ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە جىسمانىيىتىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-23كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەم ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، ئەڭ ئالدى بىلەن نىمىدىن ۋاز كىچىدۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىدىن ۋاز كىچىپ، بەدەن شەكلىگە بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەتراپدىكىلەرنىڭ ھەممىسى 40-30ياشلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارمۇ بەدەن شەكلىگە بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە "مەن بەرىبىر توي قىلىپ بولدۇم، بەرىبىر ئەمدى لايىق ئىزدەيدىغان ئىش يوق" دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى قىلىدۇ. بىراق سىز شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ تەقدىرگە تەن بىرىشى، دەل مۇشۇ خىل بەدەن شەكلىنى ياخشى ساقلاشتىن ۋاز كىچىشتىن باشلىنىدۇ.
    ئادەم ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە، ياش ۋاقتىدىكى بىلەن قانچىلىك پەرقلىنىپ كىتەر؟ "كونا دوستلار خاتىرسى" فىلىمىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، چاندىلىر تېخى ئۇرۇق كەلگەن كىچىك بىر يىگىت ئىدى؛
    ئالتىنچى بۆلۈمگە كەلگەندە بولسا، يۈزلىرى گۆشكە تولغان ئوتتۇرا ياشلىق "تاغا"غا ئايلىنىپ قالغان.
    بۇنداق ئىشلار ئاز ئۇچرىمايدۇ.
    جوۋ جيېلۈن ھەمىشە سەمىرىپ توپ شەكلىگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن توردا غۇلغۇلا قوزغايدۇ.
   خۇاڭ لېي ياش ۋاقتىدا، چاچلىرى ئۇزۇن، كىلىشكەن بىر زىيالى ياش ئىدى.
    ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە، ئۇمۇ "يوغان قوساقلىق تاغا"غا ئايلىنىپ قالدى.
    يەنە تېخى، ئېغىر دەرىجىدە سەمىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ناخشا كىچىلىكىدە تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان جاڭ خۇيمېيمۇ بار...
    ئۆزىنىڭ سىرتقى ئوبرازىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان چولپانلار بۇنداق بولۇپ قالغان يەردە، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەمىرىپ كىتىشى تېخىمۇ خالىغانچە بولىدۇ.
    ماددىلار سانىنىڭ ئازلىقىدىن قىممەتلىك ھىسابلىنىدۇ؛ سەمىرىپ كەتكەن كىشىلەر بەك كۆپيىيپ كەتكەچكە، سەمىرمەي ئۇرۇق تۇرغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاشقا باشلىدى.
    مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يۈز تۇرانە ئىمتاھانىدا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بەدەن شەكلىنىمۇ باھالاپ نۇمۇر قويۇش دائىرسىگە كىرگۈزگەن؛ مەكتەپ تەرەپنىڭ قارىشىچە، سېمىز كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بەك ناچار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    مەكتەپنىڭ بۇ خىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى بىز توغرا دەپ ئېيتالمايمىز، ئەمما شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ ياخشى بەدەن شەكلى بار بولۇش، ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بىر ئىش.
    بۇ، لى جىياشىننىڭ كومپىيوتىردا بىتەرەپ قىلىنمىغان ئەسلى سۈرىتى؛ سۈرەتتە، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئىنتايىن گۈزەل ئەكىس ئەتكەن، 48ياشقا كىرىپ قالغان ئايالغا ئەسلا ئوخشىمىغان. بىراق سىز بىلەمسىز؟ لى جىياشىن بۇندا بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەن؟
    ئۇ نەچچە ئون يىلنى خۇددى بىر كۈندە ئۆتكۈزۈپ، چېنىقىشتا ۋە يىمەك-ئىچمىكىنى كونتىرول قىلىشتا چىڭ تۇرغان.
    ئەمدى، 37ياشلىق چىن لەنگە قاراپ باقايلى!
    43ياشلىق يۈ شىمەن
    51ياشلىق جوۋ خۇيمىن
    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇنۇشىنى قايتا يىڭىلىدى.
    يەنە تېخى، ئىلگىرى دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالغان، سىنگاپورلۇق فوتوگراف چىن چۇەندومۇ بار.
    مەيلى ياسىنىشى ياكى روھى ھالىتىدىن بولمىسۇن، ئۇنىڭ 52ياشقا كىرىپ قالغان ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
    كىيىم كىيىۋالسا ئۇرۇق كۆرىنىدۇ، كىيىمىنى سېلىۋەتسە تەرەققى قىلغان مۇسكۇللىرى كۆرىنىدۇ؛ چىرايى بولسا ئەمدى قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەن يىگىتلەردەك كۆرىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئۇ چېنىقىش ئۆيىدە مۇنداق قىلىدۇ:
    سىرتلارغا ساياھەتكە چىققاندا بولسا...
    رەسمى تۈردىكى مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان بولسا مۇنداق بولۇپ قالىدۇ:
    چىن چۈەندوغا ئوخشاش بۇنداق مۇسكۇل ۋە بەدەن شەكلىگە ئىرىشىش ئۈچۈن، نەچچە يىل مەشىق قىلىپ قويغان بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ. كەسپى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە،  بۇنداق ئۈنۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن، بەدەن ساپاسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە     يەتكەن ۋاقىتتىن، يەنى 30-20ياش ۋاقتىدىن باشلاپ، پىلانلىق تۈردە ئاسراش ئېلىپ بېرىش كىرەك ئىكەن.
   ئاتالمىش ئاسراش قىلىش، چېنىقىش ئادىتى يىتىلدۈرگەندىن سىرت، يەنە تېخى، ئىلمى بولغان چېنىقىش ۋە يىمەك-ئىچمەك پىلانى تۈزۈپ چىقىش كىرەك؛ بۇندىن باشقا، بەدىنىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن پىلاننى تەڭشەش، ئەمما يىتەكچى ئىدىيىنى ئۆزگەرتمەسلىك كىرەك.
    ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ بەدنىنىڭ ھەر قايسى كۆرسەتكۈچلىرى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. پەقەت مىتابولىزىمدىن ئىبارەت بىر نوقتىدىنلا ئېلىپ ئېيتقاندا، 25ياش ۋاقىتتا، ئادەم ھەرىكەت قىلمىسىمۇ، بەدەندىكى كىرەكسىز ماددىلارنى مىتابولىزىملاپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ؛ بىراق 35ياشقا يەتكەندە بولسا، ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق ھەرىكەتلەنگەندە، ئاندىن ئوخشاش مىقداردىكى كىرەكسىز ماددىلارنى مىتابولىزىملاپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. ياش يەنىمۇ چوڭراق بولغاندا، تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، چىن چۈەندونىڭ چېنىقىش پىلانى بارغانسىرى بوشىشىپ ئەمەس بەلكى بارغانسىرى چىڭىپ بارغان.
    ھەر كۈنى قانۇنىيەتلىك ئاساستا بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ساغلام يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىمۇ، ياش يىگىتلەردەك بەدەن شەكلىنى ۋە قاملاشقان چىرايىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ.
    بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كىتىش ھەقىقەتەن تەس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاز بولمىغان كىشىلەر باشقا بىر خىل ئۇسۇلنى تاللىغان...
    بەدەن چېنىقتۇرۇشنى، گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر سىناپ كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى تىزلا ۋاز كەچكەن؛ چۈنكى، بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانى ھەقىقەتەن جاپالىق
    شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، "شۇنچە يىل جاپا تارتىپتىمەن، ئەمدى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى" دىگەن سۆز، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چىقىپ قالغان قوسىقىنى سىيلاپ تۇرۇپ ئۆزىگە بىرىدىغان تەسەللىسىگە ئايلىنىدۇ.
    كۆڭلىنى توختىتالماسلىق بىلەن بەرداشلىق بىرەلمەسلىك، ئوخشاش بىر ئىش؛ تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بىزنىڭ ۋاقتىمىز ھەقىقەتەن كۆپ قالمىدى.
    ھەربىر كۈندە پەقەت 24سائەتلا بار؛ ۋاقىتنى بالىغا ۋە خىزمەتكە بۆلۈپ بەرگەندىن كىيىن، چېنىقىش ئۆيىگە بارىدىغان، يۈگرەيدىغان، سۇ ئۈزىدىغان قاتارلىق ئىشلارنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
    ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ مىڭىسى ئىشلارغا تولۇپ كەتكەن، ئەمما ئازراق بىرەر قىسىمىنى بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويمىغان.
    ئوتتۇرا ياشتا سەمىرىپ كىتىشنىڭ باھانىسى نۇرغۇن؛ بىراق بىز ياخشى ئويلىنىپ باقساق، بۇنداق ئەھۋال راستىنلا ياخشى ئەھۋالمۇ؟
   ھەرىكەتلىنىش، بىزنىڭ مىڭىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، مىتابولىزىمنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تىزلەشتۈرىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر، ۋاقتىڭلار ھەرقانچە قىس بولسىمۇ، يەنىلا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ  چېنىقىپ قويۇڭلار.
   ئەمىلىيەتتە، كەسپى چېنىقىش ئۆيلىرىگە بېرىش زۈرۈر ئەمەس، ھەرىكەتلىنىشنىمۇ چوقۇم ۋەزىپە ئورنىدا كۆرىۋىلىشمۇ بىھاجەت. ھەر كۈنلۈكى ئاددىغىنا بىر نەچچە ھەرىكەت ئىشلەپ بەرسەك، ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىنى كونتىرول قىلىش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيمىز. بەلكىم، گېنىڭىز سىزنىڭ يۇقاردا تىلغا ئېلىنغاندەك بەدەن شەكلىگە ئىرىشەلمەسلىكىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن... بىراق سىز، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، ئوخشاشلا بىر جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام بولغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشى بولالايسىز.
    سىز بوش ۋاقتىڭىزنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ھەرىكەتلىنىشكە ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىز، سىزنىڭ ھەممە ئىشىڭىز ئاستا-ئاستا ياخشى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.
   ئەگەر ساغلام ۋە تېخىمۇ ياش كۆرىنىدىغان بولاي دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نەچچە قەدەم يولنى ئارتۇق يۈگرەپ قويۇڭ. ئادەم ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە، مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号