ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سۇغۇق كۈنلەردە ئالمىنى بۇ ئۇسۇلدا يەپ سىناپ بېقىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-29كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھاۋانىڭ سۇغۇق كۈنلىرىدە، بوش ۋاقىتلىرىمىزدا ئۆيدىن سىرتقا چىققۇمىز كەلمەي قالىدۇ؛ بۇنداق زىرىكىشلىك ۋاقىتلاردا، ئالمىدىن تۆۋەندىكىدەك ئۇششاق يېمەكلىك تەييارلاپ، يەپ سىناپ باقسىڭىز، بەلكىم كۆڭلىڭىز ئىللىپ قېلىشى مۇمكىن.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: ئۈچ تال ئالما، ئىككى تۇخۇم، 100گىرام شېكەر، مۇۋاپىق مىقداردىكى كىراخمال، 500گىرام  ئىستېمال مېيى.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كېتەرلىك ماتېرىياللارنى تەييارلايمىز.
   2. قاچىدىن بىرگە تۇخۇمنى چېقىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا كىراخمال ئارىلاشتۇرۇپ قوچۇيمىز.(ئەگەر قۇيۇق بولۇپ قالسا، تۇخۇمنىڭ ئېقىدىن قوشۇپ سۇيۇلدۇرسىڭىز بولىدۇ)
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ئالمىنى سويۇپ، چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش ھالەتتە توغرىغاندىن كېيىن، ئالدىدا تەييارلىغان كىراخمال تۇخۇم ئومىچىغا چىلاپ ئېلىپ، قازاندىكى قىزىغان مايغا سېلىپ سارغايغىچىلىك داغلايمىز.
   4. داغلىنىپ بولغان ئالمىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز(ماينى تۇلۇق ساقىتىۋىتىمىز)؛ قازاندىكى ماينى ئۇسۇپ ئېلىۋىتىپ، قازان تىگىدە ئازراقلا ماي قالدۇرىمىز؛ قازاندا قالدۇرۇلغان ماي ئۈستىگە، 100گىرام شىكەر ۋە 50گىرام سۇ قۇيۇپ، چوڭ كۆپۈكچىلەر كىچىك كۆپۈكچىگە ئايلانغان ھەمدە رەڭگى سۇس سېرىققا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا، ئالدىدا داغلاپ ئېلىپ قويغان ئالمىنى سېلىپ، ئالما يۈزىگە شىكەر قىيامى تولۇق يېپىشقۇچە تېز سۈرئەتتە قورۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号