ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تەييار چۆپنى توغرا چىلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-22كۆرۈلىشى : قېتىم
   تەييار چۆپ، ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەييار يىمەكلىكلەرنىڭ بىر خىلىغا ئايلانغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر تاللا بازىرىدا، جاھازىغا تولدۇرۇپ تىزىلغان تەييار چۆپنى كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىچىسى ئۇخلىمايدىغان بەزىبىر "شەپەرەڭ"لەرگە نىسبەتەن، تەييار چۆپ ئۇلارنىڭ كىچىلىرى قورسىقىنى تويغۇزىشىدىكى مەززىلىك تائام بولالايدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئادەتتە بىرقەدەر ئالدىراش بولغان خىزمەتچىلەر ئۈچۈنمۇ، تەييار چۆپ يامان ئەمەس بىر خىل تاللاش ھىسابلىنىدۇ.
   ھازىر، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەييار چۆپ ئىستىمال قىلىشى، ئۇنىڭ قولايلىق بولۇشى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، شۇڭا كىشىلەر تەييار چۆپنىڭ ھەرخىل يىيىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان؛ مەسىلەن، تۇخۇم چېقىپ قاينىتىلغان تەييار چۆپ، كاۋاپ قوشۇپ قاينىتىلغان تەييار چۆپ دىگەنلەرگە ئوخشاش.
   لېكىن، تەييار چۆپنىڭ ئەڭ كىلاسسىك بولغان يىيىش ئۇسۇلى، يەنىلا قايناقسۇغا چىلاپ يىيىشتۇر. ئادەتتە، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تەييار چۆپ چىلاش ئۇسۇلى، چۆپنى قاچىغا سېلىپ، بارلىق خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا تۆكۈپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ بىردەم قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئاندىن ئىستىمال قىلىشتۇر. بىراق، بىز بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىدىغىنىمىز، تەييار چۆپنىڭ توغرا چىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا چىلاپ يىگەندە، تەييار چۆپ تېخىمۇ تەملىك ھەم ساغلام بولىدۇ.
   ئالدى بىلەن، قاچىغا چۆپ بىلەن كۆكتاتنى سېلىپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ، ئېغىزىنى ئىتىپ ئىككى مىنۇت چىلاپ قويىمىز. ئىككى مىنۇت توشقاندىن سۈيىنى تۆكىۋىتىمىز.
   ئاخىرىدا، تەم تەڭشەش خۇرۇچلىرى ۋە قىيام خۇرۇچلىرىنى قوشۇپ، ئۈستىگە قايتىدىن قايناقسۇ قۇيۇپ يەنە بىر مىنۇت چىلاپ قويىمىز. بۇنداق ئۇسۇلدا چىلىغان تەييار چۆپنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، سىناپ بېقىڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号