ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئىككى يۈز مىليۇن خەجلەپ چەكمە چەكتۈرگەننىڭ پايدىسى بولماپتۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-09كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن تىلغا ئالماقچى بولغان رىك، 1985-يىلى كانادادا تۇغۇلغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىگە ئىسكىلىت ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سۈرىتى چىكىلگەن بولغاچقا، كىشىلەر تەرپىدىن "مۇردا ئوغۇل" دەپ نام بىرىلگەن؛ بىرلا ۋاقىتتا، ئۇ يەنە دۇنيادىكى بەدەن چەكمىسى ئەڭ كۆپ ئادەمگە(پۈتۈن بەدىنىگە جەمئى 139پارچە چەكمە چىكىلگەن) ئايلانغان.
   ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق كۆپ چەكمە چەكتۈرىدۇ؟ 15ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مېڭە راكى دەپ دىئاگونوز قويۇلغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى، ھايات قالغان تەقدىردىمۇ چىرايى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كېتەتتى. لېكىن، تەلەيگە يارىشا، ئۇنىڭ مېڭە راكى ئوپراتسىيەسى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان. شۇندىن كىيىن، ئۇ كۆڭلى خالىغان ھەم خۇشال بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بەل باغلاپ، كىچىكىدىنلا ھەرخىل نەقىشلەرنى ياخشى كۆرىدىغان رىك، بەدىنىگە چەكمە چەكتۈرۈشنى باشلىغان.
   16ياش ۋاقتىدا، ئۇ بەدىنىگە تۇنجى چەكمىنى چەكتۈرگەن؛ شۇندىن كىيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە، ئۇ 200مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل(خەلق پۇلى) خەجلەپ، ئۆزىنى بىر سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرغان. ئوبرازى ئالاھىدە بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇ ئويۇن قويۇش، مودىللىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش تەكلىپىنى تاپشۇرۋېلىپ، بىر مەزگىل مودا ئېقىم ساھەسىدىكى داڭدار شەخسكە ئايلانغان.
   مەسىلەن، Lady Gagaنىڭ سۈرەتلىك فىلىمىدىمۇ ئۇنىڭ سىماسى بار بولۇپ، كىيىنچە يەنە Lady Gagaبىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان؛ ئۇنىڭ دۆلەت سىرتىدىلا ئەمەس، دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ خېلى نامى چىققان.
   گەرچە داڭقى چىقىپ شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىرىشكەن بۇ نەتىجىلەر ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئۇ ئۆلۈمگە قارىتا تەلۋىلەرچە مەستانە بولۇپ قالغان ھەمدە ئاخىرىدا، 33ياشقا كىرىشكە بەش كۈن قالغان ۋاقىتتا، ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان؛ مېڭىسىدىكى ئەڭ خەتەرلىك كېسەللىكتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما پىسخىكىلىق ساغلاملىق جەھەتتىكى مەسىلىسىنى يىڭەلمىگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号