ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قېيىنئانا بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئوغلى بىلەن كىلىنىنى ئەپلەشتۈردى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-05كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەممە ئادەم قېينىئانا بىلەن كىلىننىڭ ئەپ ئۆتمىكى تەس دىيىشىدۇ، چۈنكى ھەر نىمە دىگەن بىلەن، قېيىنئانا كىلىن ئوتتۇرسىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا، مەڭگۈ ئانا بالىدەك يېقىن بولالمايدۇ. بىراق تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق بىر مۇھەببەت، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولۇپ، بىر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپلا، ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەتمەك تەس؛ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ.
    مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ياخشى كۆرۈنىدۇ؛ ئەمما نىكاھلىشىپ توي قىلغاندىن كىيىن، سۈركىلىش كۆپىيىشكە باشلايدۇ. بىز تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇنمۇ كىچىككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈن جىدەللىشىپ، ھەتتا نىكاھتىن ئاجرىشىپ كىتىشنىمۇ تىلغا ئېلىشقان.
     بۇ ھالقىلىق پەيتتە، قېيىنئانىنىڭ قىلغان بىر ئېغىز سۆزى، كىلىنىنى شۇ ھامان سەگىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ياخشى بولۇپ قېلىشىغا تۈرتكە بولغان.

-1-
مۇھەببەت قىزغىنلىققا، نىكاھ ئاددىيلىققا تولغان كىلىش، ئادەتتىكى نورمال ئەھۋال
     خۇاڭ ۋۇ بىلەن شياۋخۇەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ ياش بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئۈچ ۋاخ تامىقىنى ئاتا-ئانىسىنىڭكىدە يەپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلايتتى.
بۇنداق تۇرمۇش ھالىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى. شياۋخۈەننىڭ كۆڭلىمۇ بۇ سەۋەپلىك ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قېيىنئانىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كىلىۋاتاتتى. بىراق شياۋخۇەننىڭ دوستلىرى ئۇلارنى بىرگە تۇرمىغاچقا، شۇڭا قىيىنئانىسى بىلەن ئەپ ئۆتەلىگەنلىكىنى دەيتتى؛ بىراق شياۋ خۇن بولسا، قېيىنئانىسىنى داۋلى چۈشىنىدىغان، ئادەم چىقىشىپ ئۆتىدىغان ئايال دەپ قارايتتى.
    قېيىنئانىسى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس، بىراق ئىرى خۇاڭ ۋۇنىڭ، توي قىلىشتىن ئىلگىركىگە قارىغاندا، ناچار ئادەتلىرى كۆپىيىپ قالدى. مەسىلەن ئەتىگىنى ئورنىدىن ۋاقتىدا تۇرماسلىق، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشمەسلىك، يەنە تېخى نەرسىلىرىنى قالايمىقان تاشلاش دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    شياۋخۇەننىڭ قارىشىچە، قېيىنئانىسىنىڭ ئىشچانلىقىغا قارىغاندا، ئىرى خۇاڭ ۋۇنى ھۇرۇنلۇقتا چېكىگە يەتكەن دىيىشكە بولاتتى.

-2-
بالىنىڭ تۇغۇلۇشى، ئەر-خوتۇنلار مۇھەببىتىنى سىناشنىڭ باشلىنىشى
   ئۇزۇن ئۆتمەي، شياۋخۇەن ئوغۇل بوۋاقتىن بىرنى تۇغدى. چوڭلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى، شياۋخۇەننىڭ قېينىئانىسى تېخى مەخسۇس كۆچۈپ كىلىپ، شياۋخۇەننىڭ تۇغۇتىنى باقتى. قېيىنئانىسى، ئاياللارنىڭ تۇغۇتىدا ياخشى كۈتۈنۈشى ھەممىدىن مۇھىم، بولمىسا كەلگۈسىدە ئاغرىقچان بولۇپ قالىدۇ دەپ، شياۋخۇەننىڭ ھالىدىن خېلى ئوبدان خەۋەر ئالغان ئىدى.
    شياۋخۇەن قېيىنئانىسىنىڭ كۆيۈنىشىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى؛ بۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ ئانىسىمۇ دائىم دىگۈدەك كىلىپ تۇرغاچقا، شياۋخۇن تۇغۇتىنى خۇددى "پادىشاھلارغا" ئوخشاش چىقىرىپ، يەپ-ئىچىپ ئۇخلاپ، نەچچە كىلوگىرام سەمىرىپ كەتتى.
    بىراق، ئوغلى تۇغۇلغاندىن كىيىن، خۇاڭ ۋۇ خورىكىم ئانا بالا ئىككىڭلارنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ، مىھمانخانىغا كۆچۈپ چىقىۋالدى. بۇ سەۋەپمۇ خېلى چەك بېسىپ قالىدىغان بولغاچقا، شياۋخۇەن بۇنىڭغا ئارتۇقچە بىرنىمە دىمىدى.
   لىكىن، بەلكىم ئانىسى ياردەملىشىۋاتقان بولغانلىق سەۋەبىدىن بولسا كىرەك، خۇاڭ ۋۇ خوجايىنلارغا ئوخشاش، ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق بولۇۋالدى. دەسلەپتە بۇمۇ بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمىگەن، بىراق شياۋخۇەن ئىشقا بارغاندىن كىيىن، كىچىسى بالىغا قارايدىغان ۋاقىتتا، ئۇ مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى.

-3-
مەن ئوغلۇمنى سىزگە تاپشۇردۇم، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئىرىڭىز
    ئەسلىدە، قېينىئانىسى ياردەملىشىۋاتقان، شياۋخۇەن ئۆزىمۇ تۇغۇت رۇخسىتى بىلەن ئىشقا بارماي ئۆيدە بولغانلىقى ئۈچۈن، شياۋخۇەنگە بەك تەس بىلىنمىگەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى توشۇپ، ئىشقا بارغاندىن كىيىن، بالىغا كۈندۈزى قېيىنئانىسى قارىدى، كەچلىكى شياۋخۇەن ئۆزى قارىدى.
   شۇنىڭ بىلەن، شياۋخۇەن كەچلىرى ئالدىراشچىلىقتىن پۇتلىرى يەرگە تەگمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بالا يىغلاپ خاپا قىلسا، شياۋخۇەن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالاتتى، ئىرى بولغان خۇاڭ ۋۇمۇ يا كىلىپ ياردەملىشەي دىمەيتتى. بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشقانسىرى، شياۋخۇەن چىدىماي قالدى دە، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئوتتۇرسىدا "ئۇرۇش" پارتلىدى.
    بىر كۈنلۈكتە، بالا يىغلاۋاتاتتى، ئۇ ئىككىسى جىدەل قىلىۋاتاتتى. جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن زور دەرىجىدە ھارغىنلىق ھىس قىلغان شياۋ خۇەن ئاجراشماقچى ۋە بالىنى ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتمەكچى بولدى. بۇ ۋاقىتتا، شياۋخۇەننىڭ قېيىنئانىسى دەل ئۇلارغا نەرسە ئەكىلىپ بىرىش ئۈچۈن كىلىپ، ئۇلارنىڭ جىدىلىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ جىدەللىشىۋاتقانلىقىنى، نەۋرىسىنىڭ بولسا يىغلاپ تېلىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، نەۋرىسىگە ئىچى ئاغرىپ ئۇنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈردى.
    شياۋخۇەن قېيىنئانسىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى، شۇڭا قېينىئانىسىنى كۆرۈپ، ئاچچىقىمۇ پەسكويغا چۈشتى. بالىنى بەزلەپ ئۇخلىتىپ قويغاندىن كىيىن، شياۋخۇەننىڭ قېيىنئانىسى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننى سافاغا كىلىپ ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى.
    شياۋخۇەننىڭ قېيىنئانىسى شياۋخۇەنگە مۇنداق دىدى: "مەيلى سىلەر نىمە ئۈچۈن جىدەللەشكەن بولماڭلار، مەن ئاۋال خۇاڭ ۋۇ ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن! ئۇ چوقۇم تەنتەكلىك قىلىپ سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويغان گەپ؛ مەن خۇاڭ ۋۇنى يىگىرمە نەچچە يىل بېقىپ چوڭ قىلغاندىن كىيىن، سىلەر توي قىلغان ۋاقتىڭلاردا ئۇنى سىزگە تاپشۇرغان، ئۇ ھازىر سىزنىڭ ئىرىڭىز. مەن گەرچە ئۇنىڭ ئانىسى بولساممۇ، ئۇنىڭغا يان باسمايمەن؛ ئەمما بىراق سىزنىڭمۇ ھازىر بالىڭىز بار بولدى، سىزمۇ بىر ئانا بولدىڭىز، شۇڭا مىنىڭ سىزدىن ئۆتۈنمەكچى بولغۇنۇم، بالىڭىزنى كۆپرەك ئويلاپ، بالىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىرىڭىزغا كۆپرەك يول قويۇپ، ئۇنى كەچۈرۋىتىڭ، بولامدۇ؟"
    بۇلارنى ئاڭلاپ، شياۋخۇەننىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. ھەقىقەتەن شۇنداق، ئۇ ئوغلىنى ئويلىسىلا كۆڭلى يۇمشاپ قالاتتى. ئەگەر ئوغلى كەلگۈسىدە توي قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئايالى بىلەن جىدەللەشسە، شياۋخۇەن ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ قانداق بىئارام بولۇپ قالىدىغانلىرىنى ئويلاپ يەتكەن ئىدى.
    قېيىنئانىسىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن قىلغان بۇ بىرنەچچە ئېغىز سۆزلىرى بىلەن، شياۋخۇەننىڭمۇ ئاچچىقى ياندى، ھەم ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ ۋاقىتتا، شياۋخۇەننىڭ قېيىنئانىسى ئوغلى خۇاڭ ۋۇغا، شياۋخۇەنگە ياردەملىشىشنى ئۆگىنىشنى، شياۋخۇەننىڭ كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ، كىچىلىرى بالىغا قاراپ جاپا تارتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا شياۋخۇەننىڭ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەس بەلكى ئىككەيلەننىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى، دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇاڭ ۋۇنىڭمۇ بالىغا قاراش مەسئۇلىيىتى بارلىقى  ھەققىدە تەربىيە ئىشلىدى.
     خۇاڭ ۋۇ ئانىسىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. شياۋخۇەنمۇ قېينىئانىسىنى بىئارام قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدى.
     شۇنداق قىلىپ، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى بىر مەيدان زىددىيەت، قېيىنئانىنىڭ نەچچە ئېغىز سۆزى بىلەن ئۈن-تۈنسىز ھالدا يوق بولدى. بۇ يەردە بىز بۇ قېيىنئانىنىڭ پاراسىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
    ئائىلىنىڭ ئىناق بولۇشى، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج. پەقەت كۆڭۈل قويغاندا ۋە مىھرى-مۇھەببەت بېغىشلىغاندا، ئائىلە ئاندىن بەخىتلىك بولايلايدۇ. مەيلى چوڭ ئائىلە بولسۇن، ياكى كىچىك ئائىلە بولسۇن، ھەممىسىدىلا شۇنداق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号