ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىش پەسلىدە چېنىققاندا بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-09كۆرۈلىشى : قېتىم
   سوغۇق قىش پەسلىدە، بەدەندىكى مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى بىر خىل نىسبەتەن تۆۋەن بولغان سەۋىيەدە تۇرىدىغان بولۇپ، مۇسكۇل ۋە پەيلەر بىر قەدەر قاتمال كېلىدۇ؛ شۇڭا ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىشتىن بۇرۇن، بەلگىلىك ۋاقىت، پەي سوزۇش، مۇسكۇللارنى بوشىتىش، بوغۇملارنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق ب تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ بەرسەك، بەدىنىمىزنى تەڭشەپ ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشتىكى ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلەلەيمىز.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاتتىقلىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى، ھەرىكەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، تەييارلىق خىزمىتى شۇنچە بەك يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. ئادەتتە، بەدەن قىزىتىش ۋاقتى ئاز دېگەندىمۇ 10-5مىنۇتقا يىتىپ، پەي بوغۇملارنىڭ يىتەرلىك ھەرىكەتلىنىپ سوزۇلغاندىن ۋە ئازراق تەر چىققاندىن كېيىن ئاندىن چېنىقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۈستى يېپىق تەنتەربىيە سارايلىرىدا چېنىققان تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسىم تەنتەربىيە سارايلىرىنىڭ ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال قېلىنراق كىيىمنى كىيىپ بەدەن قىزىتىپ، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىزىغان ياكى تەر چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۈستىدىكى قېلىن چاپاننى سېلىۋىتىپ چېنىقىش كېرەك. ئۆي سىرتىدا چېنىققاندا بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن يەڭلىك تەنتەربىيە كىيىملىرىنى كىيىپ، بەدەننى مۇۋاپىق تۈردە ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. (كېلىش مەنبەسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئۈچىنچى دوختۇرخانا)

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号