ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پىنتوزىنى سۇغۇق سۇغا چىلاش كېرەكمۇ ياكى قايناقسۇغىمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-02كۆرۈلىشى : قېتىم
   پىنتوزا، تاتلىق ياڭيۇ، ماش قاتارلىقلارنى خام ماتېرىيال قىلىپ ياسالغان ئەنئەنىۋى يېمەكلىك بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ. بىراق، پىنتوزىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى سۇغا چىلاپ قويۇش لازىم بولىدۇ؛ ئۇنداقتا، پىنتوزىنى قايناقسۇغا چىلاش كېرەكمۇ ياكى سوغۇق سۇغىمۇ؟
سوغۇق سۇ
   پىنتوزا ئۆزى قاتتىق، شۇڭا سوغۇق سۇغا چىلىساق يۇمشىمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يىگەندە چايناش تەس بولۇپلا قالماي، قازانغا سالغاندىمۇ قازاندىكى سۇ ياكى شورپىنى ئۆزىگە تارتىۋالىپ، قازاندا تەييارلاۋاتقان قورىمىنى ئوماچ قىلىپ قويىدۇ.
قايناقسۇ
   نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقىت تىجەش ئۈچۈن، پىنتوزىنى قايناقسۇغا چىلايدۇ. لېكىن بۇنداق قىلغاندا، پىنتوزىنىڭ ئىچكى قىسىمى سۇنى سۈمۈرۈشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، سىرتقى يۈزى يۇمشاپ قېلىپ، تەم دەرىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ ھەمدە ئاسانلا قازانغا چاپلىشىۋالىدۇ.
ئىلمان سۇ
   ئەمەلىيەتتە، پىنتوزىنى سۇغا چىلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى، ئىلمان قايناقسۇغا چىلاپ قويۇش؛ تىمپىراتۇرىسى تەخمىنەن 50-40گىرادوس ئەتراپىدىكى ئىلمان قايناقسۇغا، ئادەتتە 20 مىنۇت چىلاپ قويساقلا كۇپايە. بۇنىڭدا، تەمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەم قازانغا چاپلىشىۋالمايدۇ. بۇندىن باشقا، پىنتوزىنى چىلاپ قويغان ۋاقىتتا، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، سۇغا ئاۋۋال ئازراق تۇز ياكى كىراخمال قوشۇپ، چايقاپ تولۇق ئىرىتكەندىن كېيىن ئاندىن پىنتوزىنى چىلاپ قويساق، پىنتوزىنىڭ يۇمشاش ۋاقتىنى قىسقارتىپلا قالماي، يەنە تېخى پىنتوزى يۈز قىسىمدىكى ئارىلاشما ماددىلار ۋە باكتېرىيە ۋىرۇسلارنى تازىلايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号