ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي تۇرمۇشىڭىزدا ئۈچىنچى شەخىس كۆرۈلەمدۇ يوق سىناپ كۆرۈڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-13كۆرۈلىشى : قېتىم
   پىسخىكىلىق سىناق: تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى قوللاردىن، سىزنىڭچە قايسىسى ئەركىشىنىڭ قولى؟ توي تۇرمۇشىڭىزدا ئۈچىنچى شەخىس كۆرۈلەمدۇ يوق، سىناپ كۆرۈڭ!
   سىزنىڭ توي تۇرمۇشىڭىزدا ئۈچىنچى شەخىس كۆرۈلمەيدۇ؛ سىز ۋە جۆرىڭىز ھەر ئىككەيلەن مۇھەببەتكە ئىنتايىن سادىق بولۇپ، كۆز ئالدىڭلاردا مەيلى قانچىلىك قىزىقتۇرۇشلار كۆرۈلسۇن، سىلەرگە قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. جۆرىڭىز بىلەن سىز ھەر ئىككىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نىمىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىڭلارنى ۋە قانداق ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر، شۇڭلاشقا سىلەر ھەرقانداق قىزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇپ كىتەلەيسىلەر.
   سىزنىڭ توي تۇرمۇشىڭىزدا ئۈچىنچى شەخىستىن بىرسى كۆرىلىدۇ. سىزنىڭ جۆرىڭىز ئۆزىنى سىلەرنىڭ توي تۇرمۇشىڭلارغا مۇتلەق ساداقەتمەن دەپ قارايدۇ، بىراق يەنىلا سىرتتىكى قىزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرالمايدۇ؛ ئۇ كىيىنكى ئادەمنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا، سىزنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغاندەك ھىس قىلىدۇ، ھەمدە كىيىن ئۇچراتقان ئۇ ئادەمنى ئاندىن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدەك ھىس قىلىدۇ. بىراق، ئەگەر سىز قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشسىڭىز، ئەسلىدە جۆرىڭىزنىڭ ئۆزى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئويلىۋالغانلىقىنى بايقايسىز.
   سىزنىڭ توي تۇرمۇشىڭىدا نۇرغۇنلىغان ئۈچىنچى شەخىس كۆرىلىدۇ. سىزنىڭ ئىرىڭىز مۇھەببەت جەھەتتە ئىنتايىن ئالا كۆڭۈل بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشقا ئامالسىز. ئۇ توي قىلغاندىن كىيىنمۇ، كىمنى كۆرسە شۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ يۈرۈيدۇ. ئۇ، توي مۇناسىۋىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىسۇن ياكى ئۇچرىمىسۇن، ئەگەر ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئۇچراتسا، چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى قوغلىشىدۇ.
   ئەگەر سىز ھەددىدىن ئارتۇق تەتۈر مىجەزلىك قىلسىڭىز، توي تۇرمۇشىڭىزدا ئۈچىنچى شەخىس كۆرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز. ئەمىلىيەتتە، سىلەرنىڭ بۇ بۆلەك توي تۇرمۇشۇڭلار نىسبەتەن ياخشى، ئەگەر سىلەر توي مۇناسىۋىتىڭلارنى ياخشى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشساڭلار، كەلگۈسىدە ئۆمرۈڭلارنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە ئۆتەلەيسىلەر. بىراق، سىز ئەگەر ئىزچىل تۈردە تەتۈر مىجەزلىك قىلىپ ئۆتسىڭىز، ئۇنى سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشكە مەجبۇرلاپ قويىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号