ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى كۆزىگە كىرىشىۋالماسلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-24كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەتتە ھىسىي كۆرسەتكۈچ تىلغا ئېلىنغاندا، بىز ھەمىشە ئاشىقىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن بولغان ئاسرىشىمىز ۋە ئامراقلىقىمىزنى بېغىشلاشنى ياكى ھەرۋاقىت قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىغا ئىتىبار بىلەن قاراشنى ئۈمىد قىلىمىز.
   بىراق بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى، ھىسي كۆرسەتكۈچى ھەقىقى تۈردە يۇقىرى بولغان كىشىلەر، ئوتتۇرلۇقتىكى ئارىلىقنى قانداق ساقلاشنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق، قولغا كەلتۈرمەك ئاسانغا توختىمىغان بىر بۆلەك مۇھەببەتنى، ئۇزۇن ۋاقىت ئىجىل-ئىناق ھالەتتە ساقلاپ كىتەلەيدۇ.
     ئۇنداقتا، پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، بەك كۆپ ئالاقە قىلىپ كۆزىگە كىرىشىۋىلىشتىن ساقلىنىشنى، نىمە ئۈچۈن بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇسۇلى دەيمىز؟
ھەددىدىن ئارتۇق يېقىنلىق ئاستىدىكى "بېسىم تۇيغۇسى"
   ئەدەبى ئەسەرلەردىن بولمىسۇن ياكى رىئال تۇرمۇشتا بولمىسۇن، بىز شۇنى بايقىيالايمىزكى، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدىكى بىر تەرەپ ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپ بىلەن چەكسىز دەرىجىدىكى يېقىنلىقنى ساقلاپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە قىزغىن مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدىكى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ ئۆتكەندەك تۇيغۇنى ساقلاپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
    بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپ پىسخىكىسى جەھەتتە بۇنىڭغا بەلگىلىك قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئەھۋال، بىر بۆلەك گۈزەل مۇھەببەتنىڭ، قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغان يېراقلىشىش ۋە مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈش دەرىجىسىگە يىتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
     ئەمىلىيەتتە، پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدا بىر خىل "ئەڭ ياخشى راھەت ئارىلىقى" بار بولۇپ، بۇ ئارىلىقنى ساقلاپ تۇرغان ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ئارىلىقى بەك يېقىنمۇ بولۇپ كەتمەيدۇ ۋە بەك يېراقلىشىپمۇ كەتمەيدۇ.
    ئەكسىچە، ئۆزىنى تۇتالماي ئاشىقى بىلەن توختىماي ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەر، دەل بۇ خىل "ئارىلىق گۈزەللىك پەيدا قىلىدۇ" دىگەن ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىر مەزگىللىك شىرىنلىكنى دەپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغان، ھەر ئىككى تەرەپنى ئازادە ھىس قىلدۇرىدىغان "ئەڭ ياخشى ھەم راھەت ئارىلىق"نى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
يوقاپ كەتكەن "يىڭىلىق تۇيغۇسى"
    پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، "يىڭىلىق نوقتىسىنى "ھاياجانلىق" دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ ھاياجانلىق تۇيغۇسى بولسا، بىر بۆلەك مۇكەممەل مۇھەببەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈچ چوڭ زۈرۈر ئامىلنىڭ بىرسى بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى ئۇزۇن كەتكەن يىللارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ھەم ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان قىلىشقا پايدىلىق كىلىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، كۆپ قىسىم مۇھەببەتلەر، باشلىنىشتا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاشۇ بىر پەيتتىكى بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ يۈرەكلىرى ئويناقشىپ كىتىشى بولۇپ، بىر بۆلەك مۇكەممەل مۇھەببەتتە، ئەڭ ئاۋال ساقلىنىدىغىنى، ھاياجانلىق تۇيغۇسىدۇر.
بىراق، دەل، ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىككى تەرەپنىڭ بىرگە بولۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ئاسانلا سۇسلىشىپ تۈگەپ كىتىدۇ؛ بۇ ھەم توي تۇرمۇشى ئىچىدىكى ئەر-خوتۇنلاردا، تۇغقانلىق مىھرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا مۇھەببەت تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىدىكى سەۋەپتۇر.
    ئەمما، زىيادە بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق يىقىنلىشىپ بىر-بىرىگە چاپلىشىۋىلىش، مۇھەببەتتىكى "يىڭىلىق تۇيغۇسى"نىڭ سۇسلىشىپ يوقىلىشىنى تىزلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، بىر بۆلەك ھاياجانلىق تۇيغۇسى كەمچىل بولغان مۇھەببەتنى قايتا مۇكەممەل بولغان مۇھەببەت دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ، سەللا دىققەت قىلمىغاندا، ئاسانلا تالاغا قاراشتىن ئىبارەت باشقا بىر قۇتۇپقا قاراپ يۈزلىنىپ كىتىدۇ.
كۈنسايىن سۇسلىشىپ بارىدىغان "ياقتۇرۇش تۇيغۇسى"
    بەزىدە، ئادەتلىنىش، ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئىشتۇر. ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدا بىر-بىرى بىلەن چەكتىن ئارتۇق ئالاقىلىشىپ، ھەمىشە بىر-بىرى بىلەن سايىدەك چاپلىشىپ يۈرۈشنى بىر خىل ئادەتلەنگەن خارەكتىردىكى ئالاقە ئەندىزىسىگە ئايلاندۇرۋالغاندا، ناھايىتى ئاسانلا ئىختىيارسىز ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئارىدا زىددىيەت كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، كۆزىگە پەقەت قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرىلا كۆرىنىدۇ. ئاتالمىش "ئارىلىق گۈزەللىك پەيدا قىلىدۇ" دىگەن قاراش بار بولۇپ، ئارىلىق بەك يېقىن بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، بىر-بىرىگە بولغان "ياقتۇرۇش تۇيغۇسى" تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، ئارىلىق شەكىللەندۈرۈدىغىنى، ھەقىقى گۈزەللىك ئەمەس؛ بەلكىم ئىنىق كۆرۈپ يەتكىلى بولمايدىغان، خىرە ھالەتتىكى، ھەقىقىيلىقى كەمچىل بولغان بىر خىل "گۈزەللىك" بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئادەمدە كۆپىنچە ھاللاردا، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان، ئۆزى كونتىرول قىلالمايدىغان نەرسىگە قارىتا، تەبىئىلا بىر خىل "ياقتۇرۇش" تۇيغۇسى بار بولىدۇ. ئىنىقكى، زىيادە كۆپ بولغان ئالاقىلىشىش، بۇ خىل ھەقىقىي بولالمىغان "گۈزەللىك"نى بۇزۇۋىتىدۇ.
    مۇھەببەت، تالانتقا ۋە تىرىشچانلىققا تايىنىپ ئىرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس؛ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشتە قاراملىق كۈچى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەقىقى مۇھەببەت خۇددى ۋالىس ئوينىغانغا ئوخشاش، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ماسلاشقان ھالدا ئالغا ئىلگىرلەش ۋە كەينىگە چىكىنىشنى بىلىشى كىرەك.
   ئەگەر ھەمىشە قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىمەن دىسىڭىز، پۇتلىرىڭىز قالايمىقانلىشىپ قارشى تەرەپنىڭ پۇتىغا دەسسىۋىلىشىڭىز مۇمكىن؛ پەقەت مۇۋاپىق بولغان ئارىلىق ۋە لايىقىدا بولغان ئالاقىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن مۇكەممەل ھالەتتە ماسلىشىپ، مۇزىكا ساداسى ئىچىدە گۈزەل ھەم لاتاپەتلىك بولغان ئۇسسۇل قىياپىتىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号