ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۈچىنچى شەخىس قانداق سۇقۇنۇپ كىرىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-05كۆرۈلىشى : قېتىم
    " ئىرىم تالاغا قاراپ ، ھازىر مەن بىلەن ئاجراشماقچى بولىۋاتىدۇ؛ ھەممىسى ئاشۇ تۈلكە جىننىڭ ئىشى، ئائىلىمىزنى بۇزدى، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، ئىرىممۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان بولاتتى."
    يۇقارقى سۆزلەر بىر ئايالنىڭ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا قالدۇرغان سۆزلىرى؛ مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنىڭ قىلىۋاتقان ۋاقتىدىكى ئازاپقا تولغان چىراي ئىپادىلىرىنى ئويلاپ يىتەلەيمەن.
   ھەقىقەتەن توغرا، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، بەخت ۋە ئىللىقلىققا تولغان بىر ئائىلىسى بولۇش، ئۆزىگە كۆيىنىدىغان ئىرى بولۇش ، ئۆلگۈچە بىرگە بولالايدىغان مۇھەببەت بولۇشتۇر. بۇنداق ئاياللار كۈندە قاتتىق نان يىسىمۇ، ئەسكى كەپىلەردە كۈن ئۆتكۈزسىمۇ، پەقەت مۇھەببەت بار بولسىلا، ئۇلار خۇددى باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى بەرىبىردەك ھىس قىلىدۇ.
   ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا، مۇشۇنچىلىك بىر تەلەپنىڭ قانائەت تېپىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. بۇرۇن ئۈچىنچى شەخىس تىلغا ئېلىنسا، ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق ئەيىبلىشىگە ئۇچرايتتى؛ لىكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ يۈز ئابروي مەسىلىسىگە ئۆزگىرىپ، ئاشىنىسى بولماسلىق ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارىدىكى مەسىلە، ئاشنىسىنىڭ قاتلام دەرىجىسى ئەر كىشىنىڭ قاتلام دەرىجىسىنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قېلىپتۇ؛ شاللاق ئەمەس ياخشى ئەردىن بىرنى تېپىش ناھايىتى تەسكە توختايدىغان بولۇپ قاپتۇ؛ ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەپ زادى نىمە؟
    مەن ئىلگىرى بىر نەچچە ئەر جىنىسلىق دوستلىرىمدىن مۇنداق سوراپ باققان: ئەگەر ئۆيىڭىزدىكى ئايالىڭىز، ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئەخلاقلىق ھەم ئۆي تۇتۇشنى بىلىدىغان بولسا؛ دوستلىرىڭىزغا ئوخشاش، سىزگە ئامال-چارىلەرنى كۆرسىتىپ ھەمدەمدە بولۇپ ئۆتەلىسە؛ ئاشنىڭىزغا ئوخشاش مۇلايىم ھەم رومانتىك كەلسە؛ ئەگەر ئايالىڭىز بۇ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىيەلىسە، ئەرلەر يەنە تالاغا قارامدۇ؟
    ئۇ دوستۇم ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن، "مۇشۇنداق ئىش بارمىكەن؟ ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا يەنە يۈز-ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈش خەۋپىگە قارىماي سىرتقا چىقىپ ئىزدەپ نىمە قىلىدۇ؟ راستىنلا سىرتقا چىقىپ ئىزدىدى دىگەندىمۇ ناھايىتى شۇ يىڭىلىق ھىس قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قايتىپ كىلىدۇ" دەپ جاۋاپ بەردى.

   قارىغاندا ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە ئەمىلىيەتتە بىر تارازا بار ئىكەن؛ خوتۇن-بالىلىرىدىن ۋاز كىچىشنى ئويلايدىغانلار ئاز، يىڭىلىقنى قوغلىشىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ئەگەر ئائىلىسىدە يۇقىردا سۆزلەنگەنگە ئوخشاش، ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئايالى بولسا، ئۈچىنچى شەخىس يەنە سوقۇنۇپ كىرەلەمدۇ؟ ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتلىك سوقۇنۇپ كىرەلىگەن بولسا، بۇ چوقۇم ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ناھايىتى مەپتۇن قىلارلىق ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ نىكاھىڭلارنىڭ ئۆزىدىن مەسىلە چىققانلىق سەۋبىدىن بولىدۇ.
     بۇ ۋاقىتتا ئايالى دىيىشى مۇمكىن: مەن ئەتىگەندىن كەچىكىچە ئالدىراش بولۇپ، چوڭىدىن خەۋەر ئېلىپ بولۇپ، كىچىكىگە قاراپ تىنماي ئالدىراشچىلىقتا ئۆتسەم، ئاخىرىدا كىلىپ ئۇ سىرتتا تۈلكە جىندىن بىرنى تېپىۋالسا، يەنە مىنىڭ خاتالىغىم بولامدىكەن؟
    شۇنداق، سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراشلا يۈرۈيسىز، لىكىن سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ ئالدىراش بولدىڭىزمۇ؟ سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە پول سۈرتۈش بىلەن ئاۋارە، لىكىن سىز ئۇنىڭ خىزمەتتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغىنىنى بىلەمسىز؟ سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراشىچىلىق بىلەنلا بولۇپ كىتىسىز، سىز ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى رومانتىكىلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ خوتۇن، دوست، ئاشنا، ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى بىرگە مۇجەسسەملەشتىن سىز نەچچە تۈرلۈكنى قىلالىدىڭىز؟

    ئەگەر ئۆي ئىچى ئىشلىرىنىلا دەيدىغان بولسا، ئۇ خىزمەتچىدىن بىرنى تەكلىپ قىلسىلا بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭدا، دوستلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈشۈپ بىرىدىغان، خىزمەتتە دۇچ كەلگەن ھەر خىل مەسىلىلەرگە قارىتا مەسلىھەت بىرىدىغان ئادەم بولمايدۇ؛ ئاشنىسىغا ئوخشاش، ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا مۇلايىملىق ۋە ئىللىقلىق بىرىدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ " خىزمەتچى" تەرپىدىن ئىرىشەلمىگەن نەرسىلىرىنى ئەلۋەتتە سىرتقا چىقىپ ئىزدەيدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر پورەكلەپ ئېچىلغان ھەمدە ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان گۈلدەك بىر قىز ئۇچرىسا، ئۇ نىمىشقا بۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى قىزچاقلار ئۇچرىمىسىمۇ، باشقا خىلدىكى ئاياللار ئۇچرايدۇ، ھەمدە ئوخشاش بىر خىل خېمىيىلىك رىئاكسىيە يۈز بىرىدۇ؛ ئايالى بىلەن كۆرنەرلىك سېلىشتۇرما شەكىللىنىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇچقۇنلار يالتىراشقا باشلايدۇ.
    تالاغا قاراشنىڭ قانچىلىق مۇددەت داۋاملىشىشى بولسا، بۇ كىيىنكى گەپ. ئەمما نورمال بولغان ھىكايە ۋەقەلىكى بويىچە، بۇ ۋاقىتتا ئايالى بۇ بىر خاتالىقنى تۇتىۋىلىپلا، ھەممىنى قالايمىقان قىلىپ، يىغلاپ قاقشاپ، جاھاننى باشقا كىيىدۇ؛ ئەرنىڭ دەسلىۋىدە ھەقىقى ئايرىلىپ كىتىش ئويى يوق بولسىمۇ، ھازىرقىدەك بۇنداق، بىر تەرەپتە مۇز، بىر تەرەپتە ئوت ھالىتى شەكىللەنگەندىن كىيىن، ئاستاغىنا ئۈچىنچى شەخىس تەرەپكە يۈزلىنىپ ئىسسىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈچىنچى شەخىسنىڭ سوقۇنۇپ كىرىشىدىكى پۈتكۈل جەريانمۇ ئورۇنلۇنۇپ بولغان بولىدۇ.

    شۇڭلاشقا ئاياللار، شۇنى ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، ئەزەلدىن ئۈچىنچى شەخىس مۇۋەپپىقىيەتلىك سوقۇنۇپ كىرگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇلاردا ئۇنچىۋالا چوڭ مەپتۇن قىلىش كۈچى يوق. ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزەڭلارنى چۈشۈرۋەتمەڭلار. ئەگەر ئۈچىنچى شەخىس پەيدا بولغان بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم سىلەرنىڭ نىكاھىڭلاردا مەسىلە كۆرۈلگەن، سىز ئۆزىڭىزنى كۆپرەك تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ.
    ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزىڭىزنى يۇقىردىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى بىرگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئىچىڭىزدىن لاتاپىتىڭىز تىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ يىتۈشتۈرسىڭىز، خۇددى گۈلنىڭ پۇرىقى كىپىنەكنى تەبىئى چىللاپ كەلگەنگە ئوخشاش بولالايسىز؛ بۇ كۈندە ئەنسىرەپ ئۆتىدىغان دەرتمەن ئايال بولۇپ ئۆتۈشتىن كۆپ ئاسانغا توختايدۇ.
    ئەگەر سىز مۇشۇنداق بولۇپمۇ ئۆزگەرگەندىن كىيىن ئىرىڭىز يەنە كىتىپ قالسا، سىز ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك ھىس قىلسىڭىز بولىدۇ؛ چۈنكى نىكاھ مەغلۇبىيىتىنى بېشىدىن كەچۈرۈش، بەلكىم ئۇنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز بولسىڭىز، بۇ سەۋەپلىك يىڭى بىر بەخىت مۇساپىڭىزنى باشلىيالايدىغان بولىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • نىكاھتا باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك يەتتە باسقۇچ

    نىكاھتا باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك يەتتە باسقۇچ

    نىكاھ  كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى، نىكاھتىن كىيىن ئىككى ئادەملىك قاراش تىكلەشنى بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك؛ ئادەتتە "مەن" دىگەن سۆزنى ئازراق ئويلاپ، "بىز" دىگەن

  • خاسىڭ مېيى(花生油)

    خاسىڭ مېيى(花生油)

    خاسىڭ مېيىنىڭ ياغ كىسلاتاسى تۈزۈلۈشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىگە ئاسان بولىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكى ماتىرياللاردا تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە،

  • ئەنگىلىيىدىكى بىرىنچى چوڭ ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى!

    ئەنگىلىيىدىكى بىرىنچى چوڭ ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى!

    نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەنگىلىيىلىك "دەرىجىدىن تاشقىرى ئانا" سۇۋ.رادفورد، خان جەمەتى رانكىست كۈتۈنۈش ساناتورىيىسىدە يىگىرمە بىرىنچى بالىسىنى تۇغدى؛

  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ پايدىسى

    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ پايدىسى

    ئۇنىڭ دىيىشىچە، غاز تۇخۇمى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ياىشى تۇلۇقلىيالايدىغان بولۇپ، قورساقتىكى بالىغا ۋە ھامىلدار ئايالغا پايد

  • تارو(芋头)

    تارو(芋头)

    بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغىنىمىز كىچىك كالكوز بېشى(يەنە شىياۋ يۈ توۋ 小芋头) بولۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ يىيىشكە ياكى دۈملەپ، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشكىمۇ ماس كىلىدۇ.

  • مەسەل—كالا نىمە ئۈچۈن ئۆلدى؟

    مەسەل—كالا نىمە ئۈچۈن ئۆلدى؟

    ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن نەرسىگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ! بولمىغاندا سىز خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويىشىڭىز مۇمكىن.

  • ئۈچىنچى شەخىستە ھەقىقى مۇھەببەت بولامدۇ؟

    ئۈچىنچى شەخىستە ھەقىقى مۇھەببەت بولامدۇ؟

    ھەر نىمە دىگەن بىلەن، ئۈچىنچى شەخىسمۇ بىر ئايال كىشى، ئۇلارنىڭمۇ مۇھەببىتى ۋە ھەقىقى ھىسياتلىرى بولىدۇ، ئۇلار پەقەت خاتا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىپ قالغان خالاس.

  • تۇغۇلۇپلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بوۋاق

    تۇغۇلۇپلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بوۋاق

    شىۋىتسىيىلىك بوۋاق سوفىيە، ئۆزىنىڭ كەم تېپىلغۇسىز ئوماق ھەم گۈزەل چىرايى بىلەن، تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولمايلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ بوۋاقنىڭ ھازىر تو

  • دانلىق زىرائەتلەر ۋە تىرە كىسەللىكى

    دانلىق زىرائەتلەر ۋە تىرە كىسەللىكى

    دانلىق زىرائەتلەر گەرچە ئۈچەي يوللىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما تىرە ساغلاملىقىغا بەزى بىر تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  • نىكاھتىكى بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر

    نىكاھتىكى بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر

    تۆۋەندە بىز سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر نىكاھىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ دەرھال ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، سىزدە بولۇپ قالسا

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号