ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يۈز ياشلىق بوۋاي مومايلار توي قىلىپ مۇرادىغا يەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-08كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر مۇھەببەت ئەركىنلىكى دەۋرى، مەيلى ئەر-ئايال ياكى قېرى-ياش بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى قوشلىشىش ھوقۇقى بار؛ يېشى چوڭىيىپ بىريەرگە بېرىپ قالغان تەقدىردىمۇ، بۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ ھەقىقى مۇھەببەت ئىزدىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. خۇددى بىز تۆۋەندە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشاش، ئۇلار گەرچە يىڭىدىن توي قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى 100ياشقا كىرىپ قالغان بوۋاي بىلەن موماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تويى.
   چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 3-ئىيۇندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئالاھىدە بولغان بۇ بىر جۈپ يىڭى ئەر-خوتۇن، بۇ يىل 100ياشقا كىرگەن جون.كۇك بىلەن ئۇنىڭ 102ياشلىق ئايالى فىلىس. كۇك ئىكەن. ئۇلار ئامىرىكىدىكى ئوخشاش بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇنۇشۇپ قالغان ھەمدە ئۆتكەن نەچچە ئاي ئىچىدە ئارىدا مۇھەببەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى گەرچە بىريەرگە يىتىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغان.
   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككەيلەن 6-ئاينىڭ26-كۈنى توي قىلغان؛ ئەمما بۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەقسىتى ئەمەس، بەلكى قىزىققانلىق قىلىپ چىقارغان قارارى ئىدى. ئايالى فىلىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەسلىدە گۇاھنامە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، بىر-بىرىنى بىرمەزگىل كۆزىتىپ بېقىشنى، ۋاقتى كەلگەندە يەنە بىرگە بولۇشنى توغرا تاپسا، ئاندىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشقان ئىكەن.
   بىراق، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىككەيلەن گۇاھنامە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، ئىككەيلەن تۇيۇقسىز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. جون مۇنداق دىگەن: "بىز گۇاھنامە بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملار بىزگە، ئەمدى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسەڭلار بولىدۇ دەپ ئېيتتى. مەن ئويلاپ باقسام راستلا شۇنداق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلاپ، يىڭى ھاياتىمىزنى باشلىشىمىز ئۈچۈن، نەخ مەيداندىلا مۇراسىم ئۆتكۈزدۇق.
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، يۈز ياشتىن ئاشقان بۇ بىر جۈپ بوۋاي بىلەن موماي، ئىلگىرى ئىككى قېتىملىقتىن توي تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جون بولسا تېخى يېقىندا ئۆزىنىڭ 100ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن؛ فىلىس بولسا، كىلەر ئاينىڭ 8-كۈنى، 103ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ 106ياشقىچە ئۆمۈر كۆرگەن. باشقىلار ئۇلاردىن نىمىشقا توي قىلماقچى بولغانلىقىنى سورىغاندا، ھەر ئىككىسى كىلىشىۋالغاندەكلا، "ياخشى كۆرۈشكەن ئىكەن، ئەلۋەتتە توي قىلىش كىرەك" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号