ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار نەزىرىدىكى ئىككىنچى نىكاھ بىلەن تۇنجى نىكاھنىڭ پەرقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-04كۆرۈلىشى : قېتىم
     بىرىنچى قېتىملىق نىكاھنى ياخشى ساقلىيالماي، ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى نىكاھتىكى مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشنى، ئۆزىمىزنى تاشلىۋىتىپ، بەخىتكە ئىنتىلمەسلىكنىڭ ئاساسى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ.
    بولۇپمۇ نىكاھتا مەغلۇپ بولغان ئاياللار، بىرىنچى قېتىملىق نىكاھنىڭ ساۋىقىدىن كىيىن، بۇرۇنقىغا ئوخشاش ياش قىزلاردەك قىزغىنلىقىنى بار بولالمايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تۆۋەندە بىز ئىككى قېتىم نىكاھتىن ئاجراشقان ئايالنىڭ نەزىرىدىكى بىرىنچى نىكاھ ۋە ئىككىنچى نىكاھنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ باقايلى!
1. پىسخىكا جەھەتتە
     بىرىنچى قېتىملىق نىكاھ ۋە ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھتا، ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ.
   ئۇلار ئەرلەرگە تەلەپ قويۇشقا جۈرئەت قىلىشقا ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزالمايدۇ. تۇنجى نىكاھ مۇھەببەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇھەببەت سەۋەپلىك بىرگە بولغان بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتتىكى ئاياللار ھەمىشە كىيىنلىكنى ئويلاپ، توي قىلغان ۋاقىتتا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە شەرت قويۇپ، ئۆزىنىڭ يىڭى ئائىلىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم ھالەتتە تۇرۇش كاپالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھتا بۇنداق قىلىشقا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسى بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلىدە ئۆزىنى باھاسى چۈشۈپ كەتكەندەك ھىس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىنچى نىكاھتا ئاساسەن تۇرمۇش زۈرۈرىيىتى بىلەن بىريەرگە كەلگەن بولغاچقا، مۇھەببەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇقىم بولغان تۇرمۇشقا ئىرىشىشتۇر.
2. فىزىلوگىيىلىك جەھەتتە
    تۇنجى نىكاھتىكى ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنى قارشى تەرەپكە تاپشۇرۇشى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولىدۇ؛ ئاياللارنىڭ قەلبىدە بۇنداق ئۇچرىشىش بولسا مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ كۆۋرۈكى ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى—پەرزەنتكە ئىرىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاياللار بۇندىن كىيىن، تېخىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇش ئىگە بولىدىغاندەك ھىس قىلىدۇ.
    ئەمما ئىككىنچى قېتىم نىكاھلانغان ئاياللار مۇھەببەت ئوتلىرىنى ھىس قىلالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى ئۇچرىشىش تېخىمۇ كۆپ بولغىنى، پۈتۈنلەي جىسمانىي جەھەتتىكى ئىستەك بولۇپ، ئۆز-ئارا يەتكۈزىدىغىنى ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكى ۋەزىپە ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بالا بولغاندىن كىيىن كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇشنى تېخىمۇ مۇقىملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرىدىن، ئىنسانلار ۋەزىپىسىگە ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئاياللار پۈتۈنلەي تۇرمۇشقا باش ئەگكەن بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق نىكاھقا ئوخشاش ئۇنداق كۆپ ئارزۇ-ئارمانلىرى بولمايدۇ.
3. پۇل قارىشى
    جەھەتتەتۇنجى قېتىملىق نىكاھتا ئىككى تەرەپ پۇل-مال جەھەتتە كۆڭۈل خوشى ۋە خالىغانچە بولۇشنى ئاساس قىلىغان پۇزۇتسىيەدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئەرلەر پەقەت قالايمىقان پۇل خەجلىمىسە، ئاياللار پەقەت ئۆينى تۇتۇپ كىتەلىسىلا، ئۇلار پۇللىرىنى بىر قىلىپ تۇتۇشنى خالايدۇ؛ بۇ بىر خىل تەبىئى بولغان ئىنكاس ھەم ئۆز-ئارا بولغان ئىشەنچنىڭ كاپالىتى.
    ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھ ئوخشاشمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرلىقىدا بالا بار بولۇپ بولغۇچە، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى جەھەتتە مۇستەقىل كەلگەن مەزگىلدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ناھايىتى سۇس بولغاچقا، ئۆز-ئارا بولغان ئىشەنچمۇ ناھايىتى سۇس بولىدۇ؛ ئۇلار كۈندە بىر يوتقاندا ياتسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنىلا بىرقەدەر چوڭ ئارلىق بار بولىدۇ.
4. قىممەت قارىشى
    جەھەتتەتۇنجى قېتىملىق نىكاھتا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ چوڭ قىممەت، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت جەريانىدا بۇ دەرىجىگە يىتىپ كەلگەنلىگىدۇر. ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھتا، ئۇلاردا مۇھەببەت ئاساسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ قىممەت، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىھتىياجلىق بولغانلىقى بولىدۇ. بۇنداق ئىھتىياج، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىللىك يېغىلىش بولمىسا، ئۇنىڭ تۇغقانلىق مىھىر-مۇھەببەتكە ئايلىنىشى ئىنتايىن تەس بولىدۇ؛ ئۇلار تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن بىر يەرگە كەلگەن بولغاچقا، تۇرمۇشتىكى ھېسيات قىممىتىنى تېخىمۇ مۇھىم بىلىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
   قايتا نىكاھلانغان ئەر-ئاياللار، ئوتتۇر يولدا ئۇچراشقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ھەقىقى كۆڭۈل بىرىشى تەسكە توختايدۇ. ئاياللار مەيلى ئاجراشقان، قايتا توي قىلغان ياكى يارىشىۋالغان بولسۇن، قانداق نىكاھ كەچمىشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كىرەك؛ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي، باشقىلارنىڭ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقىڭىز لازىم. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ساقلاپ، تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئاۋارىچىلىق ۋە غەم-ئەندىشىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىز، سىز چوقۇم بەخىتلىك بولغان نەتىجىگە ئىرىشەلەيسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号