ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
"كەپسىز بالا" بىل.گايتىسنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ھېكايىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-05كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
   يېقىندا، بىل.گايتىسقا ئائىت بولغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈپ قالدىم؛ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ نامى "بىل ئائىلىسىگە كىرىش: بىل.گايتىسنى چۈشىنىش" بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قىسىملىق ئىكەن. راستتىنى ئېيتسام، فىلىم نامىنى كۆرۈپلا، مەن بۇ فىلىمگە ئازراقمۇ قىزىقمىدىم؛ چۈنكى، مەن بۇ فىلىمنى خۇشامەتچىلىك قىلىپ ماختاش تىپىدىكى شەخسىي سۆھبەت خاتىرىسى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. بىراق، فىلىمگە قويۇلغان باھا نومۇرى ۋە سۆز قالدۇرۇپ باھا بىرىشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىنى بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلاشنى قارار قىلدىم.
   لېكىن، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، مەن بۇ فىلىمگە ئەسلىدە "مىنىڭ ياخشى بىر ئانام بار" دەپ نام قويۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن دەپ قارىدىم.
   پۈتكۈل ھۆججەتلىك فىلىم ئىچىدە، بۇ ئىلگىرىكى دۇنيادىكى بىرىنچى باي، "ئانام" دېگەن بۇ سۆزنى نۇرغۇن قېتىم تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئادەمگە بىر خىل بىل.گايتىس خۇددى "ئانىنىڭ گۆھىرى ئوغۇل"دەك تۇيغۇ بىرىپ قوياتتى:
   "تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىڭىز پۈتۈن شىتات بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن؛ سىزنىڭ بىرىنچىلىكنى ئېلىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان كىم؟"
   "ئانام!"
   "بۇ مىنىڭ ئانام!"
   بۇ "ئانام" دېگەن سۆز، پۈتكۈل ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە نۇرغۇن قېتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ، مەن بۇ يەردە بىرمۇ-بىر تىلغا ئالمايمەن.
   ھەر قېتىم ئانىسىنى تىلغا ئالغاندا، 60ياشتىن ئاشقان بىل.گايتىسنىڭ چىرايىدا، بىر خىل چوقۇنۇش ئىپادىسى پەيدا بولاتتى.
   بىل.گايتىسلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئاچىسى ۋە سىڭلىسىمۇ، ئانىسىنى توختىماي ماختايتتى. ئاچىسىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنى بويىچە بولغاندا، ئەگەر دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ تەربىيەسى بولمىغان بولسا، بىل.گايتىسنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجە قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
   بۇ ئانىمۇ ھەقىقەتەن بەك قالتىسكەن؛ چۈنكى ئۇ، بارلىق پەرزەنتلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە تېخى بىل.گايتىستەك دۇنياغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار دەرىجىدىن تاشقىرى بايدىن بىرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
   فىلىمدىكى بىل.گايتىسنىڭ "ئانام" دەپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىكىگە قارىتا، مەن ناھايىتى قىزىقىپ قالدىم؛ لېكىن، بىل.گايتىسنىڭ ئانىسىغا بولغان چۈشىنىشىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىل.گايتىسنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى بىل.گايتىسقا ئايلىنالىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم، ئۇنىڭ ئانىسى، بۇ جەرياندىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكار ئىكەن.
   بىل.گايتىسنىڭ دادىسى ۋىليام.گايتىس، ئەينى جايدا نامى بىر ئادوۋكات؛ ئانىسى مارى.گايتىس بولسا، ۋاشىنگېتون داشۆسىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، بانكا سىستېمىسىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمە ئىئانە توپلاش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى؛ ئانىسىنىڭ دادىسى ج.ۋ.ماكسىۋىل، ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
   گەرچە بانكىرنىڭ قىزى بولسىمۇ، ئەمما بىل.گايتىسنىڭ ئانىسى ئازراقمۇ ئەركە ئەمەس ئىدى، بالا تەربىيەلەش جەھەتتە، ھەمىشە ئۆزى شەخسەن قول تىقىپ، بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بار كۈچى بىلەن ھەمراھ بولاتتى.
   بىل.گايتىسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئانىسى بالىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك پائالىيەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىنى ئاتايدىغان بولۇپ، بىل.گايتىسقا بولغان تەسىرى تېخىمۇ زور ئىدى.
   بىل.گايتىسمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۈمىدۋارلىققا تولغان بالا بولۇپ، تېخى زاكىدىن ئاجرىمىغان ۋاقتىدىلا، باشقىلار تەرىپىدىن "خۇشاللىققا تولغان بوۋاق" دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى.
   ئاچىسى بىلەن ئويۇن ئوينىغان ۋاقىتتا، ئۇ ھەمىشە كۈچۈكنىڭ رولىنى ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتى.
   باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاددىي بولغان قوشۇش ئېلىش ھېسابلاشلىرىنى ئىشلىگەن ۋاقىتتا، بىل.گايتىس ناھايىتى ئاسان ھالدا ھەم تىز سۈرئەتتە، ئاۋازغا ئەگىشىپ قوشۇش ئېلىش ھېسابلىرىنىڭ جاۋابىنى ئىشلەپ چىقىرالايتتى؛ باشقىلار ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكىگە ھەۋەس قىلاتتى ۋە زوقلىناتتى، بۇ ۋاقىتتا بىل.گايتىسمۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپتىكى باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئەقىللىكرەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
   ئەمەلىيەتمۇ بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بىل.گايتىس 16ياش ۋاقتىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن پىروگرامما يېزىپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، دەرسلىك سېتكىسى ئورۇنلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى ئىدى.
   17ياش ۋاقتىدا، ئۇ 4200دوللارلىق باھا بىلەن، ئۆزى پىروگرامما يېزىپ لايىھەلىگەن تۇنجى كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى سېتىپ چىقاردى؛ سېتىۋالغۇچى تەرەپ، ئۇ ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى.
   ئائىلە شارائىتى ياخشى، تۇغۇلما ئۈمىدۋار ھەم خۇشخۇي، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلاردىن ئەقىللىك؛ ئەگەر داۋاملىق ھالدا مۇشۇ تۈردە تەرەققىي قىلسا، بىل-گايتىسنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش يولى، ئىزچىل تۈردە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ ئۆتەتتى.
-2-
   لېكىن، ئاچىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ نەزىرىدە، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى بىل.گايتىس، تىپىك بولغان "كەپسىز ھەم مەسىلىسى كۆپ" بالا ئىدى.
   سىڭلىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ مىجەزى ئازراق غەلىتە بولۇپ، ئارىلىشىدىغان دوستلىرىمۇ غەلىتە مىجەزلىك ئىدى، قارىماققا ئادەمگە بىر خىل كىتاب خالتىسىدەك تۇيغۇ بىرەتتى.
   ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرسە، ياتاق ئۆيى قالايمىقانچىلىققا تولغان بولۇپ، ھەممىلا يەرگە كىتابلار يېيىلغان ھالەتتە بولاتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆزىگە تاللاش بەرسە، ئۇ بەلكىم ئۆيىدىن چىقماي كۈن بويى كىتاب ئوقۇشقا رازى بولار ئىدى.
   ئاچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇمۇ بىل.گايتىسىنىڭ باشقىلار بىلەن قانچىلىك پىكىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، چۈنكى ئۇ ناھايىتى ئىچ مىجەز ئىكەن.
   ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى، ئۆزىنى ياتاق ئۆيىگە سولاپ، قېرىنداش قەلەمنى چىشلەپ ئويلىنىش ئىكەن.
   غەلىتە، ئىچ مىجەز، ئادەمگە ئارىلاشماسلىق؛ بىل كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى غەلىتە ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، ئانىسى ئاز كۈچىمىگەن؛ ئەمما بۇ، ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ زىددىيىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
   بىلنىڭ دېيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئازراق ئىستىبداتتەك بىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىشنى تازا خالاپ كەتمەيدىكەن، ھەمدە بۇ سەۋەبلىك نەچچە كۈنلەپ گەپمۇ قىلمايدىكەن.
   بىر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، بىل ئانىسى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان. ئۇ ئانىسىغا ۋاقىراپ گەپ ياندۇرغان ھەمدە مەسخىرىلىككە تولغان، قوپال سۆزلەر بىلەن ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن.
   ئانىسى بىلدىن سورايدۇ: "نېمە قىلىۋاتىسىز؟"
   بىل ئانىسىغا، "مەن ئويلىنىۋاتىمەن" دەپ جاۋاب بىرىدۇ، ئەمما كەينىدىن ئۇلاپلا، ئانىسىدىن قايتۇرۇپ سورايدۇ:
   "سىز تەپەككۇر قىلىپ ئويلىنىشنى بىلەمسىز؟"
   ئېنىقكى، بىل ئانىسىنى مەسخىرە قىلىۋاتاتتى. بۇنىڭغا چىداپ بولالمىغان دادىسى، ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان دەرىجىدە قاتتىق غەزەپلىنىپ، بىر ئىستاكان سۇنى بىلنىڭ يۈزىگە چېچىۋەتكەن.
   ھازىرقى بىل، غەلىتە مىجەزلىك بالا بولۇپلا قالماي، يەنە تەربىيە كۆرمىگەن "مەسىلىسى بار" بالىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
   ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟
   ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىش كېرەكمۇ، ياكى ئۇرۇپ جازالىماق لازىممۇ؟ ۋە ياكى بالا بىلەن ياخشى پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭدىكى مەسىلىنى تېپىپ چىقىش كېرەكمۇ؟
   بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى، گەرچە بىۋاستە ھەم ئۈنۈملۈك بولسىمۇ، ئەمما بىلنىڭ ئانىسى بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تاللىمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بالىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن، چوقۇم بۇ ئائىلىدە ئاۋۋال مەسىلە كۆرۈلگەن ئىدى.
   بۇ ۋاقىتتا، بىلنىڭ ئانىسى، ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن بولغان بىر يولنى تاللىدى: بالا بىلەن بىرلىكتە، قەيەردە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىزدەپ تېپىش.
   چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىدا، بالىدا مەسىلە كۆرۈلسە، بۇ يالغۇز بالىنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماي، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسىلىسى ھېسابلىناتتى.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئاخىرىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىشنى قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
   كۆرۈپ بۇ يەرگە كەلگەندە، مەن بۇ ئانىنىڭ مۇھەببىتىدىن ۋە كەڭ قورساقلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم.
   گەرچە ئوغلى ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرغان، گەپ-سۆزلىرى ئارقىلىق كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ "مەسىلىسى بار" ئوغلىنى ئۆزىنىڭ قارشى تەرىپىگە قويىۋالمىغان؛ ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلاپ يەتكىنى، ئۆزىنى تەكشۈرۈش بولغان.
   بىز ھەمىشە، بالىنى ياخشى كۆرۈش ئاتا-ئانىنىڭ تۇغۇلما خاراكتېرى دەيمىز. لېكىن، بالا راستتىنلا بىزنىڭ غەزىۋىمىزنى قوزغىغان ۋاقىتتا، زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۋەتمەي ۋە جازالاشقا ئالدىرىماي، سۇغۇققانلىقنى ۋە ئىدراكلىقنى ساقلىيالايدىغان ئاتا-ئانىلاردىن قانچىلىكى بار؟
   پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى كەسپى خادىملار بىلەن پىكىرلەشكەندىن كىيىن، ئۇلار مەسىلىنىڭ بىل بىلەن ئانىسى ئىككەيلەننىڭ ئۈستىدە كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان؛ ئۇلارنىڭ بىرسى زىيادە تەشۋىشلىنىپ كەتكەن، يەنە بىرسى زىيادە ئۆز بېشىمچە بولۇپ كەتكەن ئىدى.
-3-
   ئەمدىكى مەسىلە، ھازىرقى ئەھۋالنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىش بولۇپ قالغان ئىدى.
   پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىشىنى قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش، ئانا بۇ قېتىممۇ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئۆزگىرىش قىلىشنى تاللىدى.
   پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە يازلىق لاگىر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بىللە باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەپ، باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇندى.
   دادىسى ئامىرىكا ئادوۋكاتلار جەمئىيىتىنىڭ يېغىنىغا قاتناشقان ۋاقىتتا، بىلنى بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىك ئالدىدىكى كۈتىۋالغۇچى بولۇشقا قويدى.
   ئانىسى ئۇنى بىرلەشمە ئىئانە توپلاش جەمئىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، مەھەللە ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇزدى.
   كىمنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى باشتىن ئاياغ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتىدۇ دەيسىز؟ لېكىن دەل مۇشۇ بىر قېتىملىق تىرىشچانلىق، ئىچكى دۇنياسىنى ئازراق قۇلۇپلاپ ئىتىۋالغان، ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان بىل.گايتىسنى، تەدرىجىي ھالدا، نۇتۇق سۆزلەشكە ۋە ئىپادىلەشكە ماھىر، باشقىلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئازراق يۇمۇرىستىكلىقمۇ بار بولغان بىر ئادەمگە ئايلاندۇردى.
   ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن خاپا بولۇشۇپ قېلىشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلەپلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئازابلىق بىلىنگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. كېيىنچە ئۇ، ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنىڭ تېخىمۇ بىئارام بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ، ئۆزىنىڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش نوقتىنەزىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن ۋە ئۆزىنىلا كۆرۈپ ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ يەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
   ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى، بىر مەيدان بوران-چاپقۇندىن كىيىن، ئاخىرى تىنچلىققا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەن بىل، ئانىسىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، ئانىسىمۇ ئۇنىڭ مۇھىم يولباشچىسىغا ئايلانغان.
   ئەينى يىلى، بىل.گايتىس ھارۋاد داشۆسىدە ئوقۇۋېتىپ ئوقۇشتىن ئۆزلىكىدىن چېكىنگەن ۋاقىتتا، ئانىسى ئوغلىنىڭ ھەقىقىي ئويىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئەركىنلىك بىرىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ شىركەت قۇرۇشىغا ياردەملەشكەن.
   ئۇ ئارىدا تونۇشتۇرغۇچى بولۇپ، بىل بىلەن بۇففىتنى ياخشى دوستلارغا ئايلاندۇرغان، بۇ ئىككەيلەننىڭ دوستلۇقى تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
   بۇندىن باشقا، بىلنىڭ ئانىسى مۇۋاپىق پەيتتە چېكىنىپ چىقىشنىمۇ بىلىدىغان بولۇپ، ئوغلى مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغاندىن كىيىن، پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈپ، تۇرمۇشتىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
   1994-يىلى، بىل توي قىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى سۈت بېزى راكى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. بىل ئەڭ ياخشى ئانىسىدىن، ئەڭ ياخشى يولباشچىسىدىن ۋە ئەڭ ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالغان.
   ھۆججەتلىك فىلىمدە، رىژىسور بىلدىن "سىزنىڭ ئەڭ قاباھەتكە تولغان كۈنىڭىز قايسى كۈن" دەپ سورىغان ۋاقىتتا، بىل بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن، "ئانام ئالەمدىن ئۆتكەن ئاشۇ كۈن" دەپ جاۋاب بەرگەن.
   ئۇ كۈن، بىلنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك ھەم ئەڭ زۇلمەتلىك بىر كۈنگە ئايلىنىپ قالغان.

-4-
   ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، بالىلار ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان ھاڭ.
   مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: "تەلەيسىز كىشىلەر، بىر ئۆمۈر بالىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن جاراھەتلەرنى ساقايتىش بىلەن ئۆتىدۇ؛ تەلەيلىك كىشىلەر، بالىلىق دەۋرى بىلەن بىر ئۆمۈرلۈك پىسخىكىلىق جاراھىتىنى ساقايتىدۇ".
   بىل بەلكىم، ئاشۇ تەلەيلىك كىشىلەر قاتارىغا كىرسە كېرەك. گەرچە ئۇنىڭ ئانىسى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ جاھاندا پۇت تىرەپ تۇرۇشتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى، پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇپ كەتكەن.
   بىل.گايتىسمۇ، ياخشى بىر ئەر ۋە ياخشى بىر دادىغا ئايلانغان.
   گەرچە ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما ئانىسىغا ئوخشاش، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئۆزى بىۋاستە قول تىققان؛ گەرچە غايەت زور بايلىققا ۋە ئورۇن مەرتىۋىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنتلىرىگە ئىزچىل تۈردە ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت بەرگەن؛ گەرچە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىن قىلچىلىك غېمى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل تۈردە ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىشىگە ھەمدەمدە بولۇشقا تىرىشقان.
   نۇرغۇنلىغان قارشى ئېقىمدىكى ماقالىلاردا، بىل.گايتىسنىڭ كىشىلەرگە "ناتونۇش" بولغان ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى تىلغا ئېلىنىدۇ: "بىل.گايتىس ھەمىشە ئۆزىنى ئەركىن ئىقتىسادنىڭ پايدىلانغۇچىسى، ئامىرىكا چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى دەپ ئاتىۋالىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ كىتابلىرى، سىزگە ئۇنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ بانكىر، ئانىسىنىڭ ئامىرىكا بانكا سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئەمەلدارى، IBM شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ؛ ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تۇنجى زاكاز تالونىنى، ئانىسىنىڭ ياردەملىشىپ قولغا كەلتۈرۈشۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ...."
   بىل.گايتىسنىڭ بۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تەربىيەسى ۋە يارىتىپ بەرگەن ئائىلە مۇھىتى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقاپ كېتىدىغان پۇرسەتلەرنى تۇتىۋىلىشىغا ۋە ئائىلىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلىغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ھەقىقىي تۈردە ياخشى پايدىلىنالىشىغا تۈرتكە بولغان؛ تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بىلنىڭ ئەڭ چوڭ دەرىجىدىكى ياخشى نىيەت بىلەن، بۇ دۇنياغا مىننەتدارلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.
   بۇ دۇنيادا، ئالتۇن ئاچقۇچ چىشلەپ تۇغۇلغان ھەمدە ئالاھىدە تالانتلىق بولغان كىشىلىك ھاياتتىكى يېڭىپ چىققۇچىلار ئاز ئەمەس؛ لېكىن، بىل.گايتىسقا ئوخشاش، ھەقىقىي تۈردە شانلىق كىشىلىك ھايات يارىتالىغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش يۇقىرى پەللىگە چىقالىغانلار ئىنتايىن ئاز.
   ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ ھېس قىلىپ يەتكىنىم، بىر تالانت ئىگىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلىنىشى، ھەقىقەتەن ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بۇ نۇقتىنى، ھەتتا بىل.گايتىسنىڭ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇمۇ ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىدۇ.
   لېكىن مېنىڭچە، بۇنداق تەلەيگە، ئەمەلىيەتتە ھەممە بالىلار ئېرىشەلەيدۇ.
   بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، زور دەرىجىدە ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن كېلىپ چىقىدۇ؛ لېكىن، ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، بەلكىم بالىلار ئاتلاپ ئۆتەلمەيدىغان ھاڭغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
   بەلكىم بىزنىڭ بالىمىزنىڭ بىل.گايتىسقا ئوخشاش ئۇنداق تالانتى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بالىلارغا بولغان تەربىيە جەھەتتە، بىز ئوخشاشلا ئۆزىمىز شەخسەن قول تىقىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كەم بولۇپ قالماسلىقنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ۋاقىت ھەم مۇھەببەت سەرپ قىلىشنى، ھەممىمىز ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
   بەلكىم بىزنىڭ بىل.گايتىسنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ئۇنداق بايلىقىمىز ۋە ھوقۇق-مەرتىۋىمىز بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن پەرزەنتىمىز بىلەن ئوتتۇرىلىقتا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ھەمدە ئاكتىپ روھى ھالەت ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق مەسىلىنى  ھەل قىلىشنى تاللاشنى، ھەممىمىز ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
   بىز، مەڭگۈ بالا بىلەن بىر سەپتە تۇرىشىمىز، مەسىلىلەرگە ۋە كىشىلىك ھاياتقا، بالا بىلەن بىرلىكتە يۈزلىنىشىمىز كېرەك، بۇلارنىڭ تالانت ۋە بايلىق بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号