ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياغقا مەپتۇن بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ئۆلۈمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-02كۆرۈلىشى : قېتىم

    دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ھەۋەسلىرى بار بولۇپ، بەزىلەرنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرى ئاجايىپ غەلىتە كىلىدۇ. ئاياغ يېغىپ ساقلاش ئاياللارنىڭ قىزىقىشلىرىنىڭ بىرى، ئەمما ئامرىكىلىق 58 ياشلىق ئايال جېسسىيغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، "ئاياغ يېغىپ ساقلاش خۇمارى" دىگەن سۈپەتلەش سۆزى، ئۇنىڭ ئاياغقا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ لەقىمى "ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئايال پادىشاھى" بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە 15مىڭ جۈپتىن ئارتۇق ئاياغ يېغىپ ساقلىغان ھەمدە بۇ تۈردە جىننىس دۇنيا رىكوتى ياراتقان.
    بىراق ئۇنىڭ بۇ قېزىقىشى ئۇنىڭغا بەزىبىر بىئارامچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلگەن؛ ئىرى ئۇنىڭ بۇ خىل قىلىقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن. كىيىنچە جېسسى 30 ياشلىق ئەر شىراكنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئىككەيلەن بىرگە تۇرۇشقا باشلىغان؛ بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئوغۇل دوستى شىراكنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئاياغ يېغىپ ساقلاشتەك بۇ خىل ھەۋىسىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىغان.
    شىراكنىڭ دىيىشىچە، جېسسىينىڭ نەزىرىدە ئاياغدىن باشقا نەرسە يوق بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەرقانداق نەرسە ئاياغ شەكلىدە كۆرۈنىدىكەن؛ جېسسىينىڭ تۇرمۇشىدىمۇ پەقەت ئاياغلا بار بولۇپ، ئاياغ جېسسينىڭ ھاياتى ھەم بارلىقى ھىسابلىنىدىكەن.
    بۇ سەۋەپلىك ئىككەيلەننىڭ ھىسياتىدىمۇ داۋالغۇش پەيدا بولۇپ، ئۇلار توختىماي جىدەللىشىشىكە باشلىغان؛ بىر قېتىم شىراك بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنى بېسىۋالالماي، ئېھتىياتسىزلىقتىن جېسسىينىڭ باش سۆڭىكىنى سۇندۇرۋەتكەن ھەمدە يارىسى ئېغىر جېسسىينى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە ئىتتىرۋەتكەن؛ جېسسىي شىراك تەرپىدىن سۇ ئۆزۈش كۆلچىكىگە تاشلىۋىتىلگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ قالغان. شىراك بۇ ۋاقىتتا قېچىپ كەتمەي ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان. شىراك بۇسەۋەپلىك قولغا ئېلىنىپ، 16 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号