ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ پەلسەپىۋى يۇمۇرلار سىزگە ھاياتلىقتىن تەلىم بىرىدۇ !
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-15كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    ئاتا بالا ئىككەيلەن ناھايىتى ئىسىل كەلگەن ئىمپورت  ماشىنىدىن  بىرنى كۆرۈپ،  ئۇغلى  مەنسىتمىگەن  ھالدا دادىسىغا : " بۇنداق  ماشىنىدا  ئولتۇرغان  ئادەمنىڭ  چوقۇم  قوسىغىدا بىلىمى يوق " دەپتۇ؛ 
   دادىسى بۇنى  ئاڭلاپ پەرۋاسىز  ھالدا ئوغلىغا : " بۇنداق  گەپ  قىلغان  ئادەمنىڭ  چوقۇم  يانچۇقىدا  پۇلىسى  يوق !" دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .
   سىزنىڭ مەسىلىلەرگە  بولغان  قارىشىڭىز،  سىزنىڭمۇ  كۆڭلىڭىزدىكى  ھەقىقى  پوزۇتسىيىڭىزنى  ئىپادىلەپ  بىرەمدۇ ؟
-2-
   كەچلىك  تاماقتىن كىيىن،  ئانا بىلەن قىزى قاچا  يۇيۇشقا تۇتۇش قىلدى،  ئاتا بىلەن  ئوغۇل مىھمانخانىدا تېلىۋىزۇر  كۈرۈشكە  ئولتۇردى؛  تۇيۇقسىز  ئاشخانىدىن تەخسىلەرنىڭ چېقىلغان ئاۋازى  ئاڭلاندى؛  بۇ ۋاقىتتا،  ئوغلى  دادىسىغا قاراپ تۇرۇپ : " تەخسىلەرنى  چوقۇم  ئاپام  چاقتى " دىدى.
   دادىسى : " قانداق  بىلدىڭ ؟ "
   ئوغلى :" چۈنكى  ئاپام ئادەم تىللىمىدى. "
   بىز  ئادەتتە باشقىلار  بىلەن ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان  ئۆلچەمدە پوزىتسىيە  تۇتۇشقا  ئادەتلەنگەن؛  باشقىلارغا قاتتىق  تەلەپ  قويىمىزيۇ، ئۆزىمىزگە  كەلگەندە ئۇنداق  قىلالمايمىز .
-3-
   تەيۋەنلىك  ئىككى  ساياھەتچى  يىدۇ يېرىم  ئارىلىغا  ساياھەتكە  باردى؛ بىر كۈندىكى  ساياھەت  پائالىيىتىدە ماڭغان يول ئوڭغۇل دوڭغۇل، ناچار بۇلۇپ،  نۇرغن ئورەكلەر بار  ئىدى؛ بىر  ساياھەت يىتەكچىسى توختىماي  بۇ  يوللارنى  چوقۇر  يۈزگە  ئوخشىتىپ،  ساياھەتچىلەردىن  ئەپۇ  سوراپ  كىتىپ  باراتتى؛ لىكىن  يەنە  بىر  ساياھەت يىتەكچىسى،  ناھايىتى  سالماقلىق  بىلەن كۆپچىلىككە : " بىزنىڭ ھازىر  مېڭىۋاتقىنىمىز،  ئىنتايىن داڭلىق  بولغان — يىدۇ كىشىنى  مەپتۇن  قىلارلىق زىناق ( ئادەم مەڭزىدىكى كىچىك  ئورەكچە ) چوڭ  يولى دەپ  چۈشەندۈرگەن .
   ئوخشاش  بولغان  بىر  مەسىلىگە  نىسبەتەن ئىككى  ئادەمنىڭ پىكىر  قىلىش  نوقتىسى  ۋە يۆنىلىشى  ئوخشاش  بولمىغانلىقتىن، ئوخشاش  بولمىغان ئىككى  خىل  پوزىتسىيە  شەكىللىنىدۇ؛ ئادەم ئېڭى  نىمە دىگەن  سىرلىق ھە ! مەسىلىلەرنى  قانداق ئويلاش،  قانداق  مۇئامىلە قىلىشتىكى تاللاش  ھوقۇقى ئۆزىڭىزدە .
-4-
    ئوخشاشلا  باشلانغۇچ  ئۈچىنچى  يىللىقنىڭ  ئوقۇغۇچىسى،  ئوخشاشلا چوڭ  بولغاندا  سىرىكچىنىڭ  گاچىسى  بۇلۇش  ئارزۇسى  بار،  ئوخشىمايدىغىنى ئۇلارنىڭ  بىر سى  جۇڭگۇلۇق،  يەنە  بىرسى  چەتئەلدە .
    جۇڭگۇلۇق  ئوقۇتقۇچى  بۇ  ئوقۇغۇچىغا  تەنبىھ  بىرىپ : " سەندە  ئىرادە  دىگەن  نەرسە  يوقكەن،  سىنى  قۇتقۇزۇپ  قالغىلى  بولمايدىكەن " دىگەن .
    چەتئەللىك  ئوقۇتقۇچى  ھېلىقى ئوقۇغىچىسىغا : " سىنىڭ  پۈتكۈل  دۇنياغا  كۈلكە  ۋە  خوشاللىق  ئېلىپ  كىلىشىڭنى تىلەيمەن " دەپ  جاۋاب  بەرگەن .
    بىز  بالىلارغا  قارىتا تەلىۋىمىز  ئىلھاملاندۇرۇشىمىزدىن كۆپ،  ئۇندىن  باشقا مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئىنىقلىمىسىنى بەكمۇ تار مەنىدە چەكلەپ قويدۇقمۇ قانداق؟
-5-
     ئايالى  ئاشخانىدا  سەي  قورۇۋاتاتتى،  ئىرى  بىر ياندا ئۇنىڭغا " ئاستىراق،  ئاۋايلاڭ ! ئوت  بەك  چوڭ  بۇلۇپ  كەتتى،  بىلىقنى  ئۆرىۋىتىڭ،  ماي  كۆپ بۇلۇپ  كەتتى " دەپ  توختىماي  سۆزلەۋاتاتتى؛ 
    ئايالى  خاپا  بولغان  ھالەتتە  ئىرىگە  " مەن  سەينى  قانداق قورۇشنى  بىلىمەن  " دىدى؛  ئىرى  ئۇنىڭغا  ئالدىرمايغىنە "مەن  پەقەت  سىزگە مەن ماشىنا  ھەيدەۋاتقان ۋاقتىمدا،  سىز  يېنىمدا  توختىماي  سۆلەپ  ماشىنا  ھەيدىشىمگە  ئارلىشىۋالسىڭىز،  قانداق  ھىسياتقا كىلىپ  قالىدىغىنىمنى  بىلدۈرۈپ  قويۇۋاتىمەن" دەپ  جاۋاب  قايتۇردى .
    سىز پەقەت  ئەستايىدىللىق  بىلەن قارشى  تەرەپنىڭ  نوقتىسىدا  تۇرۇپ مەسىلىلەرنى  ئويلاشنى  خالىسىڭىز،  باشقىلارغىمۇ ئاسان  ئەمەسلىگىنى  بىلىشنى  ئۆگىنىۋىلىشىڭىز ئۇنچە  قىيىن ئەمەس .
-6-
    ئىچىدە  لېق  يولۇچى  بار  بىر  ئاپتۇبۇس،  يانتۇ كەلگەن يولدا  پەسكە قاراپ  ئۇچقاندەك  كىتىۋاتقان  بۇلۇپ ، كەينىدىن  بىر  ئادەم  پۈتۈن  كۈچى  بىلەن  ئاپتۇبۇسنى  قوغلاپ كىلىۋاتاتتى .
   بۇ  ۋاقىتتا  بىر  يولۇچى  دەرىزىدىن  بېشىنى  چىقىرىپ،  ئۇنىڭغا " بۇرادەر،  بولدى  قىلىڭ ! سىز  ئاپتۇبۇسنى  قوغلاپ  يىتەلمەيسىز  " دىدى . ئۇ ئادەم  بولسا  ھاسىرغىنىچە "مەن چوقۇم  قوغلاپ  يىتىشىم  كىرەك،  چۈنكى مەن  بۇ  ئاپتۇبۇسنىڭ شوپۇرى" دەپ  جاۋاب  قىلدى .
    بەزى كىشىلەر  چوقۇم ئىنتايىن  ئەستايىدىللىق  بىلەن  تىرىشىشى  كىرەك ،بولمىسا نەتىجىسى  خەتەرلىك بۇلىدۇ؛ پۈتۈن  كۈچى  بىلەن تىرىشقانلىق  ئۈچۈن،  ئۇلارنىڭ  يۇشۇرۇن تۇغما  قابىلىيىتى  ۋە بەزى  ئالاھىدىلىكلىرى ئاخىرى تۇلۇق  گەۋدىلىنىدۇ .
-7-
   ئا : " يىڭى  قوشنىلىرىم بەك  ناچار  ئادەملەركەن،  تۈنۈگۈن  يېرىم  كىچىدە ئۆيۈمنىڭ  قوڭغۇرىغىنى توختىماي  بېسىپ  كەتتى ."
   ب:" راستلا  بەك  ناچاركەن،  سەن  ساقچىغا  مەلۇم  قىلمىدىڭمۇ ؟ "
   ئا : " ياق،  مەن  ئۇلارنى  ساراڭ  دەپ  بىلىپ،  سۇنىيىمنى  چېلىۋەردىم ."
   "شامال  چىقمىسا ،  دەرەخ لىڭشىماس "؛  ئەگەردە   ئۆزىمىزدىكى  خاتالىقلارنى ئاۋال  تۇنۇپ  يىتەلىسەك، نەتىجە  چوقۇم  ئوخشاش  بولمايدۇ .
-8-
    جاڭ سەن تاغ  ئارىسىدىكى  كىچىك  يولدا،  ئەتراپنىڭ  مەنزىرسىدىن  ھۇزۇرلانغاچ ماشىنا  ھەيدەپ  كىتىپ  باراتتى؛  بۇ  ۋاقىتتا  ئۇدۇلدىن  كەلگەن بىر  يۈك  ماشىنىسى  شوپىرى،  دەرىزىدىن  بېشىنى  چىقىرىپ،  " چوشقا !" دەپ  توۋلاپتۇ.
   جاڭ  سەننىڭ  ئويلىغانسىرى  ئاچچىقى  كىلىپ،  ئۇمۇ  دەرىزىدىن بېشنى  چىقىرىپ، " ئۆزۈڭ  چوشقا " دەپ  يۈك  ماشىنا  شوپۇرىنى  تىللاپتۇ؛  ئەمما جاڭ  سەننىڭ  ئاۋازى  ئەمدى  ئۆچۈشىگە،  ماشىنىسى يولدىن  توغرا  ئۆتۈپ  كىتىۋاتقان  بىر توپ  چوشقىغا ئۇدۇل  بېرىپ  سوقۇلۇپتۇ .
   ئالدىراقسانلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ  ياخشى  كۆڭلىنى  خاتا  چۈشىنىۋالماڭ،  بولمىسا  ئۆزىڭىزنى زىيانغا  ئۇچرىتىسىز،  قارشى  تەرەپنى ھاقارەتكە قويىسىز.
-9-
   كىچىك  ئوغۇل  دادىسىدىن " دادىلار ھامان  بالىلاردىن كۆپ  نەرسىلەرنى  بىلەمدۇ ؟ " دەپ  سورىدى .
   دادىسى : " ئەلۋەتتە  شۇنداق "
   ئوغۇل : " لامپۇچكىنى  كىم  كەشىپ قىلغان "
   دادىسى : " ئىدىسون "
   بالىسى :" ئۇنداقتا  ئىدىسوننىڭ  دادىسى  نىمە  ئۈچۈن  لامپۇچكىنى  كەشىپ  قىلالمىغان ؟"
      .......
   "نۇپۇزلۇق" دىگەن بۇ  ئۇقۇم —— ئۇ  سىناقلارغا  بەرداشلىق  بىرەلمەيدىغان بىر  قۇرۇق تىرە خالاس؛  بۇلۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئېچىۋىتىلگەن،  كۆپ قۇتۇپلۇق  جەمئىيەتتە.
-10-
    شىياۋمىڭ  يۇيىنىۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇپۇن  پارچىسىنى  يۇتۇپ  سالدى؛  ئاپىسى  جىددىلەشكىنىچە  ئائىلە دوختۇرىغا  تىلفۇن  قىلىپ ياردەم سورىدى .
   دوختۇر  ئۇنىڭغا ھازىر  كۈرۈشكە  تىگىشلىك  يەنە  نەچچە  كىسەل  بارلىغىنى،  يېرىم  سائەت  ئەتراپىدا يىتىپ  بارىدىغىنىنى ئۇقتۇردى؛
   شىياۋ مىڭنىڭ  ئاپىسى  دوختۇردىن " سىز  كەلگۈچە مەن  نىمە  ئىش  قىلغاچ تۇرسام  بۇلىدۇ " دەپ  قايتا  سورىغاندا، دوختۇر ئۇنىڭغا " شىياۋمىڭغا ئازراق قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ ، ئۇنى سەكرىتىڭ ؛ بۇنداق بولغاندا شىياۋمىڭنى ئېغىزىدىن كۈپۈك چىقىرىپ ئوينىتىپ ،  مەن  بارغىچىلىك بولغان ۋاقىتنى  ئۆتكۈزەلەيسىز  دەپ  جاۋاب  قايتۇردى .
    ئىش بەرىبىر  يۈز  بىرىپ  بولغانىكەن،  ئۇنىڭغا تەمكىنلىك  بىلەن  يۈزلىنىشىمىز  كىرەك؛  ئەندىشە قىلىپ  ئۆتكەندىن،  ئۆزىڭىزگە  تەسەللى  بىرىپ،  ياخشى  تەرەپكە  ئويلىغان  ياخشى .

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号