ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار ئىرىنىڭ تۇمۇرىنى تۇتىۋىلىشنى بىلىشى كىرەك!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-12كۆرۈلىشى : قېتىم
   كونىلاردا "مۇھەببەتلەشمەك ئاسان، بىرگە ئۆي تۇتماق تەس" دىگەن گەپ بار؛ ئاياللار ئەگەر بەخىتلىك بولىمەن دىسە، ئۇنداقتا ئىرى بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى ياخشى ساقلاشنى ۋە ئىرىنىڭ "تۇمۇرى"نى ياخشى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە چىڭ رام قىلىۋىلىشنى بىلىشى كىرەك.
   ئەمىلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ ھىسيات جەھەتتە "ئاجىزلىق" يىرى بار بولۇپ، ئاياللار ئىرىنىڭ بۇ تەرەپلىرىنى ئىگەللەپ، كىسەلگە قاراپ دورا ئىشلەتكەندە، ئىرىڭىز سىزگە چوقۇم ئامراق بولۇپ كىتىدۇ.
ئىرىڭىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرماڭ.
   بەزى ئاياللارنىڭ ناھايىتى ناچار بىر ئادىتى بار بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىرىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ؛ بۇنداق قىلمىش ئەرلەرنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بولۇپ، ئادەم دىگەننىڭ ئەسلىدىنلا ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىكى بار بولىدۇ؛ سىز ئەگەردە ئىرىڭىزنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز، بۇ ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ئۇنىڭدىن زىرىكىپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل بۇنداق بولىۋەرسە، ئوتتۇراڭلاردىكى مىھرى-مۇھەببەتكە دەز يىتىدۇ.
ھەددىدىن زىيادە تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈۋالماڭ، بولمىغاندا ئىرىڭىز قەدرىڭىزنى قىلمايدۇ.
    ھەممىمىزگە ئايان، ئادەم ئاسانلا قولغا كىلىپ قالغان نەرسىنىڭ قەدرىنى قىلمايدۇ، ئەمما قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەرسىلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ئۇنتىيالمايدۇ.
  شۇڭلاشقا ئاياللار نىكاھ تۇرمۇشى جەريانىدا ھەددىدىن زىيادە تەشەببۇسكار بولۇپ كەتمەي، بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بوشلۇق قالدۇرۇشنى بىلىشى كىرەك. سىز ئەگەر ئىرىڭىزگە بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمىگەندەك قىياپەتكە كىرىۋالسىڭىز، ئۇ سىزگە قارىتا تەشەببۇسكار بولىدۇ ھەمدە سىزنىڭ تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى قانچە ھۆرمەتلىگەنسىرى، ئىرىڭىزمۇ سىزنى شۇنچىلىك قەدىرلەيدۇ.
ئەرلەر يۈز-ئابرويىنى چوڭ بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئابرويىنى قوغداشنى بىلىشىڭىز كىرەك.
    ئەرلەر مەيلى ئۇرۇق ياكى سېمىز بولسۇن، پۇلدار ياكى نامرات بولسۇن، ھەممىسى ئۆزىنىڭ يۈزى-ئابرويىنى بەك چوڭ بىلىدۇ؛ بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ چوقۇنىشىغا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   ئەمما بەزى ئەخمەق ئاياللار بۇ تەرەپكە دىققەت قىلمايدىغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئىرىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارىلاپ ئۇلارنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئەرلەرنىڭ يۈزى تۆكىلىدىغان بولۇپ، سىزگە ئەلۋەتتە ئۇچۇق چىراي ئاچمايدۇ. ئەكسىچە ئەقىللىق ئاياللار بولسا، ئىرىنىڭ يۈزىنى ئاياشنى بىلىدۇ، مۇۋاپىق تۈردە ئۇلارنىڭ شۆھرەتپەرەس پىسخىكىسىنى قانائەتلەندۈرۈشنى بىلىدۇ؛ بۇنىڭدا ئەرلەر ناھايىتى خۇشاللىق ھىس قىلىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كىتىدۇ.
سىرلىقلىقىڭىزنى ساقلىسىڭىز، ئىرىڭىزدە سىزگە قارىتا چۈشىنىش ۋە بويسۇندۇرۇش ئىستىكى پەيدا قىلالايسىز.
   ئادەمنىڭ يىڭىسىنى كۆرگەندە كونىسىنى تاشلايدىغان مىجەزى بار بولۇپ، زىيادە تۇنۇشلۇق نەرسىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى ئاسانلا يوقىتىپ قويىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا بەزىبىر ئاياللار ئىرىگە ھەممە سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئىرىنىڭ ئۆزىنى بېشىدىن تاپىنىغىچە تۇلۇق چۈشىنىپ يىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىدۇ؛ بۇنىڭدا ئەرلەر سىزگە بارغانسىرى ئىتىبار بىلەن قارىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   شۇڭا ئاياللار ئادەتتە ئىرىگە نىسبەتەن ئازدۇر-كۆپتۇر سىرلىقلىق تۇيغۇسىنى ساقلىيالىسا، بۇنىڭدا ئىرىنىڭ ئۆزىگە قارىتا بولغان چۈشىنىش ۋە بويسۇندۇرۇش ئىستىكىنى قوزغىيالايدىغان بولۇپ، ئىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەرپ قىلغان ۋاقتى ۋە زىھنى قانچى كۆپ بولغانسىرى، ئۇلارنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
ئەرلەرنىڭمۇ بىقۇۋۇل بولۇپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئۇلارنى توغرا چۈشىنىشىڭىز ھەم قوللىشىڭىز كىرەك.
    نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەر دىگەن ھىسابسىز قەيسەر كىلىدۇ، ھەممە ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىپ كىتەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئەرلەرمۇ ئادەم، ئۇلارنىڭمۇ بىقۇۋۇل بولۇپ، ئاجىز ھەم ئامالسىز قالىدىغان ئەھۋاللىرى بولۇپ قالىدۇ.
   شۇڭلاشقا ئاياللار، ئادەتتە ئىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە روھى ھالىتىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، ئۇلاردا بىقۇۋۇل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئۇلارنى توغرا چۈشىنىشىپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئاجىزلىق مەزگىلىدىن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كىتىشىگە ھەمدەمدە بولۇشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئارلىق تېخىمۇ يېقىنلاپ، مۇھەببىتىمۇ بارغانسىرى چوڭقۇرلايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号