ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يېقىن تۇغقانلار ئۆز-ئارا توي قىلىپ تاشقى پىلانت ئادىمى تۇغۇپتۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-06كۆرۈلىشى : قېتىم
   بېنگال دۆلىتىنىڭ غەربى جەنۇبى قىسمىدىكى بىر كەنتتە، يېقىندا ئالاھىدە ئوغۇل بوۋاقتىن بىرسى تۇغۇلغان: بۇ بوۋاق پۈتۈن يۈزىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن تۇغۇلغان بولۇپ، چىرايى 80ياشلىق بوۋاينىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى؛ كۆزلىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، كىنو-فىلىملەردە چىقىدىغان "تاشقى پىلانت" ئادىمىنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشايتتى.
   بۇ بوۋاقنى كۆرگەندىن كىيىن، دوختۇرلارمۇ ھاڭ-تاڭ قالغان ھەمدە بۇ بوۋاقنى تۇغۇلما خاراكتېرلىك بالىلار بالدۇر قېرىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
   بۇ خىل كېسەللىك، ھەر تۆت مىليۇن ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسى كۆرىلىدىغان بولۇپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېقىن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بار بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. بىراق، بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى، بۇنداق غەلىتە بوۋاقتىن بىرنى تۇغقانلىق سەۋەبىدىن كۆڭلىنى يېرىم قىلمىغان؛ ئۇلار ئەكسىچە، بوۋاقنى تەقدىر ئاتا قىلغان ئالاھىدە جانلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ خۇشال بولۇپ كېتىشكەن.
   بوۋاقنىڭ دۈمچە قىسمىدا بىر قەۋەت قۇيۇق تۈكچىلەر بار بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى قورقۇنلۇق كۆرۈنەتتى.
   بۇ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، كەنتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىققان؛ ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر يېراق جايلاردىن بۇ بوۋاقنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن.
   بۇ "تاشقى پىلانت" ئوغلى، باشقا كىچىك بالىلارغا ئوخشاش يىغلاپ خاپا قىلىدىكەن. بالدۇر قېرىپ كىتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار، ئادەتتە گەرچە 13ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمىسىمۇ، ئەمما بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ئۈمىدۋار بولۇپ، بوۋاقنى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلەلەيدۇ دەپ قارىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号