ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نىكاھ تۇرمۇشى ھەققىدىكى قىسقا بىر ھىكايە
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-06كۆرۈلىشى : قېتىم

-1-
    بەزىلەر، مۇھەببەت كونا ئاچچىقسۇغا ئوخشاش، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى تېخىمۇ چۈچۈمەللىشىپ، ئەسلى تەمىنى يوقىتىدۇ دىيىشىدىكەن. ئەر-ئايال ئىككى ئادەم نىكاھ تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپ "ئەپتى-بەشرىسىنى" ئاشكارىلاشقا باشلايدۇ. ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش قارىشى ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، كۆپ قىسىملىرى پىشانىسىنى سىلىۋىتىپ، چىداپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللايدۇ.
    ئەمما بىراق، ھازىرقى زاماندىكى ياش ئەر-ئاياللار، نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۇۋالچىلىق تارتىپ قېلىشقا چىدىمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار كىلىشەلمىسىلا نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ ھەمدە قايتا بىرىنى تاپىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، قايتا بىرىنى تاپىمەن دەپلا، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان بىرسىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولامدۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، قايتا نىكاھلانغاندىن كىيىنكى نىكاھ تۇرمۇشىدا، ئىككى تەرەپ يولۇقىدىغان مەسلىلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇنلار مەيلى پىسخىكا جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىدىيە-قاراش جەھەتتىن بولسۇن، تۇنجى نىكاھقا قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ كىلىدۇ.
    بۇ ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپ ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ قۇربانلىقلارنى بىرىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇپ، بىر-بىرىنى توغرا چۈشىنىپ ئۆتكەندە، نىكاھ تۇرمۇشىنى ئاندىن ياخشى ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلەيدۇ.
-2-
    ئاخۇا بولسا يېشى بىر يەرگە بارغۇچە ئەرگە تەگمەي ئولتۇرۇپ قالغان "قېرى قىز"؛ ئۇ تاللا تاللا، ئاخىرى پەقەت تاللاشقا يول قالمىغان ۋاقىتتا، ئاندىن لىيۇ جىشىنغا زورلاپ دىگۈدەك ياتلىق بولدى. لىيۇ جىشىن بولسا نىكاھتىن ئاجراشقان بويتاق بولۇپ، يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا نىكاھىدىن ئاجراشقاندىن كىيىن، قايتا توي قىلىشنى ئويلىشىپ يۈرەتتى.
    لىيۇ جىشىننىڭ شارائىتى ياخشى بولۇپ، ئۆزىمۇ قاملاشقان ئىدى؛ ئاخۇانىڭ بىردىنبىر نارازى بولغان تەرىپى بولسا، لىيۇ جىشىننىڭ بىر قېتىم توي قىلغانلىقى ئىدى. بىراق ئاخۇانىڭ ئانىسى  "ئەگەر بىر توي قىلغان ئادەم بولمىغان بولسا، ئۇ ساڭا ئاشامتى؟" دەپ، ئاخۇاغا نەسىھەت قىلدى.
    ئاخۇامۇ ئانىسىنىڭ گېپىنى توغرا تاپتى بولغاي، كۆپ قارشىلاشمايلا، لىيۇ جىشىن بىلەن توي قىلدى. ياخشى يىرى، لىيۇ جىشىن ئاجراشقان ۋاقىتتا، بالىسى ئايالىغا قالغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا بالا يوق ئىدى؛ شۇڭا ئاخۇا ياتلىق بولغاندىن كىيىن، لىيۇ جىشىن بىلەن بالىلىق بولۇشنى ئويلاشتى.
    ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن، ئا خۇا شۇنى بايقىدىكى، لىيۇ جىشىن ئەمىلىيەتتە "ئەر-خوتۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ" قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدىغان بىر ئەركىشى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ:
ئۆي ئىشلىرى ئاياللارنىڭ خىزمىتى، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز
    ئالدىراشلا توينى قىلىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ئاخۇا تويدىن ئىلگىرى لىيۇ جىشىن بىلەن ئاز-تولا ئارىلىشىپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. توي قىلغاندىن كىيىن، ئاخۇا لىيۇ جىشىننىڭ ئۆيدە قولىنى ئازراقمۇ ئىگىلدۈرۈپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدى. مىسالغا ئېلىپ ئېيتساق، ئەگەر بىر ئاياغ ئۇنىڭ يولىنى توسىۋالغان بولسا، ئۇ يا ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتەتتى ياكى بىر چەتكە تېپىۋىتىپ ئاندىن ئۆتەتتى، ھەرگىزمۇ ئۇ ئاياغنى جايىغا ئېلىپ قويمايتتى.
    "تاماق ئىتىش، قاچا يۇيۇش دىگەنلەر ئايال كىشىنىڭ ئىشى."، بۇ لىيۇجىشىن ئۆز ئېغىزى بىلەن دىگەن گەپ. ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن: "خوتۇن دىگەننى ئۆينىڭ ئىشىنى قىلار دەپ ئالمامدۇ؟ بولمىسا ئادەم خوتۇن ئېلىپ نىمە ئىش قىلىدۇ؟". بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئاخۇا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى نەچچىنى كاچاتلىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدى.
ئۆينىڭ چىقىمىنىڭ يېرىمىنى مەن چىقىرىمەن، يېرىمىنى سىز چىقىرىسىز
    لىيۇجىشىننىڭ خىزمىتى يامان ئەمەس بولۇپ، تاپىدىغان پۇلىسىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ ھەر ئايدا ئاخۇاغا مۇقىم 1500يۈەنلا بىرەتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئاخۇانىڭمۇ ئۆزىنىڭ مائاشى بار، شۇڭا ئاخۇامۇ 1500يۈەن پۇل چىقارسا، ئىككىسى چىقارغان 3000يۈەن پۇل ئىككىسىگە يىتىپ ئاشىدىكەن؛ ئۇ تېخى 3000يۈەندىن ئاشقان پۇلنى ناھايىتى "مەرتلىك" بىلەن ئاخۇانىڭ پارچە-پۇرات خەجلىشىگە بىرىۋەتكەن. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئاخۇا ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق نىكاھىنىڭ نىمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدى.
دوست خوتۇندىن مۇھىم
    لىيۇ جىشىن سىرتتىكىلەرگە ھەددىدىن زىيادە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، دوستلىرىمۇ كۆپ. ئۇ ئادەتتە بىر ھەپتىنىڭ بەش كۈنىدە، كەچلىك تاماققا ئۆيىگە كەلمەيدۇ، پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا ئۆيگە قايتىپ تاماق يەيدۇ؛ چۈنكى ھەپتە ئاخىرىدا ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرى ئۆيىگە قايتىپ، خوتۇن-بالىلىرىغا ھەمراھ بولمىسا بولمايدۇ.
    يېقىندىن بىرى، ئۇ ھەپتە ئاخىرىمۇ ئۆيگە قايتماس بولدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىدارىسىغا يىڭى بىر يىگىت كەلگەن بولۇپ، ئۇ يىگىت باشقا جايدىن كەلگەن بولغاچقا، ھەپتە ئاخىرلىرى يالغۇز قالىدىكەن، شۇڭا لىيۇ جىشىن ئۇنى باشلاپ ئەتراپنى ئايلاندۇرۇپ كەلمىسە بولمايدىكەن.
-3-
     بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن، ئاخۇا لىيۇ جىشىن بىلەن جىدەللىشىشكە باشلىدى؛ چۈنكى بۇ ئاخۇا ئىرىشىشنى ئويلايدىغان نىكاھ تۇرمۇشى ئەمەس ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ قامدايدىغان نىكاھ تۇرمۇشى ئىدى.
    لىيۇ جىشىن ئاخۇانىڭ بۇ "ئەيىبلەشلىرىنى" قەتئى ئۆزىگە ئالمىدى؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزى ئەزەلدىن سىرتلاردا قونۇپ قالمايتتى، باشقا ئاياللار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىمۇ بولمايتتى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى ئەر چاغلايتتى. ئۇ ئاخۇاغا دىدى: " مەندەك بۇنداق ياخشى ئەردىن سىز تېخى بىزار بولۇۋاتامسىز؟"
    ئاخۇامۇ گەپتىن قالماي، لىيۇجىشىنغا جاۋاپ قايتۇردى: "سىز ئەگەر راستىنلا ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ياخشى ئەر كىشى بولسىڭىز، نىكاھتىن ئاجرىشىپ قايتا توي قىلىدىغان ئەھۋالغا قالامتىڭىز؟"
    بۇ گەپ لىيۇجىشىننىڭ يېغىرىغا تەگدى بولغاي، ئۇ ئاخۇانى بىر تەستەك سالدى. بىراق بۇ بىر تەستەك ئاخۇانى ئەس-ھۇشىنى تاپقۇزۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ نىكاھىنىمۇ ئاخىرلىشىش نوقتىسىغا ئېلىپ باردى....

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号