ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تەرخەمەكنى توڭلاتقۇغا سالماي يېڭى ساقلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-09كۆرۈلىشى : قېتىم
   تەرخەمەكنى توڭلاتقۇغا سالماي ساقلىماقچى بولساق، ئۇنى زادى قانداق ساقلاش كېرەك؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تەرخەمەكنى توڭلاتقۇغا سالماي يېڭى ساقلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بىرىنچى خىل ئۇسۇل
   ئالدى بىلەن بىر داس سۇ تەييارلاپ، سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇز سۈيى تەييارلايمىز.
   كەينىدىن تەرخەمەكنى تۇز سۈيىگە چىلاپ، داسنى ھاۋا ئۆتۈشىدىغان تەسكەي ئورۇنغا قويۇپ قويىمىز. بۇ خىل ئۇسۇلدا ساقلىغان تەرخەمەكنى يېرىم ئاي بۇزۇلمايدۇ. بىراق، ئەڭ ياخشىسى يېرىم ئاي ئىچىدە ئىستېمال قىلىۋىتىش كېرەك، بولمىسا چىلاپ قويغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تەرخەمەكنىڭ تەمىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل
   ئالدى بىلەن، تەرخەمەكنى تۇز سۈيىگە 10مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويىمىز.
   10مىنۇتتىن كېيىن، تەرخەمەكنىڭ يۈز قىسىمىنى سۇدا يۇيۇپ، تەرخەمەكنىڭ يۈز قىسىمىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى يۇۋەتكەندىن كېيىن، يۈز قىسىمدىكى سۇنى پاكىزە سارقىتىۋىتىمىز.
   تەرخەمەكنىڭ يۈز قىسىمىدا سۇ تەركىبى قالمىغان ۋاقىتتا، نەچچە پارچە سالفېتكا قەغىزى(餐巾纸) بىلەن تەرخەمەكنى يۆگەيمىز.
   كەينىدىن يېڭى ساقلاش پىلاستىرى ئارقىلىق پۈتۈن تەرخەمەكنى ئوراپ چىقىمىز. بۇنىڭدا تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبىنى ئۈنۈملۈك ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا، ئوراپ تەييار قىلغان تەرخەمەكنى ھاۋا ئۆتىشىدىغان تەسكەي ئورۇنغا قويۇپ قويساق، بىر ئاي ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号