ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئائىلىدە داپەنجى تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-13كۆرۈلىشى : قېتىم
   داپەنجىنى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمىساممۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە تونۇشلۇق. ئىشىنىمەنكى، سىز ئۆيىڭىزدە داپەنجى تەييارلاپ يەپ باققان، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىسىز؛ شۇڭا بۈگۈن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئائىلىدە داپەنجى تەييارلاش ئۇسۇلۇمنى سىز بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ ئۆتمەكچىمەن.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: توخۇ گۆشى، ياڭيۇ، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، پىياز، زەنجىۋىل، سامساق
   تەم خۇرۇچلىرى: ئىستېمال مېيى، پۇرچاق بوتقىسى، ناۋات، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، شاكال بەدىيان، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   توخۇ گۆشىنى توغرايمىز؛ ياڭيۇنى ئاقلاپ توغرايمىز؛ قىزىلمۇچ بىلەن كۆكمۇچنى چوڭراق پارچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ زەنجىۋىل، سامساق، قاقمۇچ قاتارلىقلارنى كىچىكرەك توغرايمىز.
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ قاينىتىۋالغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ قويىمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، شاكال بەدىيان، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   پۇرچاق بوتقىسىنى سېلىپ قورۇپ قىزىل ماي چىقارغاندىن كېيىن توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ ناۋات ۋە شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ، توخۇ گۆشى سارغايغىچىلىك قورۇيمىز.
   قازانغا بىر چىنە سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ 15مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز؛ 15مىنۇتتىن كېيىن ياڭيۇنى سېلىپ يەنە 15مىنۇت دۈملەيمىز.
   ۋاقىت توشقاندىن كېيىن كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ ۋە پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ قاينىتىپ سۈيىنى تۈگىتىمىز.
   ئاخىرىدا تۇز ۋە توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号