ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ساغرىسى چوڭ ئاياللار بىلەن توي قىلسىڭىز پايدا ئالىسىز!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-01كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئەرلەر ئادەتتە كۆرنۈشتە ئۇرۇق كۆرنىدىغان ئەمما تۇتسا ئاز تولا گۆش ئۇرنىدىغان ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاياللار بولسا ئەزەلدىن زىلۋا بوي بولۇشنى ئازرۇ قىلىدىغان بولۇپ، ئازراقلا سەمىرىپ قالسا، ئۇ يىرىم سەمىرىپ كەتتى بۇ يىرىم سەمىرىپ كەتتى دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ.

   ئەمىلىيەتتە ئاياللارنىڭ بەزىبىر قىسملىرىغا ئازراق گۆش تولغان كەلسە، بۇنى يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، مەسىلەن ساغرا قىسمى . ئەگەر ئەرلەر خوتۇن ئالماقچى بولسا، ساغرىسى چوڭ خوتۇن ئالغىنى ياخشى، چۈنكى ساغرىسى چوڭ خوتۇن ئالسىڭىز پايدا تاپىسىز، ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ!

1.gif

ساغرىسى چوڭ ئاياللار تېخىمۇ ساغلام كىلىدۇ

   ئەنگىلىيە " كۈندىلىك پوچتا گىزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، "خەلقئارالىق سېمىزلار ژرونىلى" ئوكسفورد ئونۋىرستىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى بېسىپ تارقاتقان: ساغرىسى چوڭ كەلگەن ئاياللار تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؛ چۈنكى ساغرىسى چوڭ ئادەملەرنىڭ قاننىڭ ماي تەركىبى ياخشى.

   ئەنگىلىيە مىتابولىزىم ۋە مولىكۇلا تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى جىم.بېر پىروففىسور مۇنداق كۆرسەتكەن: ئادەم بەدىنىدىكى ياغلار "ياخشى ياغ" ۋە "ناچار ياغ" ئىككى خىلغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ساغرا قىسمىدىكى ياغلار ياخشى ياغقا تەۋە؛ ئۇ ناچار سۈپەتلىك خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تۇمۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇندىن باشقا يەنە قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەمما ئادەم بەدىنى قورساق قىسىمدىكى ياغلار ناچار ياغ تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئاسانلا يۈرەك كىسەللىكلىرى ۋە جىگەر كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   گىرمانىيە گىربىن ئونۋىرستىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىمۇ بۇ ھەقتىكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ يوتا ۋە ساغرا قىسمىغا گۆش تولغان كەلسە، قەنت سىيىش كىسىلى ۋە يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ئادەملەر توپىغا نىسبەتەن، بەدىنىنىڭ ئاستىنقى يېرىمىنىڭ ياغ مىقدارى قانچە ئاز بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ مىتابۇلىزىم ئىقتىدارىنىڭ شۇنچىلىك ناچار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىكەن، ھەم كىسەلگە گىرىپتار بولۇش ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

   بۇندىن باشقا، دۆلەت سىرتىدىكى مەلۇم بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساغرا ئايلانمىسى ئەڭ كىچىك بىر گۇرۇپپا تەتقىقات ئوبىكتىغا سېلىشتۇرغاندا، ساغرا ئايلانمىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر گۇرۇپپا تەجىربە ئوبىكتىنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى %87 ئازايغان؛ يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %46 ئاز بولغان، تاجىسىمان ئارتىرىيە كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %86 ئاز بولغان.

   يۇقارقى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى ساغرىسى چوڭراق كەلگەن ئادەملەرنىڭ بەدىنى تېخىمۇ ساغلام كىلىدىغانلىقى، ئۆمرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

   ئۇنداقتا ساغرىسى چوڭراق كەلگەن خوتۇن ئالسىڭىز، ئۇلارنىڭ تېنى ئىزچىل ساغلام ھالەتتە تۇرۇپ، سىز بىلەن ئاخىرغىچە ساق-سالامەت بىرگە بولالىسا، سىز بىلەن ئاخىرغىچە تۇرۇمۇشنىڭ ھەرخىل ئىسسق-سۇغۇقلىرىنى بىرلىكتە باشتىن كەچۈرسە، بۇ خىلدىكى بەخىت باشقىلارنى زوقلاندۇرىدىغان بەخىتتۇر.

2.jpg

18خىل ساغرا شەكلى

 

ساغرىسى چوڭ ئاياللار تېخىمۇ ئەقىللىق كىلىدۇ

   ئەقىللىق ئاياللارنىڭ بەلكىم باشقىلارغا قارىغاندا ئەقىلگە بەكرەك تولغان كاللىسى بار بولۇشى مۇمكىن، ياكى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭراق كەلگەن ساغرىسى بار بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى ھەر ئىككىلى ئامىل تەڭ بار بولۇشى مۇمكىن.

   ئامىرىكا پىسخىكشۇناسى شىتناس ئىلگىرى بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ تەتقىقات بەش يىل داۋاملاشقان؛ بۇ تەتقىقاتتا جەمئى 276 نەپەر قورامىغا يەتكەن ئادەم ئەقلى جەھەتتىكى سىناققا قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 152 نەپەر ئادەمنىڭ ساغرىسى نىسبەتەن چوڭراق كەلگەن. ئاخىرقى نەتىجىدە، ساغرىسى چوڭ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئەقلى سىناقتا ئىرىشكەن ئوتتۇرىچە نۇمۇرى 137 نۇمۇر، ساغرىسى كىچىك كەلگەنلەرنىڭ ئىرىشكەن ئوتتۇرىچە نۇمۇرى ئاران 106 نومۇر بولغان. يەنى بىر ئادەمنىڭ ساغرىسى قانچە چوڭ بولسا، شۇ ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ساغرىنىڭ چوڭ كىچىك بولۇشى ئەقىلى ئىقتىدار بىلەن ئوڭ تاناسىپ كىلىدۇ.

   شتناسنىڭ كۆرسىتىشىچە قەدىمقى مىسىر خانىشى، مۇقەددەس ئايال جېننىي قاتارلىقلار ھەممىسى ئەقىللىق ئاياللار بولۇپ، ئۇلار يەنە ساغرىسى چوڭ ئاياللار تىپىدىندۇر.

   ئەمىلىيەتتە، ساغرىسى چوڭ ئاياللار ئۆزى ئەقىللىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلار تۇغقان بالىلارمۇ ناھايىتى ئەقىللىق كىلىدۇ.

   ئامىرىكا پىسپۇرگ ئونۋىرستىتى پىروففىسورى ۋېر.راساك رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئالاقىدار تەتقىقاتلارنىڭ خۇلاسىسىگە ئاساسلانغاندا، ساغرىسى سېمىز ھەم چوڭ كەلگەن ئاياللار تۇغقان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن. چۈنكى ئاياللار ھامىلدار ۋاقتىدا، ساغرىسىدىكى ياغ تەركىبىدە ھامىلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنى تەشكىللەيدىغان مۇھىم تەركىبى قىسىم DHA ئىنتايىن مول بولىدىكەن. راساكنىڭ ئېيتىشىچە ئاياللار تۇغۇلما ياغ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا نەشپۈت شەكىللىك بەدەن شەكلى( يەنى بىلى ئىنچىكە، ساغرىسى چوڭ كەلگەن) شەكىللەندۈرىدىكەن؛ ئاياللار ھامىلدار بولغاندا، پۈتۈن بەدىنى سەمىرىپ ئىششىپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ تېخىمۇ ساغلام تېخىمۇ ئەقىللىق ھامىلە يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولغان  تەدرىجى تەرەققى قىلىش نەتىجىسىدۇر.

   ئەرلەر ئەگەر ساغرىسى چوڭراق كەلگەن ئاياللارغا ئۆيلەنسە، بۇنداق ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىگە تايىنىپ، ئائىلىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇپ كىتىدۇ، ئۇرۇغ-تۇققان ۋە خۇلۇم-خوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ ياخشى ساقلايدۇ؛ سىزگە خىزمەت جەھەتتە ياخشى ھەر خىل ياردەملەرنى بىرەلەيدۇ ھەم سىز ئۈچۈن ئەقىللىق بالا تۇغۇپ بىرەلەيدۇ. ئويلاپ بېقىڭ! بۇنداق ئايال كىشىگە ئۆيلەنگىنىڭىز گۆھەر تېپىۋالغان بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ؟

3.jpg

ساغرىسى چوڭ كەلگەن ئاياللار تېخىمۇ جەلىپكار كىلىدۇ

   ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى بەدەندىكى ئەگرى سىزىقلاردا بولۇپ، چوڭ بۇلۇشقا تىگىشلىك يەرلىرى چوڭ، كىچىك بولۇشقا تىگىشلىك يەرلىرى كىچىك كەلگەن بەدەن شەكلى ئەڭ تەنناز ھەم ئەڭ جەلىپكار، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتىدۇ.

   ساغرىسى چوڭ كەلگەن ئاياللار كىيىم كېيگەندە، S شەكىللىك بەدەن قۇرۇلمىسىنى تۇلۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك باشقىچە بىرخىل لاتاپەتلىك سىھىر كۈچى ئاتا قىلىدۇ.

4.jpg

جىياجىڭ ۋىن

   ئامىرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىسپانىيىلىك ناخشا چولپىنى جېننىفىر. لوپىز دۇنيادىكى ساغرىسى ئەڭ چوڭ ئايال دەپ نام ئالغان بولۇپ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ساغرىسىنى 27 مىليون ئامىرىكا دوللىرىلىق سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان؛ بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆز ساغرىسىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.

5.jpg

جېننىفېر.لوپىز

   بۇندىن باشقا، كىم.كارداشىيان، بىيانسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساغرىسى چوڭ چولپانلاردىن بولۇپ، ئۇلار رەت قىلغۇسىز تەننازلىققا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەننازلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ، تا ھازىرغىچە سەنئەت ساھەسىدىكى قىزىق نوقتا بولۇپ كەلمەكتە.

كىم.كارداشىيان

بىيانسى

   تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بەل ئايلانمىسى ۋە ساغرا ئايلانمىسى نىسبىتى 10: 7 كەلگەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتىدۇ. ئامرىكا تېكساس ئونۋىرستىتىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات پىسخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پىروففىسور، 50 يىلدىن بويان ئامىرىكا ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسى چىمپىيونلىقىغا ئىرىشكەن ئاياللارغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئاياللارنىڭ بەل ۋە ساغرا قىسىم ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى ھەققىدىكى قاراشنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆكسى ۋە ساغرىسى چوڭ، بىلى ئىنچىكە، يوتىسى نىسبەتەن تولغان، مۈرىلىرى نىسبەتەن كەڭرى كەلگەن ئاياللار تېخىمۇ جەلىپ قىلىش سىھرى كۈچىگە ئىگە كىلىدىكەن.

ساغرىسى چوڭراق كەلگەن ئاياللار تېخىمۇ بەخىتلىك بولىدۇ.

   بەزىلەر نىكاھنىڭ بەخىتلىك بولۇشىدىكى ئۈچ خىل ئامىل پۇلى بۇلۇش، مۇھەببەت بولۇش، جىنسىيەت بولۇش دەيدىكەن. ئەمما بەزى ئەر-خوتۇنلار پۇلى ۋە مۇھەببىتى كەمچىل ئەمەس، پەقەتلا جىنسى تۇرمۇشى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئاساسلىقى جىنسى تۇرۇمۇشى ماسلاشماسلىقتا ياكى ئىناق كەلمەسلىكتە ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەگەردە ماسلاشقا، ئىناق كەلگەن جىنسى تۇرمۇش بولمىسا، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرلىقىدىكى ھېسياتتىن ھامان بىر كۈنى چاتاق چىقىدۇ.

   ئەمىلىيەتتە جىنسى تۇرۇمۇشنىڭ خوشال-خورام بولالماسلىقى يا بىر تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ ياكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ، مەسىلەن ئاياللارنىڭ جىنسى ھەۋىسى كۈچلۈك بولماسىلىقى.

   ئەگەر ئاياللار جىنسىيەتكە ئىزچىل ئۈمىد قىلىش پوزۇتسىيىسى تۇتسا، ئەرلەرمۇ جىنسى تەنتەكلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ بەرسە، بەلكىم ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى جىنسى تۇرۇمۇشنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن.

   ئەنگىلىيە لىس ئونۋىرستىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ساغرىسىنىڭ چوڭ كىچىك بۇلۇشى، ئۇلارنىڭ جىنسى تۇرمۇشى بىلەن ئىنتايىن زور مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ساغرىسى قانچە چوڭ بولسا، جىنسى ئىستىكى شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن.

   بۇندىن باشقا يەنە پال ئىلمىدە، ساغرا بايلىقنىڭى سىموۋولى بولۇپ، ساغرىسى چوڭ ھەم تىك تۇرىدىغان كەلسە، ئاسان بايلىق يېغالايدۇ ھەم ئاسانلا تەلىيى ئوڭغا تارتىدۇ دەپ قارايدۇ.

8.gif

   ئۇنداقتا ماقالىمىزنى ئۇقۇپ بۇ يەرگە كەلگەن ئەر كىشى، سىز تېخى ئۆيلەنمىگەن بولسىڭىز، ساغرىسى چوڭ ئاياللارغا ئۆيلىنىڭ، بۇنىڭدا بەلكىم ئائىلىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇپ كىتەلىشىڭىز مۇمكىن.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号