىلىك ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك تۈرلىرىنىڭ ئىمكان قەدەر كۆپ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە تېخى ھەر تۈرلەرنى(مەسىلەن، گۆشسىز بىلەن گۆشلۈك، كۆكتاتلار، ھەرخىل دانلىق زىرائەت ئاشلىقلىرى دىگەنلەرگە ئوخشاش) ماسلاشتۇرۇپ ئسىتىمال قىلىش كىرەك؛ بۇنىڭدا بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى يىتەرلىك تۈردە قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەكتە، تۇزسىز ھەم مايسىز تاماقلارنى ئاساس قىلىش، مايلىق ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك.
2. تۇرمۇشى تەرتىپلىك
   ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپلىك كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەركۈنى ۋاقتىدا ئۇخلاپ، ئەتىگىنى ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرىدۇ. كىچىسى ئۇخلىماسلىق، ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان بىر ھادىسە بولۇپ، ئەمىلىيەتتە كىچىلىرى ئۇخلىماسلىق، بەدەننى ئالدىن خورىتىۋەتكەنگە باراۋەر بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئادەم بەدىنىگە نۇرغۇن زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى ئۇيقۇ جەريانىدا ياخشى ئارام ئېلىۋىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىۋەرسە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن دەيسىز؟
3. ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ
    ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق. چېنىقىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى تىزلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بەدەن مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇنىڭدا تېنىمىز تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، تەبىئىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
4. ياخشى روھى ھالەتنى ساقلايدۇ
    ياخشى بولغان روھى ھالەت، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىككە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار كەلگەن كىشىلەردۇر. ئىجابى كەلگەن پىسخىكىمىز، بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ سالامەت ھالەتنى ساقلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، خامۇشلىشىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار كۆرۈلمەيدۇ، نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5. قىزىل رەڭلىك گۆشلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش
    ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر، قىزىل رەڭلىك گۆشلەرنى(مەسىلەن قوي، كالا گۆشى دىگەندەك) ئاز ئسىتىمال قىلىدۇ؛ چۈنكى قىزىل گۆشنى ھەمىشە ھەمدە كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا، ئاسانلا بوغما ئۈچەي راكى، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كىتىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، تۇرمۇشىمىزدا ئاق رەڭلىك گۆشلەرنى، مەسىلەن توخۇ، بېلىق گۆشى دىگەنلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلساق، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بولىدۇ.
6. سۇنى كۆپ ئىچىش
    سۇ بولسا ھاياتلىق مەنبەسى؛ ئۇ يەنە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئادەم بەدىنىدە كۆرۈلىدىغان نۇرغۇن كىسەللىكلەر، ئەمىلىيەتتە بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان سۇ تەركىبىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئادەتتە سۇنى كۆپ ئىچىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان ياخشى تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؛ مەسىلەن، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دىگەنگە ئوخشاش.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号