ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئۆزىگە ئۆزى قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا ئامراق بولۇشى ۋە كۆيۈنىشى تەبىئى بىر ئەھۋال؛ ئەمما ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا ئامراقلىق قىلىشىمۇ قارىغۇلارچە بولسا بولمايدۇ. ئەگەر پەرزەنتى سىرتلاردا باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىغا ئۇچرىسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىغا چىقىپ بالىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماق لازىم. ئەگەر پەرزەنتى سىرتلاردا خاتالىق ئۆتكۈزسە، قانۇنغا ۋە پىرىنسىپقا تاقاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار ئۇلارنى كەچۈرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانىلار يەنىلا پەرزەنتى تەرەپتە تۇرىشى كىرەك؛ چۈنكى، ئۇلار ئامالسىز قالغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسى ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكى ھىسابلىنىدۇ. بىراق، ئەگەر پەرزەنتىڭىز كەچۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭغا يەنە ئامراقلىق قىلىپ قوغدايمەن دىمەستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ياخشى تەربىيە قىلىشىڭىز كىرەك؛ بولۇپمۇ توي تۇرمۇشىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتىمگە يان باسىمەن دىمەسلىكى كىرەك.
    يۆ رۇنىڭ ئىلگىرى ناھايىتى بەخىتلىك بىر ئائىلىسى بار ئىدى، بىراق ئۇ بىر دەملىك ئەقلىدىن ئېزىپ، توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلدى، ھازىر بولسا كۈندە دىگۈدەك روھنىڭ ۋە ئەخلەقنىڭ ئازاپلىشىغا ئۇچراپ ئۆتمەكتە. ئۈچ يىل ئىلگىرى، يۆرۇ بىلەن ئاچىياڭ تۇنۇشقاندىن كىيىن، ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ ئىككەيلەن توي قىلدى. توي قىلغاندىن كىيىن ئىككەيلەن ناھايىتى بەخىتلىك ئۆتكەن بولۇپ، ئىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ يۆرۇغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.
   توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن، يۆ رۇ شىركىتىدىكى بىر دىرىكتور بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ، كىيىنچە ئىككەيلەن دائىم بىرگە تاماققا چىقىدىغان بولۇپ قالدى؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدا ھىسيات پەيدا بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك، يۆرۇ ئۆزىنىڭ بەخىتلىك كەلگەن توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلدى. كىيىن ئاچىياڭ بۇ ئىشنى بايقاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندى؛ بىراق، ئۇمۇ بۆلەك توي تۇرمۇشىنى ناھايىتى بەك قەدىرلەيتتى، شۇڭا ئۇ يۆرۇغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بىرىشنى قارار قىلىپ، پەقەت يۆرۇ ئۇ ئەربىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئائىلىگە قايتىشنى خالىسىلا، ئاچىياڭ ئىلگىرىكى ئىشلارنى قايتا سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ ۋاقىتتا، يۆرۇ ئەس ھۇشىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بولۇپ، كەينىگە قايتىشىنى خالىمىدى ھەمدە ئاجرىشىپ كىتىشكە رازى بولدىكى، ئۇ ئەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى خالىمىدى. ئاچىياڭنىڭ گەرچە مىجەزى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما يۆرۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى قارار قىلدى ھەمدە ئۇنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.
    يۆرۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ ھەيدىۋىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاچىياڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ غوۋغا كۆتۈردى. ئاچىياڭ يۆرۇنىڭ تالاغا قارىغانلىق ئىسپاتلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتكەندىن كىيىن بولسا، ئۇلار خىجىلچىلىقتىن ئۆزىنى قويغىلى يەر تاپالماي قالدى. ناھايىتى تىزلا، يۆرۇنىڭ تالاغا قارىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، يۆرۇمۇ ئىشىكتىن چىقالماس بولۇپ قالدى. يۆرۇنىڭ ئانىسى ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭغا تەسەللى بىرەتتى، بىراق دادىسى ناھايىتى قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كەتكەن بولۇپ، يۈزۈمنى تۆكتى دەپ، ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىمەن دەيتتى.
    ھازىر يۆرۇ كۈندە دىگۈدەك يېغا بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى؛ دادىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىمەن دەيتتى، ئانىسى بولسا بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ دادىسىغا خىزمەت ئىشلەيتتى. يۆرۈ ئۆزىنى ھېچقانداق بىر ئادەمگە قايتا قارايدىغانغا يۈزى يوقتەك ھىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن. بىراق، ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئۇ توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلغان بولغاچقا، يۇرتىدا تۇرۇشقا يۈزى چىدىماي، باشقا ياقلارغا كەتكەندە ئاندىن داۋاملىق ياشىيالايدىغاندەك ھىس قىلدى.
    ئۆيىدىن ئايرىلغان يۆرۇ، قايتا قايىتىپ كىتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى؛ ئۇ گەرچە سىرتتا ئاتا-ئانىسىنى سېغىنغان بولسىمۇ، ئەمما قايتىپ كىتىشكە يۈزى قالمىغان ئىدى. چۈنكى، دادىسىنىڭ ئۆزىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلغاندا، ئازاپقا ئۇچرايدىغىنى پەقەت ئۆزىلا ئەمەس، يەنە ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بار. بىراق كىشىلەر ھەمىشە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن خاتالىقىنى تۇنۇپ پۇشايمان قىلىشىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئەلۋەتتە كىچىكىپ قالغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号