ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ئىشلار سىزنى بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگىنى سەھەر تۇرىدىغان قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-12كۆرۈلىشى : قېتىم
   1. ئاخشىمى ئۇخلىغاندا دېرىز پەردىسىنى يېپىۋەتمەڭ
   ھېچبولمىغاندا ئازراق ئېچىپ قويۇڭ، بۇنىڭدا ئەتىگەنكى يۇرۇقلۇق سىزنى ئويغىتالايدۇ؛ ئەگەر پەردىنى پۈتۈنلەي يېپىۋەتسىڭىز، تاڭ ئاتقاننى تۇيماي چۈشكىچە ئۇخلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
   2. ئەگەر ئەتىگىنى چېنىقماقچى بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا كارىۋات بېشىدا ئىچىملىكىڭىزنى تەييارلاپ قويۇڭ
   سائىتىڭىز توۋلاپ سىگنال بەرگەندىن كېيىن، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تەييار قىلىپ قويغان ئىچىملىكىڭىزنى ئىچىۋىتىڭ، بۇنىڭدا ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن بەدىنىڭىز كۈچكە تولۇپ كېتىدۇ.
   3. ئەگەر ئەتىگەندە چېنىقىش پىلانىڭىز بولمىسا، سۇ ئىچىشكە ئۆزگەرتىڭ
   ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋەتسىڭىز، بىر كۈنىڭىز ئوڭۇشلۇق ئۆتىدۇ...سۇ تولۇقلاش بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئىچىپ كىچىك تەرەت قىستىسا، داۋاملىق ئۇخلاشقا ئامالسىز قالىسىز ئەمەسمۇ~
   4. ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا چىراغنى يېقىڭ
   يۇرۇقلۇق بىزنىڭ سىزىم ئەزالىرىمىزنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇمىزنى تېخىمۇ تېز ئېچىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   5. يانفونىڭىزنى ياكى توغرىلىغان سائەتنى كارىۋاتتىن يىراق قويۇڭ
   بۇنىڭدا ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرماي ئامال بولمايدۇ، ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئۇيقۇنى تۈگىتىپ قوپۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
   6. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يانفون ئوينىماڭ
   بالدۇر ئۇخلىسىڭىز، ئەتىگىنى تەبىئىيلا سەھەر تۇرالايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号