ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى كېيمەك تەس بولغان ئەڭ غەلىتە توي كۆينەكلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   توي كۆينىكى كىيىش، نۇرغۇن قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇسى؛ بىراق، بەزىدە چەكتىن بەك ئاشۇرۋەتسەك، ئۇنداقتا گۈزەل چۈشمۇ قاباھەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى، تورتقا زىيادە ئىشقى بار كىلىنچەك بولۇپ، ئۇنىڭ توي كۆينىكىنىڭ ئېتەك قىسمى، پۈتۈنلەي قايماقلىق تورتتىن ياسالغان. ئۇ رەسىمدىكى بۇ ھالىتىنى، توي كۆينىكى پۈتۈپ بولغۇچە ئۆزگەرتمەي تۇرۇشى كىرەك. توي كۆينىكى پۈتۈپ بولغاندىن كىيىن بولسا، مىھمانلار بۇ كۆينەك تورتنى تۈگىتىپ يەپ بولغىچىلىك مىدىرلىماي تۇرۇشى كىرەك.
    بۇ رەسىمدىكىسى قارىماققا توي كۆينىكىگە ئوخشىمايدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، پەقەت يىڭى كىلىنچەكنى پۈتكۈل مۇراسىم مەيدانىدىكى مەركىزى نوقتىغا ئايلاندۇرالىسىلا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن بولىدۇ.
   قەدىمقى مىسىر مەدەنىيىتى ھەرخىل ئۆزگىچە تۈسلەرگە تولغان. بىراق، ھازىرقى مىسىرلىقلار، ئاساسەن غەرپچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاق ياكى قىزىل توي كۆينىكى كىيىدۇ. تۆۋەندىكى بۇ بىرجۈپلەر بولسا، ئالتۇندەك پاقىراپ كەتكەن بولۇپ، ئالتۇننىڭ پۇرىقى بۇرۇنغا ئۇرۇلۇپلا تۇرىدۇ. بىراق، كۆرگەن ئادەمنىڭ، كىلىنچەكنىڭ بوينى شۇنچە ئېغىر نەرسىلەرنى قانداق كۆتۈرۈپ بولغاندۇ دەپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالىدۇ.
   شۈبھىسىزكى، بۇ كىلىنچەك سەبىيلىكىنى تېخى تاشلىمىغان؛ ئەمما ئۇنىڭ توي كۆينىكىنىڭ ئىتىكى، كۈيئوغولغان ئاز بېسىم بەرمىگەن.
   توي كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنى تىلغا ئالغاندا، غەيرى ھۆكۈمەت تەرەپ سان-سىفىرلىرىغا ئاساسلانغاندا، توي كۆينىكى ئېتىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان جىننىس دۇنيا رىكوتىنى ياراتقۇچىلار، دۆلىتىمىز چىڭدۇ شەھرىدىن بولغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار بولۇپ، توي كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4100مىتىرغا، كەڭلىكى 1.5مىتىرغا يەتكەن. ئۇنى ئاچقاندا، 40تىن ئارتۇق كاتىپنىڭ، كۆينەك ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشى لازىم بولغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号