ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مۇناپىق دادا قىزىنى ئاياغ ئاستى قىلىپ ھامىلدار قىلىپ قويدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-11كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيتناملىق بىر "مۇناپىق دادا"، ئايالى سۈت بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ 14ياشلىق قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۇنى ھامىلدار قىلىپ قويغان ھەمدە بالىنى تۇغقىلى سالغان.
   خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى، ۋىيتنامنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىدىكى تەننۇڭ رايونىدىكى بىر نامراتلار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق بولۇپ، ئاياغ ئاستى قىلىشقا ئۇچرىغان 14ياشلىق قىزدىن باشقا، ئۇلارنىڭ يەنە ئۈچ بالىسى بار ئىكەن.
    تۆت بالىنىڭ ئانىسى سۈت بېزى راكى دەپ دىئاگونوز قويۇلغاندىن كىيىن، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كىتىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا 400مىليۇن ۋىيتنام پۇلى(تەخمىنەن 118مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ئىئانە قىلغان. بۇ ؛ۇللارنىڭ بىر قىسمىنى كىسەل داۋالىتىشقا ۋە ئىلگىرىكى قەرزلىرىنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەندىن سىرت، يەنە بىر قسىمىنى ئۆتكەن يىلى بالىلارنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، بۇ "مۇناپىق دادا" قىمار ئويناپ ۋە ھاراق ئىچىپ تۈگىتىۋەتكەن.
    خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، دادىسىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغان بۇ قىز ئەما بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىرسىيەت كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈش سىزىمىنى يوقىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدىكەن، ئۆگىنىشىمۇ قىيىنغا توختايدىكەن. قىز بىر مەزگىل ئىلگىرىلا مەكتەپتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ پەقەت قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقىنى، دەرسكە قاتنىشىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كىيىن، مۇئەللىمى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەمىلىيەتتە ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن.
    ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ نەچچە ئايدىن كىيىنلا، قىزى تۇغۇپ ياش بىر ئانىغا ئايلانغان. ئەينى جايدىكى مۇئەللىم ۋە مائارىپ ئەمەلدارى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پاراۋانلىق مەسىلىسىدىن ئەنسىرەپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تاللىغان. كىيىن، ساقچىلار بۇ "مۇناپىق دادا"نى قولغا ئالغان ھەمدە گېن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قىزىنى ئاياغ ئاستى قىلغان ھەمدە ئۇنى ھامىلدار قىلىپ قويغان ئادەمنىڭ دەل دادىسىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
   قىزنىڭ مومىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەك نامرات بولغاچقا، بارلىق بالىلار بىر كارۋاتتا يېتىپ ئۇخلايدىكەن؛ ھازىر ئۇلار يىڭىدىن قوشۇلغان بۇ بوۋاقنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلىشنى بىلەلمەي قالغان. بىراق، شۇ جايدىكى مەھەللىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار بەخىتسىز بۇ قىزچاقنى داۋاملىق قوللايدىكەن ھەمدە بۇ تۆت بالىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بىرىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号