ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەقىقى تۇرمۇش ھالىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-08كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر مەزگىل ئىلگىرى،  ئۈندىدار  دوستلار  چەمبىرىكىدىكى "سەھەر  سائەت 3  بولغاندا" ناملىق  سۈرەتلىك فىلىم ئىنتايىن  داڭلىنىپ كەتتى. ھەممە  شەھەردە سەھەرسائەت  3بولغاندىمۇ ئۆيىگە  قايتمايدىغانلار بار  بۇلۇپ،  قورامىغا  يەتكەنلەرنىڭ دۇنياسى سىز بىلمەيدىغان مۇشەققەتلەرگە تولغان  بۇلىدۇ؛  كىچىك  ۋاقتىمىزدا،  چوڭلارغا  ھەۋەس  قىلىمىز،  لىكىن چوڭ  بولغاندىن  كىيىن  ئاندىن  ئاسان  ئەمەسلىگىنى  بىلىمىز؛ چۈنكى  كىچىك  ۋاقتىڭىزدا سىز پەقەت  ئۆزىڭىز نىڭ  رولىنى  ئوينىسىڭىزلا  كۇپايە،  ئەمما  چوڭ  بولغاندىن  كىيىن، سىز  بەلكىم دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، ئاتا ئانا، بالا  قاتارلىق  روللارنى ئالىسىز،  بالىلىققا  ئوخشاش ئۆزىڭىزلا  بۇلۇپ  ئۆتىدىغان ۋاقىتلار  كەلمەسكە  كەتكەن  بۇلىدۇ.
 
-1-
    بۇ  سۈرەتلىك  فىلىم گەرچە  نەچچە  مىنۇتلۇقلا بولسىمۇ،  لىكىن  ئادەمنىڭ  يۈرۈگىنى  ئېچىشتۇرىدۇ؛ بۇ  فىلىمدە ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەردىكى بىز  بىلمەيدىغان ياكى  ئاسان  نەزىرىمىزدىن  ساقىت  قىلىدىغان  بەزى  مەسىلىلەر كۆرسىتىلگەن  بۇلۇپ،  بۇيەردە  بىز  بىر  نەچچە پارچە  سۈرەتنى  كىرىشتۈردۇق.
    چوڭ  بولغاندىن  كىيىن،  سىزنىڭ كۈرىدىغىنىڭىز ھەر بىر  ئادەمنىڭ ئالدىراشچىلىقتا كۈن  ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى  بىلىسىز:
    بىر  دوختۇرنىڭ  كۈندىلىك  تۇرمۇشى : تاماق يىيىشكىمۇ ۋاقىت  چىقىرالماي، كىسەل  كۈرۈش ۋە  دىئاگونوز  قويۇش  بىلەن ئالدىراش  بۇلۇش؛

     ئايرۇدۇرۇم مۇلازىمەتچىسىنىڭ  كۈندىلىك  تۇرمۇشى : ئەتىگەندىن  كەچكىچە بەل  پۇتلىرى ئاغرىپ  كەتسىمۇ ئۆرە  تۇرۇش ۋە ئېغىزى قۇرۇپ  نەم قالمىسىمۇ توختىماي يولۇچىلار  سۇئالىغا  جاۋاب  بىرىش.
      بىر  يەسلى  ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۈندىلىك  تۇرمۇشى: ھەر  مىنۇت ھەر  سىكونتنى ناھايىتىمۇ  ئېھتىياتچانلىق  ئىچىدە  ئۆتكۈزۈش.
 
      بىر  تاماق  يەتكۈزگۈچىنىڭ  كۈندىلىك تۇرمۇشى: ئەتىگەندىن  كەچكىچە توختىماي  قاتراپ، تاماق  يەتكۈزۈش.

    چوڭلارنىڭ  تۇرمۇشىدا بىزنىڭ  ئادەتتە  كۆرىدىغىنىمىز  تىرىشچانلىق،  بىزنىڭ  نەزەردىن ساقىت  قىلىدىغىنىمىز، ئۇلارنىڭ تارتقان  جاپاسى ۋە  ئاسان ئامەسلىگى.
 
-2-
    مىنىڭ  چوڭلارغا  ئاسان  ئەمەسلىگىنى  تۇنجى  ھىس  قىلىشىم،  كىچىك  ۋاقتىمدا  ئىدى؛ بىز  تۇرۇشلۇق  شەھەرگە  كىنتاكى تاماقخانىسىنىڭ بىرىنچى دوكىنى  ئېچىلدى، نۇرغۇن  كىشىلەر  ئۆچرەتكە  تىزىلىپ ،  تاماق  يىيىشەتتى؛ داداممۇ  مىنى  ئېلىپ  كۆرۈپ  بېقىشقا  باردى.
     بىر  ھامبورگ بولكىسى 11يۈەن، 11يۈەن پۇل  ئوننەچچە  يىلنىڭ  ئالدىدا  ئاز  پۇل  ھىسابلانمايتتى؛ دادام  ماڭا  ھامبورگ بولكىسى، ياڭيۇ قەلەمچىسى  ۋە  ئاپلىسىن  سۈيى  ئېلىپ  بەردى؛  مەن  ئۇنىڭغا ھامبورگ بولكىسىنى تەڭلەپ،  تېتىپ  بېقىشىنى  ئېيتقىنىمدا،  ئۇ  مىھرىبانلىق بىلەن  ماڭا  قاراپ  تۇرۇپ، " مىنىڭ  قورسىقىم  توق،  سەن  يىگىن " دىدى؛  ئەمما  ئۆيگە  قايتقاندىن  كىيىن،  ئۇنىڭ  ئاستاغىنا ئاشخانا  ئۆيگە  كىرىپ،  تۈنۈگۈن ئېشىپ  قالغان تاماقنى يەۋاتقىنىنى  كۆرۈپ  قالدىم؛  ئەمىلىيەتتە  ئۇنىڭ  قورسىغى  ئاچ،  ئەمما ئۇ  بىر دادا.
   قورامىغا  يەتكەنلەر  تۆلەيدىغان  بەدەل،  ئۆز ئۆزىنى  يوقىتىپ  قويۇشتۇر. نۇرغۇن  كىشىلەر ئۆيىگە  قايتقاندىن  كىيىن،  ماشىنىدا  بىر  دەم ئولتۇرۋىلىپ  ئاندىن  ئۆيگە  كىرىدۇ،  چۈنكى  ئۇ  ماشىنىدا ئىچىدىلا  ئۆزى  بولالايدۇ  ماشىنىدىن  چۈشكەندە  بولسا،  ئۇ  ئۆزى  بولالماي،  ھېلىقى  مۇئەللىم،  دوختۇر  ۋە ياكى  باشقىلار  بۇلىدۇ.


-3-
    ئىلگىرى  توردىكى  بىر  يۈرۈش  رەسىم نۇرغۇن  كىشىلەرنى  تەسىرلەندۈرگەن :

     ھالرەڭ  كىيىم  كىيىۋالغان مىكىي مەلىكە،  لىكىن  بىز  ئۇنىڭ  بېشىدىكى  نىقابىنى  ئېلىۋەتكەندىن  كىيىن، چاچلىرى  ئاقىرىپ  كەتكەن  بوۋاي  ئىكەنلىگىنى كۆرىمىز.
    بېشىغا  نىقاب  ئارتىۋالغاندا،  ئۇ  كۆپچىلىكنىڭ  مىكىي مەلىكىسى،  باشقىلارغا ھەمرا  بۇلۇپ  سۈرەتكە  چۈشۈپ  نەچچە يۈەن  پۇل  تاپىدۇ؛  بېشىدىكى  نىقابنى ئېلىۋەتكەندىن  كىيىن ئۇ  بىر  ياشانغان  كىشى،  ھەتتا ھالرەڭ  كىيىم  ئۇنىڭ  قېرىلىق  يەتكەن چىرايى  بىلەن ئازراقمۇ  ماس كەلمىگەن.
    مانا  بۇ  قورامىغا  يەتكەنلەرنىڭ  دۇنياسى  ئەمەسمۇ؟ بىز  ھەر  خىل  نىقابلار  بىلەن نىقابلىنىپ،  ئوخشىمىغان  روللارنى  ئالىمىز،  چۈنكى  بۇ  بىزنىڭ  خىزمىتىمىز؛ نۇرغۇن  ۋاقىتلاردا  بىز ئۆز زىممىمىزدىكى  مەسئۇلىيەتنى ئىنىق  تۇنۇغانلىق  سەۋەبىدىن،  تۇرمۇشىمىز "ئاسان ئەمەس"لىكلەرگە تولىدۇ.
 
    ئالى  مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقىنىمدا،  يۇقىرى  يىللىقتىكى  بىر  مەكتەپدېشىم  ئوقۇش  پۈتتۈرۈپلا ئىگىلىك  تىكلەشكە  كىرىشتى.  ھەر  كۈنى كۆزىنى  ئېچىشىغا ئىجارە  ھەققى،  توك  سۇ  پۇلى،  خوجىلىق  ھەققى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ  كىلىدىغان  بۇلۇپ،  بىر  شىركەتنىڭ ھەر خىل چىقىملىرى ئويلىغاندىن  نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى. بىر  قېتىم  مائاش تارقىتىدىغان  ۋاقىتتا شىركەتتە  پۇل  يوق  بۇلۇپ  قېلىپ، مەكتەپدېشىم  ئۇرۇغ تۇققان ۋە  تۇنۇش  بىلىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن  قەرز  ئېلىپ مائاش  تارقاتقان؛  چۈنكى ئۇنىڭ  دىيىشىچە،  خوجايىن  بولغانلارنىڭ  ئەڭ  قورقىدىغىنى،  خىزمەتچىلەرگە  يۈز  كىلەلمەسلىك  ئىكەن.
   شۇنداق،  تۇرمۇشنىڭ  بىزگە  قانداق قىيىنچىلىقلارنى  ئېلىپ  كىلىشىدىن  قەتئى  نەزەر،  بىز  جەمىئەتكە ۋە باشقىلارغا  بولغان  ياخشى كۆڭلىمىز ۋە  چۈشىنىشىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ  غۇرورىنى  ساقلاپ  قېلىشىمىز  كىرەك؛ بۇ  بەلكىم ھەممەيلەننىڭ ھەرقانچە  قىيىنچىلىق  بولسىمۇ يەنىلا  بەرداشلىق  بىرىپ  ئۆتۈپ  كىتىشىدىكى  سەۋەب  بۇلىشى  مۇمكىن.
 
-4-
     بىر كىشىنىڭ  ئۆمرىگە  ياققان  قارلارنى،  باشقىلارنىڭ  تۇلۇق  كۈرۈپ  كىتىشى  ناتايىن؛ ھەممىمىز ئۆمرىمىزدە يالغۇزلۇق  ھالىتىدە  قىش  چىقىرىمىز.
     شۇنداق،  ئادەملەرنىڭ  داۋاملىق  باشقىلارنىڭ  ئورنىدا  ئۆزىنى  قويۇپ  ئويلاپ  كىتەلىشى ناتايىن،  ھەممىمىزنىڭ  دۇچكەلگەن  قايغۇ  ھەسرەت  ۋە  جاپا  مۇشەققەتلىرىمىزمۇ ئوخشاش  بولمايدۇ.
     تۆۋەندىكى  رەسىمدىكى،  يانفوننىڭ  ئىكرانىنى  قۇلۇپلاشنىمۇ ئۇنتۇپ  ئۇخلاپ  قالغان ئەر كىشىنىڭ  زىممىسىگە قانچىلىغان  ئادەمنىڭ  تۇرمۇشى  ئارتىلغان؟ سىز  بۇنى  مەڭگۈ  چۈشەنمەيسىز.
 
      ھارغىنلىقتىن ئوپراتسىيە  ئۆيىدىلا  يېتىۋالغان  بۇ  دوختۇر  سېستىرالار؛   ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ  سىرتىدا يەنە  نۇرغۇن  بىمارلار ئۇلارنىڭ ئۆزىنى  قۇتقۇزىشىنى  ساقلىماقتا :
 
       "ماي چاشقانلىرى" تەرپىدىن ماشىنىسىدىكى ماينىڭ ھەممىسى ئوغۇرلىۋىلىنغان يۈك ماشىنا شوپۇرى، بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ، بىر تەرەپتىن قاقشاۋاتىدۇ؛ لىكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، ماشىنىنى يەنە ھەيدىمەي بولمايدۇ.
 
     مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر سۇئالنى كۆرگەن : ئەڭ قىيىن ۋاقىتلىرىڭىزدا، سىز نىمە سەۋەپتىن بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كىتەلىدىڭىز؟ بۇ سۇئالغا قارىتا بەزى تورداشلار ئۆز ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن :
     ①ئىلگىرى ھەرگىز " ئۆي قۇلى " بۇلۇپ ،بانكا قەرزى تۆلەپ ئۆتمەيمەن دەپ قەسەم قىلغان؛ لىكىن ئاتا ئانام مەن تۇرغان شەھەرگە كىلىپ، نەچچە كۈن تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن، مەن ئاستاغىنا بېرىپ، يىڭى ئۆينىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان قىسمىنى تۆلەپ، سېتىۋىلىش رەسمىيىتى بىجىردىم، ئەمدى ئاتا ئانام يەنە مىنى كۆرگىلى كەلسە قىسىلىپ قالمايدۇ.
      ②سەھەر سائەت 4تە ئىشخانىدىكى ئىشلارنى ئاياغلاشتۇردۇم، لىكىن 6:30دە ئويغىتىدىغان سائەتنى ئىتىۋەتمىدىم، چۈنكى بالامغا ئەتە ئۇنىڭ مەكتىۋىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىق توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدىم.
      ③بىر قېتىملىق ئوپراتسىيە 13سائەت داۋاملاشتى، بەزىلەر ھاياتى ئۈچۈن بەرداشلىق بىرىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر ھاياتىنى تىكىپ بەرداشلىق بىرىۋاتىدۇ.
دوختۇرلار  كىسەل لەر ئۈچۈن :
 
ئايرۇدۇرۇم مۇلازىمەتچىسى يولۇچىلار ئۈچۈن :
 
تاماق يەتكۈزگۈچى خىرىدارلار ئۈچۈن :
 
يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بالىلار ئۈچۈن :

      ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان بىر جۈملە سۆز بار — سىزنىڭ خاتىرجەم ياشىيالىشىڭىز، باشقىلارنىڭ سىز ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىق سەۋەبىدىندۇر.
     چوڭلارنىڭ ھەممىگە بەرداشلىق بىرىشى، باشقىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن؛ شۇڭلاشقا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇلار مۇستەقىل ھالدا ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ، ئۆزى بولسا ئۇنچە مۇھىم ھىسابلانمايدۇ.
     ھەر بىر كىشىگە ئاسان ئەمەس، ھەممە كىشىنىڭ بىربىرىگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号