ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ خىل ئىپادىسى بار ئاياللار بىلەن قايتا ئالاقىلاشماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-07كۆرۈلىشى : قېتىم
   يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىدە، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار ئاياللارنى قايتا ئىزدىمەڭ؛ چۈنكى، بۇخىلدىكى ئاياللار سىزنىڭ كۆڭۈل بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.
ھەدىسىلا سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويسا
   يات جىنىسلىقلار ئالاقىسىدە، ئايال كىشىنىڭ ئەگەر بىر ئەركىشىگە مۇھەببىتى قالمىسا، ئۇنداقتا ئايال كىشى ئۇنىڭ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ئۇچۇق ئېيتىدۇ؛ بىراق، ئەگەر ئايال كىشى سىز بىلەن قانداق قىلىشنى ئويلىشىپ بولالمىغان بولسا، ياكى سىزنى زاپاس قوشۇن ئورنىدا كۆرگەن بولسا، ھەمىشە سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ ھەمدە ھەمىشە سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا دىيىشىپ قويۇپ، نەتىجىدە ئۆزى كەلمىسە، بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئازراقمۇ كۆڭلى يوقلۇقىنى، سىز بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشتا بەلگىلىك مەقستى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ھەمىشە سىزگە ماقۇل بولغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالسا
   ھىسيات جەھەتتە، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپ ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە بولۇپ، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرسە، ئۇنقداقتا ئۇ سىز بىلەن بىرگە بولغاندىن كىيىن، سىزنى كۆڭلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، سىزگە ماقۇل بولغان ئىشلارغا ئەزەلدىن بىپەرۋالىق قىلمايدۇ. بىراق، ئەگەر ئايال كىشى ھەدىسىلا سىزگە "قۇرۇق ۋەدە" بىرىپ، سىزگە ماقۇل بولغان ئىشلارنى ھەمىشە ئۇنتۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىزنىڭ يوق ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
سىزنى بارغانسىرى ياراتمايدىغان بولۇپ قالسا
   ئىككەيلەن مۇھەببەتلىشىپ بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ئارىدىكى قىزغىنلىق تەدرىجى يوقايدۇ؛ بىراق شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، كۆپ بولسا قىزغىن مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدىكى شىرىنلىك يوقاپ كىتىدۇ، بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىگە سىغمايدىغان بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. بىراق، ئەگەر ئايال كىشى سىزنى بارغانسىرى ياراتمايدىغان بولۇپ قالسا ياكى نەزىرىگە ئىلىپ قويمايدىغان بولۇپ قالسا، ۋە ياكى سىز ئۇنىڭ كۆزىگە بارغانسىرى سىغمايدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىزنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号