ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كېچىكىپ قىلغان پۇشايمان (2-قىسىم)
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-30كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۇ ۋاقىتتا خىزمەتچى ئايال كىرىپ، ئاينۇرنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى:
   "خانىم، سىز يارىلىنىپسىز، مەن سىزگە دوختۇر چاقىرىپ كىرەي!"
   ئاينۇر بۇنى ئاڭلاپ ئاندىن ھوشىغا كەلگەندەك بولدى، ئۇ خىزمەتچى ئايالغا بۇرۇلۇپ قاراپ تۇرۇپ دېدى:
   "ھاجىتى يوق، قان توختاپ قالدى."
   "بۇنىڭدا قانداق بولىدۇ؟"
   خىزمەتچى ئايال دورا ساندۇقىنى ئەكېلىپ، "خانىم، مەن قوللىرىڭىزغا كىرىپ كەتكەن ئەينەك پارچىلىرىنى ئېلىۋېىتەي!"
   خانىم؟ ئاينۇرنىڭ چىرايىدا بىر خىل ئازاب تۇيغۇسى ئەكس ئەتتى، بۇ نام ئۇزۇنغا قالماي، ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
   كەچتە، ئاينۇر كارىۋاتتا يېتىپ، ئۇيان-بۇيانغا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى، ئۇنىڭ ھۇشى خىرەلىشىشكە باشلىغان ۋاقىتتا، پەشتاقتىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىدى.
   ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تونۇش ئاياغ ئاۋازى ئىشىك ئالدىغا كەلدى، پەرھات ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدى دە، ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇردى.
   ئاينۇر ئۇخلاپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئىدى، بىراق ئۇ پەرھاتنىڭ پەقەت ئۇنتۇپ قالغان نەرسىسىنى ئالغىلى كىرگەنلىكى، نەرسىسىنى ئېلىپ بولۇپلا سىرتقا قاراپ ماڭغىنىنى بايقاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يوتقاننى ئېچىپلا، "پەرھات!" دەپ چاقىردى.
   پەرھات كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراپ، سوغۇقلۇق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ئاينۇرغا تىكتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىزارلىق ۋە مۇز ياغاتتى.
   "پەرھات، بۇنچە كەچ بولغاندا نەگە بارىسىز؟"
   ئۇنىڭ ئەسلىدە دىلبەرنى ئىزدەپ تاپتىڭىزمۇ دەپ سورىغۇسى بار ئىدى، لېكىن جاۋابنى ئاڭلاشتىن قورقۇپ توختاپ قالدى.
   لېكىن مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ، پەرھاتنىڭ ئوغىسىنى بىراقلا قاينىتىۋەتتى.
   پەرھات قولىدىكى چاماداننى يەرگە قويۇپ، ناھايىتى سوغۇق تەلەپپۇزدا دېدى:
   "نېمە، مېنىڭ قەيەرگە بېرىشىمغا سەن قوشۇلۇشۇڭ كېرەكمىدى؟"
   پەرھات ئاينۇرنىڭ ئۇچۇق قالغان سۈتتەك ئاپئاق مۈرىسىگە قاراپ، كۆزلىرى باشقىچە چاقناپ كەتتى دە، ئۇ ئاينۇرنىڭ قولىدىن تارتىپلا ئۇنى كارىۋاتقا يېقىلدۇردى، ھەمدە ئىتتىك بېرىپىلا ئۇنى ئاستىغا بېسىۋالدى.
 ....
   داۋامىنى ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا كۆرۈڭ...

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号