ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى تۇنجى "ئەر" ماشىنا ئادەم بارلىققا كەلدى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-09كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى دەۋرىمىزدە، ئىلىم-پەن تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماشىنا ئادەم كەسپى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تىز بولماقتا؛ بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ نۇرغۇن ماشىنا ئادەملەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئىلگىركى مەزگىللەردە توردا تارقالغان "ساھىبجامال" ماشىنا ئادەم جىيا جىيا، دەل دۆلىتىمىز جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ماشىنا ئادەم؛ "جىيا جىيا" نۇرغۇنلىغان ساھىبجامال ماشىنا ئادەملەر ئارىسىدا بىر قەدەر كۆزگە كۆرنەرلىك بولۇپ، نۇرۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان تورداشلار چاقچاق قىلىشىپ، "ئەمدى نۇرغۇن ئەر بويتاقلارنىڭ مەسىلىسى ھەل بولىدىغان بولدى!" دىيىشكەن.
   ئۆتمۈشكە قارايدىغان بولساق، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلار ياساپ چىققان ماشىنا ئادەمنىڭ ھەممىسى "ئايال" ساھىبجاماللار بولۇپ، "ئەر" ماشىنا ئادەمدىن بىرەرسىمۇ يوق ئىدى. بىراق يېقىندا ئامىرىكىلىق بىر ئالىم بۇ ساھەدىكى تۇنجى بۆسۈش خارەكتىرلىك تەتقىقاتنى تاماملاپ، دۇنيادىكى تۇنجى "ئەر" ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىققان. بۇ "ئەر" ماشىنا ئادەمگە ھىنرى دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، ياسىلىشى ناھايىتى سىپتا، ھەقىقىيلىق تۇيغۇسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى؛ بۇ "ئەر" ماشىنا ئادەم ياسىلىشى ۋە ھەقىقىلىق تۇيغۇسى جەھەتتە، دۆلىتىمىز ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان "ساھىبجامال" ماشىنا ئادەم جىيا جىيادىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، سىرتقى قىياپىتى ناھايىتى قاملاشقان كەلگەن.
   بۇ "ئەر" ماشىنا ئادەمنى ئامىرىكا Realbotix شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئەينى يىلدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم Harmony نىمۇ مۇشۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان. بۇ قېتىم تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ماشىنا ئادەمنىڭ بوي ئىگىزلىكى 182 سانتىمىتىر، مۇسكۇللىرى ناھايىتى تەرەققى قىلغان ھەمدە سىرتقى قىياپىتى جەھەتتە ناھايىتى قاملاشقان بولۇپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى مۇكەممەل بولغان ئەرلەر ئوبرازىغا ماس كىلىدىغان قىلىپ لاھىيىلەنگەن. بۇ ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققۇچىلارنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىمۇ، باشقا "ئايال" ماشىنا ئادەملەرگە ھەمرا تېپىپ بىرىش ئۈچۈن بولۇپ، ئادەتتىمۇ، بويتاق ئاياللارغا ياردەملىشىپ، تۇرمۇش جەھەتتىكى بەزىبىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىپ بىرەلەيدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، بۇ "ئەر" ماشىنا ئادەم ھىنرى، سىرتقا ئاشكارىلىنىشى بىلەنلا تور چولپىنىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئاياللارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان، ھەتتە نۇرغۇن ئەرلەرمۇ ئۇنىڭغا قاتتىق ھەۋەسلىنىپ كەتكەن.
   بۇ خىلدىكى ماشىنا ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئائىلە ئىشلىرىنى قىلالايدىغان بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئاياللار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ تېخى قىز قوغلىشىشنى بىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىم تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان "ئەر" ماشىنا ئادەم پەقەت بىر تەجىربە نۇسخسى بولۇپ، ئەگەر خىرىدارلار بۇ خىلدىكى ماشىنا ئادەمنى ياقتۇرمىسا، ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن مەخسۇس زاكاس قىلسىمۇ بولىدىكەن؛ مەسىلەن، ماشىنا ئادەمنىڭ "مىجەز-خارەكتىرى"، بەدەن شەكلى، چىرايى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى ئۆز مەيلى بويىچە مەخسۇس زاكاس قىلىشقا بولىدىكەن.
   بۇ يەرگە كەلگەندە مەن بويتاق ئۆتۈۋاتقان ئەر يولداشلار ئۈچۈن ئەنسىرەپ قالدىم؛ چۈنكى ھازىرقى بۇ ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ئەگەر سىز يىتەرلىك ھالدا مۇنەۋۋەر بولمىسىڭىز، كەلگۈسىدە قاملاشقان بىر "ئەر" ماشىنا ئادەم، بەلكىم سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز بولۇپ قېلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەن. سىزنىڭچە قانداق؟ بۇ مەسىلە سىزنى ئاز-تولا ئويغا سالدىمۇ؟ سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، پەن-تېخنىكا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتىمۇ ياكى بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشى بىزنىڭ تىراگىدىيىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
   ئايرىم بىر قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بەلكىم بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى ھەر نىمە دىگەن بىلەن كەلگۈسىدە ئۇلار ئۈچۈن بىر خىل تاللاش كۆپىيىش ئېھتىماللىقى بار بولغان بولىدۇ، يەنى ھەممە ئىشتا ئۇلارنىڭ دىگىنىنى قىلىدىغان ھەمدە مەڭگۈ قېرىپ قالمايدىغان "شاھزادە"دىن بىرنى تاللاش پۇرسىتى بار بولىدۇ. بىراق بىزمۇ شۇنداق دىگىنىمىز بىلەن، كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھازىر بىلگىلى بولمايدۇ؛ يا بەلكىم بىز كەلگۈسىدىكى ماشىنا ئادەملەر ئومۇملاشقان شۇ ۋاقىتقا بارغاندا، بۇ مەسىلىلەرنى لايىقىدا بىتەرەپ قىلىدىغان ئۇسۇللارنى ئويلاپ چىقارلارمىز؛ چۈنكى ماشىنا ئادەم ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئادەم لاھىيىلەپ چىققان نەرسە.
    كەلگۈسىدە بەلكىم بۇنداق ماشىنا ئادەملەرنى ياقتۇرۇپ قالىدىغان ئاياللار بار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما چوقۇم ئىنتايىن ئاز ساندا بولىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە باسالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ئادەمنىڭ ئەڭ تۈپكى فونكىسىيىسىمۇ، ئەسلىدىنلا ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. سىزنىڭچىچۇ؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号