ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلگىڭىز بارمۇ، قېنى كىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۆپچىلىك "قارا جەمئىيەت"نىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ قارا جەمئىيەتنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ "مۇھاپىزەت كۈنلۈكى" دىگەن نىمە؟ ئالدىرماڭ، مەن سىزگە بۈگۈن، "قارا جەمئىيەت" توغرىسىدىكى ئاشۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەي!

    قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت ھىسابلىنامدىكى دەپ ئويلاپ قالماڭ؛ ئەگەر بۇنداق ئويلاپ قالسىڭىز، قارا جەمئىيەتنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولىسىز.
    بىراق ئەنسىرمەڭ! بۈگۈن مەن، جوۋشىڭچىنىڭ "گۇمپا" فىلىمىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، سىزگە "قارا جەمئىيەت توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي.
    باشلايلى ئەمىسە!
    ئالدى بىلەن، "گۇمپا" ناملىق بۇ فىلىمنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى. "گۇمپا"، جوۋشىڭچى رىژىسورلۇق قىلغان ھەمدە باش رول ئالغان كومىدىيلىك سوقۇش فىلىمى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى كوچا لۈكچىكى ئاشىڭنىڭ، رەھىمسىز، ۋاستىسى قەبىھ بولغان، سېسىق نامى جاھانغا پۇر كەتكەن "پالتا گۇرۇھى"غا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقى ھەمدە ئادالەتنى ياقىلايدىغانلار بىلەن ئىللىتى ناچار قاراقچىلار ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش جەريانىدا تەدرىجى ھالدا ئۆزىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، گۇمپىنىڭ ھەقىقى سىرىنى ئىگىلىگەنلىك ئەھۋالى سۆزلەنگەن.
"قارا جەمئىيەت" دىگەن نىمە؟
     "قارا جەمئىيەت"نىڭ دۆلىتىمىز قانۇنىدىكى ئاتالغۇسى "قارا جەمئىيەت خارەكتىرىنى ئالغان تەشكىلات".
    دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنى 294-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، قارا جەمئىيەت خارەكتىرىنى ئالغان تەشكىلات، بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بولۇشى كىرەك:
    1. نىسبەتەن مۇقىم بولغان جىنايەت تەشكىلاتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئادەم سانى نىسبەتەن كۆپ، ئىنىق بەلگىلەنگەن تەشكىللىگۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى بار بولغان ۋە ئاساسلىق شايكىلىرى مۇقىملاشقان؛
    فىلىمدە، "پالتا گۇرۇھى" نامىنى چىقىرىش ۋە ھەيۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىر ئاخشىمى، تەشكىللىك ھالدا ساقچى مەھكىمىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا "تىمساق گۇرۇھى"نى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، بۇ ئارقىلىق، "پالتا گۇرۇھى"نىڭ ئاتامىنى چىن تەشكىللىگۈچى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچى بولغان، "پالتا گۇرۇھى"نىڭ مۇشاۋىرى ۋە ئىككىنچى ئاتامىنى ئاساسلىق شايكىلىرى بولغان، جەمئىيەتتىكى بىكار تەلەت ياشلار ئادەتتىكى قاتناشقۇچىلىرى بولغان، قارا جەمئىيەت خارەكتىرىنى ئالغان بىر تەشكىلاتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    2. قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار ۋە باشقا ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ تەشكىللىك ھالدا ئىقتىسادى پايدىغا ئىرىشىدىغان بولۇش، بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتىنى قوللاشقا كىتەرلىك بولغان بەلگىلىك ئىقتىسادى كۈچى بار بولۇش؛
    فىلىمدە، "پالتا گۇرۇھى" قانۇنىسز جىنايى پائالىيەت تۇرالغۇسى قۇرۇپ چىقىپ، تەشكىللىك ھالدا، بۇلاڭچىلىق قىلىش، قىمار سورۇنى ئېچىش، زەھەر ئېلىپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار ئارقىلىق ئىقتىسادى پايدىغا ئىرىشدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    3. زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا ۋاستىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق، تەشكىللىك ھالدا كۆپ قېتىم جىنايەت قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان، قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلق ئاممىسىنى بوزەك قىلغان ۋە زىيان يەتكۈزگەن بولۇش؛
    فىلىمدە، "پالتا گۇرۇھى" ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى قورقۇنچقا سېلىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش، قەستەن چاتاق تېرىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، قانۇنىسز ھالدا قورال-ياراق ساقلاش قاتارلىق قانۇنسىز جىنايەت قىلمىشلىرى ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنى بوزەك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    4. قانۇنسىز جىنايەت قىلمىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ياكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قوغدىشى ۋە كۈشكۈرتىشى ئاستىدا، بىر رايوننى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋىلىپ، بەلگىلىك رايون ياكى ساھە ئىچىدە، قانۇنسىز ھالدا كونتىرول قىلىش ياكى تەسىرى زور بولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرتىۋىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولۇش.
   فىلىمدە، "پالتا گۇرۇھى" پۇل پارە بىرىش ئارقىلىق ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ ئۆزىنىڭ "مۇھاپىزەت كۈنلۈكى"گە ئايلاندۇرۋالىدۇ ھەمدە قانۇنىسز جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
"مۇھاپىزەت كۈنلۈكى" دىگەن نىمە؟
   "مۇھاپىزەت كۈنلۈكى"، دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئۆز قولىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، قارا جەمئىيەت ۋە جىنايى قىلمىشلارغا چېتىلىدىغان قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ياكى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان قانۇنسىز جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ۋە ئۇلارغا يول قويۇپ، دىلو تۇرغۇزماسلىق، دىلو تۇرغۇزسىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماسلىق، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان كۈچلەرنىڭ قانۇنسىز جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بىرىش ياكى ئۇلارنىڭ قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلىشىغا ياردەملىشىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
   فىلىمدە، ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دۆلەت ئورگىنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تۇرۇپ، "پالتا گۇرۇھى"نىڭ پارىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، "پالتا گۇرۇھى" شايكىلىرىنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللايدۇ ياكى ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالىدۇ؛ ئۇ، پالتا گۇرۇھىنىڭ "مۇھاپىزەت كۈنلۈكى" بولۇپ، پالتا گۇرۇھىنىڭ بارغانسىرى تەرەققى قىلىپ چوڭىيىشىغا يارەملىشىدۇ. بىراق، ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارماي، ئۇ ئاخىرى قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
    بۈگۈنكى بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، "قارا جەمئىيەت"كە قارىتا بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلدىڭىزمۇ؟
    رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号